يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 3

ھەسەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
46

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەسەت
(ۋۇ گۇنجۇڭ)



ھەسەت پەندورانىڭ سېھىرلىك قۇتىسىدىن چىققاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا تارقالدى، ئەمما ئىنسانلار ئۇنىڭ شەكلىنى ئېنىق كۆرەلمىدى: ئۇ يۇمىلاقمۇ ياكى ئۇزۇنچاقمۇ، ئورۇقمۇ ياكى سېمىزمۇ، ياۋۇزمۇ ياكى قوي تېرىسىغا ئورۇنۇۋالغان بۆرىدەك مۇلايىممۇ؟ بالىلىق چاغلىرىمدا مۇئەللىم باشقا ساۋاقداشلىرىمنى ماختاپ قويسا، مەن بەك ئازابلىنىپ كېتەتتىم، بۇ مېنىڭ گۆدەك قەلبىمدە ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان ھەسەت بولۇشى مۇمكىن. بۇخىل ھەسەت مەندە ئىككى تۈرلۈك قاراشنى پەيدا قىلدى: بىرى، تىرىشىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىش؛ يەنە بىرى، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش.
  چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەسەتتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىنىڭ ھەممىلا جايدا مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئەسلىدە ئۇ ھايات بىلەن بىللە ياشاپ بىللە ھالاك بولىدىكەن. قەدىمدىن تارتىپ، ھەسەت سانسىزلىغان ماجىرالارنى، ھەتتا ئۈرۈشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىنسانىيەت تارىخى ھەسەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، «تىرىكچىلىك»بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. «ئوخشاش كەسىپتىكىلەر رىقابەتچى كېلىدۇ»، «ئەدىبلەر بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدۇ»دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەك- شۈبھسىزكى ھەسەتتىن كەلگەن. مەنپەئەتنى دەپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ، يەنە ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ، تىنچلىقتا بىرگە ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىۋاستە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ، زىدىيەتنى ئاشكارلاپ، ھەسەتنى رىقابەتكە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، قايچا كوچىسى، دۇمباق كوچىسى، گۈل بازىرى كوچىسى، قوي بازىرى كوچىسى، كالا بازىرى كوچىسى....پەيدا بولدى. ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك ئۇيۇشما ۋە جەمىئىيەت تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىقتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرىت ئاسىتدا زىددىيەتنى سۇسلاشتۇرۇپ، ھەسەتنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ھەسەتنى مەڭگۈ يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. خەن يۈي: «خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغانلار تۆھمەتكە، ئەخلاق-پەزىلەتلىكلەر ھاقارەتكە ئۈچىرايدۇ» دەپ ھەسىرەت چەككەن. چىيەن جۇڭشۇ «سۆز-چۆچەككە قالماسلىق»ئۈچۈن، ھەر قايىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن.
  ئەمەلىيەتتە، ھەسەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى، كۈچلۈكلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. پەقەت ئاجىز ۋە پەسكەشلەرلا ھەسەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، پەندورانىڭ ھەسەتنى قويۇپ بەرگەنلىكىدىن ئاغرىنماسلىق كېرەك، ئۇ ھەسەت ئارقىلىق كىشىلەرنى سىنايدۇ ھەمدە پەقەت تامامەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى تۈرلۈك يولنى كۆرسىتىدۇ.

تەرمىلەر ژورنىلى 2010-يىللىق 11سانىدىن ئىلىندى
  مەنبە :كايىنات تورى

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمغا ئاساسلانغاندا ھەسەت ئادەمنى توغرا يولغىمۇ ھەم خاتا يولغىمۇ باشلايدۇ سەپ قارساق بولغۇدەك،،،،،،،  منىڭ يا ياشاش مەيدانىم يوققمۇ ..ياكى مەن ھەسەت قىلنشى بىلمەمدىم ...  كاللامغا نىمە ئىش كەلسە مەيلى توغرا بولسۇن مەيلى خاتا بولسۇن قىلىپ باقمەن ،،،،  بۇرۇن مەن دۆلەت مەمۇرى بۇلۇشنى ئويلايتىم ... دۆلەت مەمۇرىمۇ بولدۇم ..ئەممە 4 ئاي ئىشلەپ ئىستىپا بەردىم ..ئويدىككلەر ۋە دوسلۇرۇم نۇرغۇن سۆز چۇچىكلەرنى قىلدى ،،،  لكىن ئاشۇ سۆز چۆچەكلەر ماڭا  ھەسەت قىلغۇدەك بىر يولنى تىپىپ بەردى ،،مەن ئاۋال ھازىر قىلۋاتقان سۈرەتچىكلمنى راۋاجلاندۇرۇپ ،،، باشقلار ھەسەت قىلدىغان ماشنا . .ئوي  بەختلىك تۇرمۇشقا ئىرىشپ ،،، باشقلار ھەسەت قىلغۇدەك ياشاشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم

پۇل تىپىش   http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 11:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇھەسەت  قىلىش كەسىپ خىزمەت، ئوگىنىشتىلا ئەمەس  بەلكى بەخىتلىك ئائلىلەرگىمۇ زەھەرلىك قوللىرىنى سۇنماقتا ،ئوتتۇردىكى نىكاھ قانچە ئاجىز بولسا ھەسەت شۇنچە تىز غەلبە
قىلىدىكەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئىمزايىم:
باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ۋە ھەسەت قىلغۇدەك ياشاشنىڭ ئۆزى بەخت. ئەمما مەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسىنىڭ كىيمىگە، دۇنياسىغا، چىرايىغا ھەسەت قىلىپ باقمىغان ھەم ھەۋەسمۇ قىلىپ باقمىغان، چۈنكى مەن ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنىڭ كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇشۇمغا ھەۋەس قىلىمەن، قولۇمدىكى بەختكە ھەۋەس قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:22 , Processed in 0.045802 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش