يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 669|ئىنكاس: 5

جىنەستە: ئاياللار ئۆزىمىزنى- ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
1
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئۆزىمىزنى- ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى!!!
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئادەم نەگىلا بارسا مەنىسى يوق مۇھەببەت ھىكايىلىرى ، ئادەمنى تولىمۇ بىزار قىلىدىغان بولدى . بولۇپمۇ ئاجىز ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ئەرلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىگى، ئاياق ئاستى قىلىنغانلىغى توغرىسىدىكى تەسۋېرلەنگەن ھېكايىلار،بەكمۇ جىق بولۇپ كەتتى . بۇ ھىكايىلەرگىمۇ ئەمدى قىزىقماس بولۇپ كەتتۇق .
نوۋەتتە ئەر ئايال باراۋەرلىگى ئەمەلگە ئاشتى .نۇرغۇن ئەر ئاياللار جەمىئيەتنىڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىسىنى ئورتاق باشقۇرىۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئاياللىرىمىز يوقىرىسى سىياسى سەھنىدىن تارتىپ ، تۆۋىنى قازان بېشىغىچە بولغان ئارىلقاتا يۈگىرەپ يۈرۈپ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن ئۈنسىز ئەجىر قىلىپ ئادەم پەرەز قىلالمىغىدەك قۇربانلىقلارنى بېرىش بىلەن بىرگە ئۆز خىزمىتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ جەمىيەت تەرەقىياتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشىۋاتىدۇ
. بىر قىسىملىرى ھەتتا داڭلىق شەخسلەرگە ئايلىنىۋاتىدۇ ، ئەلۋەتتە نەتىجە قازانغۇچىنىڭ ئارقىسىدا بىر ۋاپادار ، كۈيۈمچان مەسئولىيەتچان يولدىشى بار. يەنە بەزى ئاياللار بولسا تىرىشمايدۇ ، بىلىمىنى يېڭىلىمايدۇ<< ئەر ئۆينىڭ تورىگى >> دەپ ئويلاپ ، ئۆزى قۇربان بېرىش بەدىلىگە ، ئېرى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەق سالىدۇ . شۇ سەۋەپلىك ئېرى خىزمەتتە ئۆسىدۇ ، ياكى پۇلدار بولىدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئەرلەر،غەلبە قىلىۋېلىپلا ھەم ئۆزىگە <<ئاساس>>سېلىۋېلىپلا ، <<قۇدۇق كولىغۇچى>> نى ئېتىراپ قىلمايدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ .

نىمە ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدە ۋاپاسىز ئەرلەر بارغانسىرى شۇنچە كۆپىيىۋاتقادۇر؟ يەنە بىر قىسىم ئائىلىلەردە بولسا
ئەرلەر ، ئەر- ئاياللار مۇناسىۋېتىدە ساقتا قىياپىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا ئۇستا رولچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ .ئۇ ئوينىغان رولدىن قۇسۇر تېپىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . ئەمما ئاياللار يەنىلا بەك سەزگۈر....شۇنىڭغا ھەيرانمەن ، يەنە نىمە ئۈچۈن دۇنيادا ھېچنىمە بىلەن كارى يوق . پەقەت ئەرلىرى ئۈچۈنلا <<بىباھا تۆھپىلەر>>نى يارىتىدىغان ۋە ئەرلەرىنىڭ خاتالىغىنى سەزگەن تەغدىردىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ ۋاپادارلىق قىلىدىغان ئاياللار شۇنچە كۆپتۇر؟ بىر قىسىم ئەرلەرمۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن ، يامىنى كەلسە دات- پەريات ئېيتىپ يىغلايدۇ شۇ، دەپ ئېرەن قىلمايدۇ . بۇنىڭغا نىسپەتەن بەزى ئەرلەر ئايالى ئالدىدا قاتتىق قەسەم قىلىپ گۇناسىنى تونىغاندەك قىلسىمۇ ، يەنە بىر قىسىملىرى بولسا ، مەن دىگەن ئەر ساڭا يەنە نىمە قىلىپ بەرسەم رازى بولىسەن ؟ ئەتىگەندىن كەشكىچە ساڭا ھەمرا بولۇپ ئولتارسام بولامتى ؟-دەپ ھۆكىرەپ <<سەن تاز دىگىچە ، مەن تاز داۋالاي>> دەپ تېخى، گۇناسىز ئايالىغا بولمىغۇر گۇنالارنى ئاتىپمۇ قويۇدۇ . نىمە دىگەن بىمەنىلىك ژورناللاردا دائىم <<نەتىجە قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ئۇلۇق ئايال بولىدۇ >> دەپ يېزىپ ئاياللارغا بىھىساپ ماختاشلارنى ھەدىيە قىلىدۇ . بۇ خىل ماختاش بىلەن مەدىھىلەشلەر ئاياللارنىڭ ھەقىقى قەدىر-قىممىتىگە بولغان ئىختىدارنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ .

ھەر قانداق بىر قىز توي قىلىشتىن بۇرۇن . ئاجايىپ ئارزۇ  ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈدۇ . بۇ ئارزۇ  ئارمانلارغا يىگىت سەۋەپچى بولىدۇ . چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى بۇ يىگىتنىڭ ئوبرازى ، قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكى بىر ئەۋلىيا دىسەكمۇ ھەرگىز مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز......ئەجىبا ئاياللارنىڭ تەغدىر پىشانىسىگە تويدىن ئاۋال نازۇك. گۈزەل ،
ئەرلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان بىباھا گۆھەر ..... تويدىن كېيىن يۇۋاش يۇمشاق بولۇپ ئەرلەرنى كۈتۈپ ، ئۇلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ ، ئېشىنى ئېتىپ ، كىرىنى يۇيۇپ ، ئوتىدا كۈيۈپ. سۈيىدە ئېقىپ ، ئۇلارنى تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىتپ ،سافادا ياتقۇزۇپ تېلىۋېزور كۆرسۈتۈپ ، ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ چارچىغىنىگە قارىماي يەنە تېخى ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ بېرىش پۈتۈلگەنمۇ ؟ دۇنيادا ئەرلەر ناھايىتى بىخىرامان كۆڭۈللۈك ياشىشى ، غەلبە قازىنىشى ئاياللار بولسا ئەر ئۈچۈن ياشاپ ، ئۇلارنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلاپ ، ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشكە يول قويۇپ ، ئۇلارنىڭ غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتىشىگگ كۆپرەك پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ، ئەرلەرنىڭ بۇ ئۇلۇق لاھىيىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن چاۋاك چېلىشى كېرەك ... .- شۇنداقمۇ؟ ياق !ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس سەندىمۇ ئىرادە ، غورور بولىشى ، ئالغا ئىگىرىلەش روھىڭ بولىشى كېرەك ، چۈنكى بۇ رىقابەت دەۋرى .
ئەمما بەزى ئاياللار ھەقىقەتەن بەك دۆت . ئالدىغا كەلگەن پەن - تېخنىكا ئىگەللەش ، بىلىم ئاشۇرۇش ، خىزمەت ئالمىشىش پۇرسەتلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن قولدىن بېرىپ قويىدۇ . كۈن بويى ئەشۇ <<كىچىككىنە مۇھەببەت ئۇۋىسى >>نى ياساش كويىدىلا بولىدۇ . قۇشنى قەپەزگە سولاپ قويسا ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇچۇشنى بىلمىگەنگە ئوخشاش ، سەنمۇ تۇرمۇشتىكى چىقىش يولۇڭنى تېپىشتىن ئاللاقاچان مەھرۇم بولدۇڭ . كىم سېنىڭ قانىتىڭنى سۇندىرىۋەتتى ؟ كىم سېنى ھايات قىممىتىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۈتۈنۈپ بېرىشكە زورلىدى ؟ يەنىلا ئۆزەڭ.....ھازىر سېنىڭ ئالدىڭدا يېڭى پۇرسەت تۇرۇپتۇ . ئەگەر سەن ئەشۇ قەپەزگە ئاللىقاچان ۋىژدانىنى يوقاتقان ئەرنى سولاپ ، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئېسىلىۋالادىغان بولساڭ ، بىلىم قۇرۇلماڭنى ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرماي ، ئۆزەڭنى ئۆزەڭ ئۆزلىكسىز كۈچەيتمسەڭ سەن چوقۇملا تاشلاندۇق بولىسەن !
ئەكسىچە بولغاندا سەن بىر گۆھەرگە ئايلىنىسەن، سەندەك گۆھەرنى تاشلاشقا كىمنىڭمۇ كۆزى قىيسۇن ؟ شۇنىمۇ تەكىتلەپ قوياي ، ئائىلىنى تاشلا دىگەنلىك ئەمەس . ئائىلىنى سەرەمجان ياخشى باشقۇرۇش يەنىلا بىز ئاياللارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان موھىم ۋەزىپىسى ۋە مەجئبۇرىيىتى ، بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكەھەرگىز بومايدۇ . چۈنكى بۇمۇ بىزنىڭ مۈكەممەل ئايال بولىشىمىزدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى .
ئاياللارغا شۇنداق دىگىم كېلىۋاتىدۇ : بىز ھەرگىز ئاجىز ئەمەس ، پەقەت روھىيەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقلارلا بىزنى ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ .ماھىيەت جەھەتتە بىز بىر قۇلىمىزدا بۈشۈك تەۋەتسەك ، يەنە بىر قولىمىزدا جاھاننى تەۋرەتكۈچىلەر . ئەمما ھەر قانداق مۈشكۇلاتغا ئۇچىرىغىنىمىزدا ، بىزنى ھېچكىممۇ قۇتقۇزالمايدۇ . پەقەت ئاياللار ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزلا قۇتقۇزالايمىز......خالاس!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك سۆزلەر، ھەر بىر قۇرنى ئوقۇغىنىمدا بىر مەزگىل ئەرلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان كېيىن ئەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلگەن ئاياللار كۆز ئالدىمغا كەلدى.
جىنەستە ھەدىمىز توغرا دەيدۇ. بىز ئاياللار ھەرگىز ئاجىز ئەمەس. نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا ئەرلەدىن چىدامچانراق كېلىمىز.
بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز، توي قىلغاندىن كېيىن ئەرگە يۆلىنىۋېلىپلا ئۆزىمىزدە بار قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرماسلىقىمىز. بۇنداق ئەھۋاللار خىزمەت قىلمايدىغان ئائىلە ئاياللىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.ئەلۋەتتە، توي قىلغاندىن كېيىن ئەرنى ھۆرمەتلەش كېرەك.
ھۆرمەتمۇ ئۆز ئورنىنى تاپسۇن. سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئاياللىق ھۆرمىتىڭىزنى قىلدۇرۇڭ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
218
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:22:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن  خانىم  - قىزلار........

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى ھەدىدىن زىيادە ئەقىللىق مەن دەپ ھەممە ئىشتا ئەر كىشىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالسا، بارا-بارا ئەرلەردە ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە بەرىبىر مەن قىلغاننى ياقتۇرمايدۇ، ئۇنىڭدىن قىلمايلا قوياي دىگەن قاراش شەكىللىنىپ <ئەقىللىق>ئايال جاپادا قالىدۇ،بۇنداق ئاياللارمۇ ئاسانلا تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ.
ھەدىدىن زىيادە لۆم-لۆم ھەممە ئىشتا ئەرنىڭ ئاغىزىغا قارايدىغان ئۆز ئالدىغا مەيدانى ۋە كۆز قارىشى، دۇنيا قارىشى يوق ئاياللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەرلەر ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك ئەر كىشى بىلەن ئالغان ئىلگىرلەش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئائىلىنىمۇ يولىدا، بالىلار تەربىيسىنىمۇ يولىدا ئېلىپ بېرىش ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى ھەر - جەھەتتە مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق خانىم قىزلىرىمىزغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن. تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ كۈڭۈلدىكىدەك بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
دىلبەر ھەدەمنىڭ نادىر يازمىلىرى ئۈزۈلمىگەي .

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئەرلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان بىباھا گۆھەر ..... تويدىن كېيىن يۇۋاش يۇمشاق بولۇپ ئەرلەرنى كۈتۈپ ، ئۇلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ ، ئېشىنى ئېتىپ ، كىرىنى يۇيۇپ ، ئوتىدا كۈيۈپ. سۈيىدە ئېقىپ ، ئۇلارنى تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىتپ ،سافادا ياتقۇزۇپ تېلىۋېزور كۆرسۈتۈپ ، ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ چارچىغىنىگە قارىماي يەنە تېخى ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ بېرىش پۈتۈلگەنمۇ)
بۇماقالىڭىزدا تەسۋىرلەنگىنى خۇددى مەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى بۇندىن كىيىن ھەرگىز ئۇنداق
قىلمايمەن ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 07:00 , Processed in 0.049834 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش