يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 12

كىچىك ۋاقىتتىكى ئويۇنلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارايدىغان بولساق ، ھازىر توردىكىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ، 30 ياش بىلەن 18 ياش ئارلىقىدىكى ياشلاركەن .ھازىر ئۇچۇر تور تەرەققىيات دەۋرىدە  بۇرۇنقى ئىشلارنى ئاساسەن ئۇنتۇدۇق ، لېكىن بەزى تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ئۇنۇتماق قىيىن ..............
شۇ ئەسلىمىلەرنى بىر ئەسلەپ باقايلى.......

بۇ ئويۇننى ئاقسۇدا ئالامباي دەيدۇ ، باشقا تەرەپتە مەرمەر دەمدىكىن .




رەڭلىك مەرمەر ئويناپ باققانمۇ ؟



سۈزۈك مەرمەرچۇ ؟



بۇنى دېمىسەممۇ نۇر چۆگىلىتىش دەيمىزغۇ ؟ مۇزلۇقلاردا سوقاشتۇرۇپ ئويناپ كېتەتتۇق ......



قېنى كىمنىڭ يامان ....



رەگەتكە ، يامان نەرسىتى جۇما .....



رەگەتكىنىڭ سىزمىسى، يېنىدىكى بۈركۈت ئاتىدىغان قۇرال .



سۇ تاپانچىسى ، شۇ ۋاقىتلاردىكى 2 موچەنلىك ئىلغار قۇراللار ....



شۇ ۋاقىتتىكى تاسمىلىق قۇرال ، قەغەزنى قاتلاپ قىزلارغا ئاتاتتۇق ، قىزلار مۇئەللىمگە ئەرىز قىلسا ، خانىمدىن پەشۋا تېپىك يەيتتۇق .....



تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە ، مانا تەييار جۇما ....



ما تاپانچا بىلەنغۇ خوشۇم يوقتى ، ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق .



چىۋىن ئاتىدىغان 81 تىپلىق قۇرال



كېرەكسىز پولات سىمدىن ياساپ بىرەتتى دادام ، سىزگىچۇ ؟



بۇ ئۇيۇننىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ، ئىشقىلىپ خەت يېزىپ تۇشۇپ قالغان دەپتىرىمنى مۇشۇ ئۇيۇنغا سەرىپ قىلاتتىم .



تەپسىلى قاراڭ ، يادىڭىزدا بارمىكىن .



بۇنى كىچىك ۋاقتىمىزدا ياڭخەر دەيتتۇق ، ئىسسىق سوغۇققا قارىماي ئوينايتتۇق ، چىدىماسلىق قىلسا ، كىچىككىنە قەغەزنى دەپ قاش قاپاق ياراتتۇق .



بۇنىڭ ئىسمى چىرايلىق ئىدى ، ئۆگىنىش قىلىش قۇرالى دەپ ، ئەمىلىيەتتە ئويۇن ئوينايتتۇق.



شۇ زامانلاردىكى( شىئاۋ باۋاڭ ) ماركىلىق ئويۇنچۇق



ئاشۇ ئۇيۇنچۇقتا ئوينايدىغان ، خۇڭدۇلۇ ناملىق ئويۇن .



بۇ ئويۇنمۇ بوپ قوياتتى ، ھە .....



ئويلاپ باقسام ، شۇ ۋاقىتتىكى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنىڭ قەتتىلام تايىنى يوقكەنتۇق .



ئويناش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئويۇن ، موگو ......



مەكتىپىدە دەرەخ يوقلار بۇ ئويۇننىڭ نېمىلىكىنى ، قانداق ئوينايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ؟  قېنى دەپ بېقىڭ قانداق ئوينايدۇ ؟



ئېشەك دەمدۇق بۇ ئويۇننى ؟



ئاتقا مىنىپ كۈچ سىنىشىش ، ئەلۋەتتە مىنىدىغىنىمىز ئات ئەمەس .



ئىلاستىكىلىق رىزىنكە نەيچىگە سۇ قاچىلايتتۇق ، ئۇچىغا كېرەكتىن چىققان ماي قەلەمنىڭ پولات ئۇچىنىڭ شارىكىنى چىقىرىپ ئۇلايتتۇق ، بۇنداق سۇ چېچىش ئويۇنچىقى خېلى مودا بولغان .



نان يە دەپ بەرگەن 5 موچەنگە ، ماۋۇ كېرەكسىز تامغىنى ئېلىپ ، ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ دەپتەرلىرىگە ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەتتىم ، يېرىم كۈن ئاچ قورساق يۈرەتتىم ، ھەي كىچىكلىك .......



ماۋۇ پىۋىلارنىڭ ئېغىزىنى تۈزلەپ ، تەڭگە قىلىپ ئوينايتۇق .......



ئاچقۇچلارغا ئېسىۋالىدىغان ، ئەڭ ئىلغار قۇراشتۇرما ئويۇن .



قىزلارنىڭ پولاتتەك قاتتىق قوچىقى ، ھازىرغۇ مامۇقتەك يۇمشاق بولاپ كەتتى ، ھەي مەمۇرچىلىق ....



سۈرتۈپ قويساق ، 5 سىكۇنىتتىن كېيىن ئېتىلىدىغان پوجاڭزا ....



بۇرۇن چەمبەر ھەيدەيتتۇق ، ھازىر ماشىنا ھەيدەيمەندە ...



ما نەرسە يادىڭىزدىدۇ ؟



مۇشۇ ئويۇننى ئوينايمەن دەپ ، ئۆيدە ئاپامدىن ، مەكتەپتە مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلايتتىم .



كېيىن بۇنىڭ ، ئاچقۇچقا ئاسىدىغىنىمۇ چىقتى دېسە .....



بۇ پاقا يادىڭىزدىدۇ ؟ تولغاپ قويساق خېلى يەرگىچە سەكرەيتتى



قىممەتلىكى مۇشۇ تايىنى يوق ئويۇننىڭ ....



بۇنىمۇ ئويناپ باققان بولغۇيتىڭىز ، ئىچىگە قارىسىڭىز ھەرخىل مەنزىرە ، ھەرخىل كۆرىنىش چىقاتتى



بۇنى قاتلاپ باققانمۇ ؟



قەھرىمان ناملىق رەڭ قەلىمى ، بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ مۇشۇنداق ئىدى ، مەن رەڭ قەلەم ئىشلەتكىدەك بولغۇچە بازاردىن يوق بولدى



كېپىنەك ماركىلىق خاتىرە دەپتەر ....



ئۇچلۇغۇچ قەلەم ، ھەممىنى سالاتتۇق ، يۈتسە يىغلايتتۇق ، دېگەندەك ....



سۈپۈرگىسى ، ئۆچۈرگۈچى بار ، قەلەم ئۇچلۇغۇچ ....



ئەرزان باھالىق ئۆچۈرگۈچ .




قىممەت باھالىقى ....



شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار قاتناش قۇرالى ، يۇڭجۇ ماركىلىق ۋېلسىپىت .



دادىمىز مىنسە ، بىز مىنمەي قالساق بولماس ...



بەخىت ماركىلىق موتسىكىلىت ، شۇ ۋاقىتتىكى پۇلدارلار مىنەتتىغۇ دەيمەن ھە ...



جىئەنلىباۋ ، بايراملىق ئىچىملىكىم ئىدى مىنىڭ ...



ساۋاقداشلار ئارا داڭلىنىپ سۈمۈرىدىغان ، تەملىك سۇ ...



قۇناق ، گۈرۈچ ئېتىلدۇرىدىغان بوۋايلار ، ھازىر يوقاپ كەتتى دېسە ...



پاختا كەمپۈت ، ئامراق ئىدىم .....



چوڭ - چوڭ ماركىلىق ، سېغىز.....



ھازىر بەلكىم ئاسارى ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلىنىدىغان ، سۈرەت ئاپاراتى ....



ساغلاملىقتىن مەسلىھەت دەپ لاۋزا ئېلان چىقمايدىغان رادىئو



بۇرۇنقى ئەڭ ئىلغار ھاۋا تەڭشىگۈچ ، ئەينى ۋاقىتتا شامالدۇرغۇچ دەيتتۇق .



چاقىرغۇ ئىشىلتىپ باققان بولغۇيتىڭىز ؟ 126 مىدى ياكى مالەنتەينىڭمۇ ؟



بەزىلەرنىڭ ھېيىتلىق ئايىغى ...



يېزىۋاتقان يېزىقىمىزنى مۇشۇنىڭدىن ئۆگىنىپ كىتەتتۇق ھە ...



بىكار تۇرماي لېيفىڭدىن ئۆگىنەتتۇق ، 3-ئاي كەلسە لېيفىڭنىڭ روھى خوشلىقىدىن كالچىيىپ كېتەتتى



تۆۋەندىكى كارتونلار قويۇلسا ، ئىشلىنىۋاتقان تاپشۇرۇقلار ، ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتەتتى ...



ھېلىقى ئەقىللىق يىشۇ ، كۆرپىسىگە سىيىپ قويىدىغان ...





كېلىش مەنبەسى: تىل مۇنبىرى.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز بۇرۇن ئۇيۇنلار ھەقىقەتەن ئاددى بولسىمۇ ناھايتى كۇڭۇللۇك ئوينايتۇق،مىنىڭ
كىچىك ۋاختىمغا قايتقۇم كىلىپ كەتتى.....

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا~!
ئاۋۇ ۋەلسپىتنى كۆرۈپ قىزىق گەپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى...
ئەينى چاغلاردا، بىلىشىمچە ۋەلسپىتنىڭ داڭلىقلىرىدىن "يوڭجيۇ(مەڭگۈلۈك)" بىلەن "فېي گې (كەپتەر)" ماركىلىق ئىككى خىلى بار ئىدى...  كىچىك چاقلىق دوموسكىلار يوق دىيەرلىك  ئىدى..
ھا ھا ھا ھا~! بىر يىگىت بىر قىزغا مۇھەببەتلىشىش تەكلىبى قويۇپ خەت يازسا، ئۇ قىز جاۋاپ خەتكە "يوڭجيۇ مۇ ياكى فېيگې مۇ؟؟" دەپلا يېزىپتۇ... يىگىت چۈشەنمەي ۋەلىسپىتىمنى سوراۋاتقان چېغى دەپ "فېيگې" دېسە... قىز قوشۇلماپتىكەن... سەۋەبىنى ئۇقساق، ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز "يوڭجيۇ(مەڭگۈلۈك)" ئەمەسكەن دەپ ئۇنىماپتىكەنمىش...

[ سامسىپەز بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:44  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقنى بىر ئەسلەپ چىقتىم دىسە..ئاھ غەمسىز كۈنلەر كەلسەڭچۇ قايتىپ ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:16:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىنكاسلارنى يازىسىز ھە!
مەر-مەر ئويناشقا مەن خېلى ئۇستا ئىدىم. لېكىن نەۋرە ئاكامغا يېتەلمەيتتىم. باشقا بالىلاردىن ئاران تەستە ئۇتقان مەر-مەرلىرىمنى بىردەمدىلا ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ قاراپ ئولتۇراتتىم دېسە!
نۇرنىمۇ قىز بالا بولۇشۇمغا قارىماي خېلى ئويناپ قويىدىغان.
قىش كەلسە ئىنىمغا نۇرنى مەن ئېتىپ بېرەتتىم. ئىچى ئازراق كاۋاك يۇمىلاق تۆمۈر تېپىۋالسام شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ مۇمنى ئېرىتىپ پەچەت نۇردىن بىرنى ياسىۋېتەتتىم ما ياغاچ نۇرلار تۆمۈردە ياسىغان نۇرلاردەك قىزىمايدۇ. بىردەم چۆگىلىسىلا توختاپ قالىدۇ. تۆمۈر ياسىغان نۇرنى بىردەم تازا ھەيدەپ قىزىتىۋېتىپ قامچا سالماي قاراپ تۇرساڭمۇ خېلى ئۇزاق ئۆزى چۆرگىلەيدۇ.
رەگەتكىنىمۇ يامان ئەمەس ياساپ ئويناپ قوياتتىم. بىر چاغدا نەۋرە ئاكام ئبىر رەگەتكە كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قارىسام ئاچىسى شۇنداق ياخشى ئىكەن. مېنىڭمۇ ئىچىم قىزىرىپ شۇنداقتىن بىرنى تاپمىسام دەپ مەكتەپتىن قويۇۋەتكەندىن كېيىن يېرىم كۈن مەھەللەنىڭ ئېتىزلىرىدىكى شاپتۇللارنىڭ شاخلىرىنى ئارىلاپ چىققانىدىم.
قالغان ئويۇنلار توغرۇلۇق ئەتە توختىلاي كەچ بوپ قاپتۇ.

بالىلىقتىكى ئويۇنلار

مەر-مەر

مەر-مەر ئويناشقا مەن خېلى ئۇستا ئىدىم. لېكىن نەۋرە ئاكامغا يېتەلمەيتتىم. باشقا

بالىلاردىن ئاران تەستە ئۇتقان مەر-مەرلىرىمنى بىردەمدىلا ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ

قاراپ ئولتۇراتتىم دېسە

!
نۇرنىمۇ قىز بالا بولۇشۇمغا قارىماي خېلى ئويناپ قويىدىغان

.
قىش

كەلسە ئىنىمغا نۇرنى مەن ئېتىپ بېرەتتىم. ئىچى ئازراق كاۋاك يۇمىلاق تۆمۈر

تېپىۋالسام شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ مۇمنى ئېرىتىپ پەچەت نۇردىن بىرنى ياسىۋېتەتتىم ما

ياغاچ نۇرلار تۆمۈردە ياسىغان نۇرلاردەك قىزىمايدۇ. بىردەم چۆگىلىسىلا توختاپ

قالىدۇ. تۆمۈر ياسىغان نۇرنى بىردەم تازا ھەيدەپ قىزىتىۋېتىپ قامچا سالماي قاراپ

تۇرساڭمۇ خېلى ئۇزاق ئۆزى چۆرگىلەيدۇ

.
رەگەتكىنىمۇ يامان ئەمەس ياساپ ئويناپ

قوياتتىم. بىر چاغدا نەۋرە ئاكام ئبىر رەگەتكە كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قارىسام ئاچىسى

شۇنداق ياخشى ئىكەن. مېنىڭمۇ ئىچىم قىزىرىپ شۇنداقتىن بىرنى تاپمىسام دەپ مەكتەپتىن

قويۇۋەتكەندىن كېيىن يېرىم كۈن مەھەللەنىڭ ئېتىزلىرىدىكى شاپتۇللارنىڭ شاخلىرىنى

ئارىلاپ چىققانىدىم

.

سۇ تاپانچىسىمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا بەكلا ئەتىۋار بولۇپ، تۇنجى ئوينىغان سۇ تاپانچام ئاكام ئۆزى ئويناش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭا بەرگەن يېشىل سۇ تاپانچىسى ئىدى.

شۇ سۇ تاپانچىسىنى ھەممە دوستلىرىمغا كۆز-كۆز قىلىغىنىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ.

قىش كەلسە مورنىمۇ خېلى ئويناپ قوياتتىم. تەتىل ۋاقىتلار بولغاندىكىن ئوقۇمايدىغان كىتابلىرىمىزنى قاتلاپ مور ياساشنى باشلىۋېتەتتۇق بىر-بىرىمىزدىن ئۇتۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ئىدى.

ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا مەندەك ئامراق ئادەم يوقتى.

خوڭدۇلۇنى بىز رامبو دەيدىغان بۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە ئوينىغاندا تەسرەك بىلىنگەنىدى. ئۈچلا ئادىمى بولغاچقا سەككىز مەيداننى ھەرگىز ئازات قىلغىلى بولمايتتى. بىر كۈنى ئاكام ئادەم سانىنى كۆپيتىشنى ئۈگۈنىۋاپتىكەن شۇنىڭ بىلەن
ئىككى كىشىلىك قىلىپ قويۇپ سەككىز مەيداندىكى ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتتۇق. كېيىنچە سەككىز مەيداننى ئادەمنى ئاز ئىشلىتىپ ئازات قىلىشتا بەسلىشىدىغان قائىدىنى چىقارغانىدۇق. مەن سەككىز مەيداننى 13 ئادەم ئازات قىلاتتىمئ ئەڭ ئۇستىسى ئاكام ئىدى. 10 ئادەم بىلەن سەككىز مەيداننى شۇنداق تېزلا ئازات قىلىۋېتەتتى.

شاڭجولودىمۇ بەك مۇشلىشىدىغان ئىككى كىشىلىك قىلىپ قويۇپ ئويناپ كەتكەنلىرىمىز....

بۇ ئويۇننىڭ ئۆتكەللىرىدىن ئۆتمەك خېلى تەس.

موگونىغۇ دەھشەت ئويناپ قوياتتۇق. 4-مەيداندا ئادەمنى بىر قاچىلىۋالساق سەككىز مەيدانىدىكى ئۆتكەللەردىن تەمتىرىمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان. ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەلدىن تۇنجى قېتىم ئاكام ئۆتكەندە خۇشاللىقتا سەكرىشىپ كەتكەنىدۇق.

قۇراشتۇرمىنى ئويناشقا خۇشۇم يوقتى. باشقىلار بىردەمدە قوراشتۇرغان نەرسىنى مەن بىرەر سائەت ھەپىلىشىپمۇ قوراشتۇرالمايىتتىم. بولمىسا كاللام خېلى ئىشلەپ قويىدىغان...

قول ئويۇنچۇقىنى دەسلىۋىدە كۆرگەندە بەكلا ھەيران قالغانىدىم. بۇنى يا توكقا چاتمىسا يا تېلېۋىزورغا چاتمىسىمۇ ماي سېلىپ قويسىلا چىقىدىكىنا؟!

كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ ھەيران قالمايدىغان ئويناشقا ئۇستا بوپ كەتتىم.

سەكرەتمە پاقىنى روزا ھېيىتتا سېتىۋېلىپ ئوينىغانىدىم. مەھەللىمىزنىڭ با ش تەرىپىدە كەنتە خانىقاسى بار ئىدى. ھەر ھېيىتتا مۇشۇ خانىقانىڭ ئالدى بەكلا قىزىپ كېتەتتى. كىچىك بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇق، يەيدىغان ئۇششاق يىمەكلىك ھەممىسى ئەكىلەتتى. سەكرەتمە پاقىنى سېتىۋېلىپ كەچلىكى ئۆيىمىزدىكى ئۈستەلنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىگە بەك چېلىقمايدىغان يېرىدە قويۇپ قويۇپتىمەن. ئانام نېمە ئىزدىگەن بولغۇيدى. مەن بۇ سەكرەتمە پاقىنىڭ ئاچقۇچىنى تولغاپ قويۇپ ماڭدۇرىۋەتمەيلا قويۇپ چىقىپ كېتىپتىمەن. ئانامنىڭ قولى شۇنداق تېگىشىگىلا سەكرەپ كېتىپتىكەن ئانام شۇنداق قورقۇپ كېتىپتۇ. قايىتىپ كىرگەندىن كېيىن تازا تىل ئاڭلىغان.

بۇنداق دۇربۇننىمۇ تولا ئېلىپ نەچچە كۈندىلا بۇزۇپ تاشلايدىغان. بەزىلىرىدە مەنزىرىلەر چىقاتتى بەزىلىرىدە غەرىبكە ساياھەتتىكى ئالۋاستىلارنىڭ رەسىملىرى چىقاتتى.

خېمەن، يىشيۇلار مەن ئەڭ ئامراق ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتونلار ئىدى. ھازىر نەدىكى بىر كارتونلارنى بېرىدىكەن. شۇ يەنە خاسبىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى دەپ بىر كارتون بولدىغان تىۋىگو دەيدىغان قىزىقارلىق سوزۇپ گەپ قىلىدىغان بىر ئەسكى بار ئىدى. شۇ چىقسىلا جىلە بوپ كېتەتتىم.



ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر كۈن شۇنداق ئۇزۇن بولغىيمىتىكىن تاڭ، بىر ئويناپ چىقىپ كەتسەك، شۇنداق ئۇزاااااااق يەرلەرگە بېرىپ ئالەمنى مالەم قىلىپ بوپ ھېرىپ قارىساق يەنە كۈن پارقىراپ تۇراتتى، مەكتەپتىن قويۇپ بەرسە بوينىمىزغا سومكىمىزنى ئېسىۋېلىپ ئۆيگە بارىدىغان يولدىكى بارلىق دۇكان ساراي ئېگىز بىنالارنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئارىلاپ ئادەم توپلاشقان يەرلەرگە قىسىلىپ كىرىپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ، يوللاردا گاھ يۈگۈرۈپ گاھ ئالدىغا، گاھ ئارقىغا مېڭىپ ئۆيگە بىر ۋاقىتتا باراتتۇق، يەنە شۇنداق تۇرۇپمۇ ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ تاڭ سۈزۈلمەستە مەكتەپكە بېرىۋالاتتۇق، قىش كۈنلىرى ئۆيىمىزدىن سومكىمىزغا سېلىۋالغان نان، گازىر پۇرچاقلىرىمىنى چىقىرىشىپ مەززە قىلىشقاچ سىنىپتىكى مەشكە ئوت قالاپ كەچتە كۆرگەن كىنولىرىمىنىڭ رىۋايىتىنى سۆزلەيتۇق....

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي گۈزەل سەبىيى باللىلىقىم  نەلەرگە  كەتكەنسەن، ھەجەپمۇ سىغىندىمغۇ  سىنى

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەقىل:
بۇنى دېمىسەممۇ نۇر چۆگىلىتىش دەيمىزغۇ ؟ مۇزلۇقلاردا سوقاشتۇرۇپ ئويناپ كېتەتتۇق ......

*************************
بۇنى بىز «پىلدىرلىغۇچ» دەپ ئاتايتۇق. بەك ئېسىل ئويۇنچۇقتە بۇ!
*************************

رەگەتكە ، يامان نەرسىتى جۇما .....


بىز رەگەتكىنى «سوزماق» دەپمۇ ئاتايتۇق.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق، ئادەمنى كۆڭلۈللۈك مەنزىرىگە باشلايدىغان تېما ئەكەپسىز. ھەممەيلەن شۇ تاپتا 10-11 ياش چاغلىرىمىزغا قايتقاندەك بولدۇق. بەزىدە بالىلىقنى ئەسلەش، ئۆتمۈشنى ياد ئېتىپ تۇرۇشمۇ كىشىگە ھوزۇر بېرىدىكەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،
بالىلىققا ئالسامچۇ قېنىپ.
مانا نۇرغۇنلىرىمىز بالىلارنى بېقىپ ئولتۇرۇپتۇق، شۇ بالىلىرىمىزنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ بالىلىقىنى ئەسلەر ھەقىچان....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:36 , Processed in 0.063856 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش