تېمىسىغا ئىسمىنى يازسام باشقىلار بىلۋېلىپ قىزىقى بولمايدىكەن، شۇڭا ئىسمىڭىزنى يازمايلا سوۋغا تەييارلىدىم .
سالام سىزگە جاھاندار!
گەرچە دىدارلىشىش نىسىپ بولمىسىمۇ توردا كۈندە دېگۈدەل ھال-ئەھۋاللىشىپ سىردىشىپ كېلىۋاتقىلى بەش يىلچە بوپتۇ، بۇ جەريانىدا سىزنىڭ دوستلۇقنى قەدىرلەشتەك ئېسىل مىجەزىڭىز مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. بۈگۈن سىزنىڭ قۇتلۇق كۈنىڭىز ئىكەن، مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ سىزنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈنىكەن، مەن پەقەت سىزگە دوستلۇق قەلبىم، ئاددى سۆزلىرىم بىلەن<< تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن>>دىيەلەيمەن!
ئانىڭىزنىڭ سىزدەك ئوغۇلنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!
تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!
ئائىلىڭىز بەختلىك بولسۇن!
ئوماق ئوغلىڭىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!