يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 1

تور مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەبگالىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاپتۇرى : سىراجىدىن
      

    ئېتىقاد ، ئەخلاق، ئۆرپ - ئادەت، مىللەت دېگەن نەرسىلەر بىلەن كارىمىز يوق بولماقتا، ئەسلىدە تور دۇنياسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسىنى ئاشۇرۇپ، كۆز قارىشىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئەسىرگە لايىق خەلق سۆيەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
     بىر قىسىم تور بەت قۇرغۇچىلار تور بېتىنى خەلقنىڭ سەۋيىسسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قۇرماي ياشلارنى بۇزۇش، رەزىل ئورۇنلارغا باشلاش ئۈچۈن ياسىماقتا. تور بېتىگە قارىسا ئادەمنى سۆيۈندۈرگىدەك بىر دانە ماقالە تېپىلمايدۇ، قارىسا ھەممىسى بىز جەمئيەتتە قىلىپ يۈرگەن كۆيدۈم - پشتىمدىن باشقا گەپ يوق، ياكى بىر قانچە ناخشا، خالاس. بىكارلىق تور بەت ياكى ئەرزان باھالىق تور بەت دەپ، پەسكەش ئورۇنلارغا باشلاپ بارىدىغان ئېلانلارنى ئۇلاپ قويماقتا. باشقىلارنى بۇزغىنىنى ئاز دەپ، ياشلارنى تور دۇنياسىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ، تاپالماي قالغان سېسىق بەتلەرگە يول كۆرسەتمەكتە.
     سىز تور بېتىڭىزنى نېمە مەقسەتتە قۇردىڭىز دوستۇم، بۇزۇش ئۈچۈنمۇ ياكى خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟ باشقىلارنىڭ بۇزغىنى يەتمەي سىزمۇ ھەسسە قوشۇۋاتامسىز؟  مېنى قاتتق ھەيران قالدۇرغان بىر مەسىلە، مەزمۇنى خېلى ياخشى بەزى بىر تور بەتلەر چاي پۇلى كېلىدۇ، بىر نېمە پۇلى كېلىدۇ، دەپ قىزلارنىڭ رەسۋا سۈرەتلىرىنى ئۇلاپ، ياشلارنى تۇيۇق يوللارغا باشلىماقتا. ھاراق ئېلان قىلىپ ياشلارنىڭ ئەقلىنى مەس قىلىپ، مەدەنىيەت يولىغا ئورەك كولىماقتا. ئەقىلنى مەس قىلىپ، قانداقمۇ تور مەدەنىيتى ياراتقىلى بولسۇن؟ ئۆز ۋاقتىدا نىزامدىن ھۈسەيىن ، ئابدورۇپ پولات، ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشاش ئۇستازلىرىمىز بىزدىكى ئەبگالىق ۋە ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ئارقىمۇ - ئارقا ماقالە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلغان ئىدى، بۈگۈنمۇ يەنە شۇ ئۇستازلارغا ئوخشاش قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تور مەدەنىيىتى يولىدىكى ئەبگالىقلار توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى دەپ قارايمەن.
    ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇيغۇرلار 98 - يىلى خەلقئارالىق تور مەلۇماتىغا قەدەم قويدى. دەسلەپتە ئۇيغۇر سوفىت تور بېتى، ئاندىن ئالماس سوفىت دېگەندەك تور بەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ۋۇجۇتقا كەلدى، بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە تور بەتلەر بىر ئاز ئالغا ئىلگىرلەپ، قىسمەن خەلقنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان تور بەتلىرىمۇ بارلىققا كەلدى. قۇلاققا ياقىدىغاندىن بەكرەك ياقمايدىغانلىرى كۆپ ساننى ئىگلىدى. تەخمىنەن ئالتە يىل ئىچىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى ئويلاپ كۆرسەك ، ئۇيغۇرلاردىكى تور ئىجادىيىتى ناھايىتى ئاستا بولغان، بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىللىرىنى ياساپ، بىر قانچە تال خەت نۇسخىسىنى ھەقسىز تارقاتقان بولدى، قولىمىز ئەمدى بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ كونۇپكىلىرىغا كۆنەپ تۇرغاندا، ئالماس سوفىت شىركىتى چىقىپ، ئۇيغۇر سوفىت خەت نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش خەت نۇسخىسى ياسىغان بولسىمۇ، بىر كونۇپكىنى ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئارسىدىكى پەرق ناھايىتى ئاز، بوپتۇ دەيلى!… ئاندىن كېيىن تور دۇنياسىغا كۆزىنى ئېچىۋاتقان ياشلار مەنمۇ بىلىمەن، قىلالايمەن دىگەندەك قىلىپ بەس - بەستە كونۇپكىلىرى ئوخشىمايدىغان خەت نۇسخىلىرىنى تور بەتلىرىدە تارقىتىپ، يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنى قايمۇقتۇرغان بولسا، ئۇيغۇرلار تور مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى بىر قانچە يىل كەينىگە سۈرىۋەتتى. خەت نۇسخىسى ياسىلىپ بولغاندىن كىيىن، شۇ خىل كونۇپكا بىلەن ئۇنىڭدىن چىرايلىقراق خەت ياسىغان بولسا، ياخشى بولاتتى، قارشى ئالاتتۇق. كۈچىنى بۇ ئاقماس ئىشلارغا سەرىپ قىلغىچە باشقا پىروگىراممىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولسا ياكى يېڭىدىن ئىجات قىلغان بولسا، بۇ چاققىچە ئۇيغۇرلار تور مەدەنىيتىدە كۆزگە كۆرنەرلىك تەرەققى قىلغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ھازىرغا قەدەر خەت نۇسخىسى بىرلىككە كىلىپ بولالمايۋاتىدۇ، ئۇيغۇر سوفىت قەدىمى شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 5 يىل ئىلگىرى ئەرەپچىدىن ئۆزگەرتكەن ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسىنى بازارغا سالغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئىنگىلىزچە ھەرىپ كونۇپكىسى شەكلىدە يېڭى خەت نۇسخىسىنى بازراغا سالدى.
     نەچچە يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر سوفىت خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن قېرىنداشلار، يېڭى خەت نۇسخىسىنىڭ كونۇپكىسى ئالدىدا گاڭگىراپ قالماقتا. قايسىنى ئاساس قىلىشنى ئايرىپ بولالماي قىيلانماقتا. قوربان بولغۇچى كىم؟ ئوقۇرمەن ۋە كومبىيوتىر ھەۋەسكارلىرى. بىراۋ بىر خىل خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ ماقالە يازغان بولسا، يەنە بىر خىل خەت نۇسخىسى چىقىپ، كونا يازغان ماقالىسىنى توردا ئىلان قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە. بەسلىشىش ياخشى ئىش، ئىجاتكارلىق روھىنى قوللاشقا بولىدۇ، لېكىن بىزدىكى بەسلىشىش روھى مەنمەنچىلىك ۋە باشقىلار قىلغاننى مەن قىلالمامدىكەنمەن دەيدىغان ئوسال مىجەزدىكى بەسلىشىشتۇر. ھەمكارلىق ئىچىدە رىقابلەتلەشكەن بولساق ۋە يېڭىلىق ساھەسىدە بەسلەشكەن بولسا خېلى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولار ئىدۇق.



مەنبە : قۇرداش تورى
ئاپتور: Karahan

[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:01  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىلىرى ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك ئىكەن.
مېنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر تورچىلىقى ھازىر بوۋاق مەزگىلىدىن ئۆتۈپ نارەسىدە مەزگىلىدە ئۆز يولىنى ئانچە-مۇنچە تېپىپ ماڭاي دەۋاتىدۇ.
بۇ نارەسىدىنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزىمەتتەك بالا بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تېخى خېلى يىللار كېتىدۇ.  تورغا چىقىۋاتقان، تور بەت قۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ يۇمران مايسا كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تور بەتنى قۇرۇشنى نىشان قىلغان ھەر بىرىمىز ئاۋال ئۆزىمىزگە مۇشۇ تور بەتنى نېمە ئۈچۈن قۇرىمەن؟ خەلقىمگە قانچىلىك مەنپەئەت يېتىدۇ؟ دېگەننى ئويلىنىۋېتىپ قۇرىشىمىز كېرەك.
ئەلۋەتتە توردىن ئۇنچىۋالا چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بىراق، بىزلەر توردىن ئايرىلالمايدىكەنمىز تورنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
2005-يىلدىن بېرى تور مۇنبەرلىرى ياشلارغا  بىلىملەرنى بېرىپ تورغا چىققۇچىلارنى ئويۇن-تاماشىدىن ئازراق بولسىمۇ يىراق قىلغانىدى. 2009-يىل 7-ئايدىكى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئېسىل مۇنبەرلەردىن ئايرىلىپ قالدۇق.شىنجاڭ ئىچىدە تور پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەن مۇشۇ 8ئايدىن بېرى تورغا چىقىدىغان ياشلىرىمىز خېلىلا گاڭگىراپ قالدى. بىر مەزگىللىك بوران-چاپقۇن ئۇلارنى ئېھتىياتچان بولىدىغان بىر ئىشلاردا سەل ئىككىلىنىدىغان قىلىپ قويغانىدى.بەزىلىرى توردىن سۇۋۇغانمۇ بولدى. يەنە بەزىلىرى ئۈمىدسىزلەنمەي تېخىمۇ تىرىشىپ پارلاق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
تېما يازغۇچى ئالماس سوفىت تور بېتىنىڭ گېىپىنى قىپتۇ. مەن بۇ تور بەتنى 2005- يىلنىڭ بېشىدا بىلگەنىدىم. ھەمدە بۇ شىركەت ئىشلىگەن "ئالماس كومپيۇتېر ئۆگۈتۈش دىتالى" قاتارلىق بىر تۈرلۈك يۇمشاق دىتاللارنىمۇ سېتىۋالغان. بۇ دىتاللار خېلىلا مۇكەممەل ئىشلەنگەن ئىدى. 2006-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىغۇ دەيمەن ئالماس سوفىت تاقىلىپ قالدى. تور بېتىمۇ ئېچىلمايىتتى. بەلكىم شىركەتنى قۇرغۇچى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغاندۇ ياكى بەشقا سەۋەبلەرمۇ بىلمىدىم.
ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى ئىچىدىكى تىرىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىزدىنىشچان شىركەت دەپ قارايمەن. بۇ شىركەتنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:48 , Processed in 0.050481 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش