يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 1

يالغان ئېيتىش ــ چوڭ گۇناھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
46

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان ئېيتىش سەمىمىيەتسىز ئادەملەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇخىل ئادەملەر بەك خەتەرلىكتۇر. سەمىمىيەتسىز بولغاچقا، بۇنداقلارنىڭ باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى ئۈزۈنغا بارمايدۇ. ھەمكارلىق ۋە ئومۇملۇق روھى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ بەخىت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. «باھانىگە يول قويما!»__ بۇ يالغانچىلىق بىلەن ئالدامچىلىققا بېرىلگەن دەككىدۇر. «باھانىگە يول قويمىغان»دا باھانە توقۇش ئۈچۈن يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سەمىمىيلىك ئادەمنى ھەم ھىماتلىق ھەم سۇباتلىق قىلىدۇ.
  غەربىي پوينتتا سەمىمىيلىككە بەك ئەھمىيەتكە بېرىدۇ. يالغانچىلىق -غەربىي پوينتنىڭ نەزىرىدە چوڭ گۇناھتۇر. مەن مەكتەپكە كىرگەن ھامان 16 سائەتكە سوزۇلغان «شەرەپ مىزانى» تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدىم. غەربىي پوينتنىڭ «شەرەپ مىزانى»ناھايتى ئاددىي، بىۋاستە ۋە مۇئەييەن بولۇپ، يالغانچىلىققا يول قويماسلىق __ ئۇنىڭدىكى بىرىنجى نۇقتىدۇر. «غەربىي پوينتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يالغانچلىق، ئالدامچىلىق ۋە ئوغىرلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى، باشقىلاردىمۇ بۇخىل قىلمىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويماسلىقى كېرەك.» غەربىي پوينتنىڭ يالغانچىلىققا قارىتا بۇنىڭدىن سىرت تۆۋەندىكىدەكمۇ بەلگىلىمىلىرى بار:
كۇرسانتلارنىڭ ھەربىر سۆزى راست، شەكسىز، ئاغىزاكى ۋە يازما بايانلىرى چىن بولۇشى لازىم. قەستەن يالغانچىلىق قىلغان ۋە توقۇغان ئاغىزاكى ۋە يازما بايانلار «شەرەپ مىزانى»غا مۇخالىپتۇر.
غەربىي پوينتنىڭ قارىشىدا شەخىسىنىڭ ئىمزاسى ياكى ئىسىم -فامىلىسىنىڭ باش ھەرىپى بىر تۈرلۈك يازما ئۇچۇرنى تەستىقلىغانلىقىدۇر. كۇرسانتنىڭ ھۆججەتكە ئىمزا قويغانلىقى ئۇنىڭ شۇ ھۆججەتنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىنى بىلگەنلىكىدىن. بولمىسا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇبارەك نامىنى يازمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
غەربىي پوينتتا يەنە: كۇرسانتلارنىڭ ھەربىي سەپتىلا سەمىمىي، ئىشەنچىلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەرقانداق مۇھىتتا بۇ خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى لازىم، دەپ قارىلىدۇ.
  ھەقىقىي سەمىمىيلىك باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگىمۇ ساختىلىق قىلماسلىقتا ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، غەربىي پوينت كۇرسانتلاردىن باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگىمۇ يالغانچىلىق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
غەربىي پوينتنىڭ سەمىمىيلىك ۋە يالغانچىلىققا يول قويماسلىق ھەققىدىكى ئۆلچىمىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئۆلچىمىدىنمۇ بىر پەللە يۇقىرى، دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بىر كۇرسانت كارىدوردا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يولۇققان كوماندىر ئۇنىڭدىن: «ئەتىگەن ساقال - بۇرۇتۇڭنى قىردىڭمۇ؟»دەپ سورايدۇ. سوئالنىڭ بەك تۇيۇقسىز سورالغانلىقىغا قارىماي، دەرھال جاۋاب بېرىش شەرت بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا شۇ ھامان مازغاپ سۈركەلگەن يۈزى كېلىدۇ-دە «قىردىم، باشلىق»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كەلگىنى ئالدىنقى كۈندىكى ئەھۋالدۇر. بۇ غەرەزسىز سەۋەنلىك بولغاچقا، يالغانچىلىق دېيىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ كوماندىر كۇرسانتتىن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى سورايدۇ. نېمىشقا دېگەندە، غەربىي پوينت، كۇرسانتلار ئۆز خاتالىقىغا يۈزلىنىدىغان ۋە ئىگە بولىدىغان بولمىسا كەلگۈسىدە قەستەن خاتا دەيدىغان بۇ يالغانچىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىدىغان، ھەتتا مۇشۇنداق قىلىشنى شەرەپلىك دەپ بىلىدىغان مۇتىھەملىككىمۇ مۇپتىلا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
  مۇشۇنداق قاتتىق تەلەپ بىلەن چېنىقتۇرۇش غەربىي پوينتىن چىققان ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى مۆلچەرلىگۈسىز مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈردى. ئۇلار نۇرغۇن ساھەلەردە، بولۇپمۇ سودا ساھەلىرىدە كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. غەربىي پوينت ماڭا: سەمىمىيلىكنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنى؛ ئالدامچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن پايدىلارنىڭ خالىسلىق، مەنپەئەت ئالدىدا تەۋرەنمەسلىك، ھەرقانداق شارائىتتا سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇشتەك ئېزگۈ پەزىلەتلەر ئاتا قىلىدىغان بىباھا قىممەت ئالدىدا تولىمۇ ئەرزىمەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭغا كېپىللىك قىلالايمەنكى، غەربىي پوينتنىڭ سەمىمىيلىك ۋە يالغانچىلىققا يول قويماسلىق ھەققىدىكى نەزەرىيىسى سودا ساھەسىگە، ھەربىر كارخانا، ھەربىر خادىمغا گەپ -سۆزسىز باب كېلىدۇ.
ئەپسۇسكى، رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇنلارنىڭ نەزىرىدە يالغانچىلىق بىلەن ئالدامچىلىقتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئالدامچىلىقنى ۋاستە قىلىش يۇقىرى قىممەتكە ئىگىدۇر. ئۇلار بى پۈتۈن سەلبىي تەرەپتە تۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلماسلىقى مۇمكىن، بىراق ھەرقاچان دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەرنى يوشۇرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ سەمىمىي ئادەم قىلىشقا تېگىشلىك گەپلەرنى قىلمايدىغانلىقى؛ ئۇلار ئادەتتە دۇرۇسلۇقتا تۇرۇشنى خالىشى مۇمكىن، بىراق ئىشلار شەخسىي مەنپەئەتىگە تاقالغان ھامان، دۇرۇسلۇقتىن داجىپ، دۇرۇس گەپ، دۇرۇس ئىش قىلمايدىغانلىقى مۇقەررەر.
«باھانىگە يول يوق!»__ بۇ يالغانچىلىق بىلەن ئالدامچىلىققا دەككىدۇر. چۈنكى «باھانىگە يول قويمىغان»دا باھانە توقۇش ئۈچۈن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سەمىمىيلىك بىلەن راستچىللىق ئادەمنى ھىماتلىق ھەم سۇباتلىق قىلىدۇ. ئادەمنى باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە نائىل قىلىشتا دۇنيادا سەمىمىيلىك بىلەن ئىشەنچىلىكتىنمۇ ئارتۇق، ئېسىل ئېلان بولمىسا كېرەك. سەمىمىي ئادەملەر ئادالەت بىلەن راستچىللىقنى قالقان قىلىدىغان بولغاچقا، دۇنياغا قىلچە خۇدۈكسېرىمەسىتىن بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ. يالغانچىلارنىڭ ھالىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن، سەن بىر سەمىمىيەتسىز؛ سەن بىر بەدبەخ، سەن بىر ساختىپەز»دېگەن سادا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.
يالغان ئېيتىش-سەمىمىيەتسىز ئادەملەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇخىل ئادەملەر بەك خەتەرلىكتۇر. سەمىمىيەتسىز بولغاچقا، بۇنداقلارنىڭ باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى ئۈزۇنغا بارمايدۇ، ھەمكارلىق ۋە ئومۇملىق روھى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ بەخىت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. يالغانچىلىق بىلەن سەمىمىيەتسىزلىكنى بۇ ساقسىزلىقلارغا مۇپتىلا بولغان قەلبى ئەيىبلەپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇ ئەيىبلەشتىن قۇتۇلۇشقا ئاجىزدۇر.

شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان، فىرور.كېيىپ(ئامېرىكا) نىڭ«مۇۋاپپەقىيەت بىرخىل پوزىتىسيە»ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.  

مەنبە كايىنات تورى   
ئادرېس: http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&;tid=2228

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 10:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ؛يالغانچىنىڭ قۇيرىغى بىرتۇتام >>دەپتىكەن .بىرقېتىم يالغانچىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ
قالغان ئادەمگە ئومۇر بۇيى ئشەنگۇسى كەلمەيدۇ ،شۇڭا ھەرقاندا ئادەم ئمكانبار  راس سوزلۇك
بۇلۇشى كېرەك،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:16 , Processed in 0.044383 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش