يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 2

ئەجدادلار نەسىھىتىدىن:( داۋامى ) مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
24 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
50

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 20:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئۆيىڭىزگە بىرەر ئادەمنى تەكلىپ قىلغان بولسىڭىز،ياكى چاقىرمىغان بولسىڭىزمۇ،كۆڭلى تارتىپ ،سىز بىلەن بىر ئاز سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇش مەقىسىتىدە،ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇپ كەلگەن بولسا،سىز ئۇنى خۇش-خۇي قارشى ئېلىپ،ھۈرمەت بىلەن كۈتىۋېلىڭ.سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ.يوقلاپ كەلگىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ،تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭ. ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن ،دەرھال داستىخان سېلىپ،تاماق كەلتۈرۈشكە ھەركەت قىلىڭ.ناننى يېتەرلىك قىلىپ ئۇشتۇڭ،كۆپ ئۇشتۇپ قويسىڭىز،نان ئىسراپ بولىدۇ.ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىڭ .مېھماننى «قېنى مەزەلەرگە بېقىڭ»دەپ تەكلىپ قىلىڭ ۋە ئۆزىڭىز باشلاپ بېرىڭ.مېھماندىن ئاۋۋال قولىڭىزنى تائامدىن تارتىۋالماڭ.ئاز-ئازدىن بولسىمۇ بىرلىكتە يىگەچ ئولتۇرۇڭ.بولمىسا مېھمان خىجىل بولۇپ قېلىپ تاماقتىن قولىنى تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
   مېھماننى «قېنى ئېلىڭ»دەپ ھەددىدىن زىيادە قىستاۋەرمەڭ.ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ.داستىخانغا قويۇلغان تاماق ئاز بولسا،ئۆزىڭىز ئاز-ئازدىن ئېلىپ ،كۆپنى مېھمانغا يىگۈزۈڭ.مېھمان تويۇپ،تائامدىن قولىنى تارتقاندىن كېيىن ،دەرھال قولىغا سۇ قويۇپ،پاكىز لۆڭگە بېرىڭ.مېھمان بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغاندا،ئۇنىڭ روھى ھالىتىگە دىققەت قىلىپ سۆزلەڭ.ئۇنىڭ روھى ھالىتى كۆتۈرەلمىگۈدەك سۆزلەر ئاغزىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن.بولمىسا بەزى سۆزىڭىز ئۇنىڭغا ئېغىر  تۇيۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.مېھمان ئالدىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرەرىنى دۈشكەللەپ،قاتتىق سۆزلەرنى قىلماڭ، بولمىسا مېھماننىڭ كۆڭلىگە ھەر خىل ئويلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. مېھمان كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرسا،ئۇنى ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىپ،ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەپ خوشلىشىڭ ،يەنە كېلىپ تۇرىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۆتۈنۈڭ.
  ئەگەر سىز كۆپ كىشىنى مېھمانغا چاقىرسىڭىزمۇ،ئوخشاشلا يۇقىرىدا ئېيتىلغان مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ،قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشىڭ.

(مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن رەتلىگەن « ئەجدادلار نەسىھىتى » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. داۋامى بار... )

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىزبۇمانا بىز ئويغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ ساخلىنىپ كىلىۋاتقان ئورۇپ -ئادەت  
شۇڭا بىزنى باشقامىللەتلەر مىھمان دوست مىللەت دەپ ئاتايدۇ ئەمەسمۇ ؟
ئەممابەزى كىشىلەر دە ئادەمنىڭ مەرتىۋىسىگە قاراپ سۇرۇنغا باشلايدىغان ھەم مۇئامىلە قىلىدىغان ناچار ئللەت پەيدا بولماقتا  .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قائىدە يوسۇنلار بارا -بارائۇنتۇلۇشقا يۇزلىنىپ كىتىپ بارغان بۇگۇنكى كۇنلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ ئىسىل تىما بوپتۇ!داۋامىنى كۇتىمىز ......

يۇم كۆزۇڭنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 04:46 , Processed in 0.050078 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش