غايىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ
بىر كۈنى تاشپاقا قىرى تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ ئاستىدا چىرايلىق بىر دەمدارنىڭ 28-نۆۋەتلىك شىر پادىشاھىنڭ توي قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى،بارلىق جاندارلارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ."شىر پادىشاھ ھەممە جاندارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىپتۇ،مەنمۇ بارسام بولغۇدەك،دەپ ئويلاپتۇ تاشپاقا ۋە يولغا چىقىپتۇ.ئۇ يولدا ئۆمۈچۈك،پاقا،يەريولۋىسى،يەنە بىر توپ قاغىغا ئۇچىراپتۇ.ئۇلار تاشپاقىنىڭمۇ ماڭغىنىدىن ھەيران قاپتۇ ۋە"ھەي تاشپاقا،بىزلەر دېمىسەكمۇ،شۇنچىلىك ئاددىي گەپنى سەنمۇ ئويلاپ بېقىشىڭ كېرەكقۇ،زىياپەت باشلىنايلا دەۋاتسا،سەن مۇشۇ مېڭىسڭدا ئۈلگۈرۈپ بارالامسەن؟قوي،سەن بارغۇچە زىياپەت ئاخىرلىشىدۇ.ئۆڭكۈرمۇ تۇشۇپ كېتىدۇ.ساڭا ساقلايمىز دېسە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقمۇ يوغىناپ،خۇتۇن ئېلىپ بولار"دەپ نەسھەت قىلىشقان بوپتۇ.ئەمما تاشپاقا جاھىللىق بىلەن يولىنى داۋام قىلۋېرىپتۇ.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ.تاشپاقا ئاخىرى شىرپادىشاھنىڭ ئۆڭكۈرىنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ كەپتۇ.قارىغۇدەك بولسا ھەممەياققا رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېسلغان،پۈتكۈل جاندارلار سىغدىلىشىپ تۇرغۇدەك.
-بۈگۈن،-دەپتۇ نەلەردىندۇر يېتىپ كەلگەن ھەييار قىسقا مويلۇق مايمۇن،-ھەممىمىز يىغىلىپ 29-نۆۋەتلىك شىر پادىشاھنىڭ توي مەرىكىسىنى تەبرىكلەۋاتىمىز.
مۇبادا تاشپاقا باشقىلارنىڭ نەسىھتىگە كىرىپلا نىيىتىدىن يانغان بولسا،مۇشۇ زىياپەتكە يېتىپ كېلەلەرمىدى؟
بىل گېيتىس بالىلىق ۋاقتىلىرىدىلا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس خاراكتىرنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانىدى.يەنى،ئىشنى قەتئىلىك بىلەن قىلىش؛باشقىلارغا بېقىنىپ قالماسلىق؛ قىلىشنى نىيەت قىلىغان ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش؛باشقىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قالسا جەزمەن يېڭىش،مۇسابىقە ۋە رىقابەتلەردە،ئۇ پەۋقۇلئاددە ئۆزگىچە ئىستەكنى ساقلاشقا تىرشاتتى.ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا مۇھىت ۋە كىشلەرنىڭ پىكىر چەكلىمىسىگە پەرۋا قىلمايتتى.مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتىمۇ، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىىدىن قەتئىينەزەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شۇئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشىغا تىرشاتتى.
گېيتىس تەڭتۇش بالىلار بىلەن بىرگە ئويناشنى خالىمايتتى.تەڭتۇشلىرى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بالىلار ھېكايىلىرى،چاتما رەسملەرنى كۆرۈشنى تېخىمۇ خالىمايتتى.بەلكى دادىسنىڭ كىتابخانىسغا كىرىپ چوڭلار ئۇقۇيدىغان كىتابلار بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى.ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە ئاشۇ توم-توم كىتابلارئىچىدىن ئۆزى ھەققىقەتەن كۆرۈشنى خالايدىغان "دۇنياۋى كىتابلار قامۇسى"نى تېپىۋالىدۇ.ئۇ بۇكىتابنى قولغا بىرئالغىنىچە نەچچە سائەت ئوقۇپ كېتەتتى.باشقىلار ئۇنىڭدىن كىتابتىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشنەلمەيدىغانلقىنى سورىغاندا،ئۇپىسەنتمۇ قىلىپ قويماستىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتى.
مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن گېيتىسىنىڭ جاھىل خاراكتىرى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ بۇخىل خاراكتىرى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك تىرىشچانلىقى بىلەن بىرلىشىپ ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئادىتىگە .ئايلاندى.
بىر قېتىم ئۇئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ پوپى بالىلارنىڭ "ئىنجىل"غا قىزىقمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ "ئىنجىل"نىڭ ئەڭ قىيىن بىر بۆلىكىنى تاللاپ،ئوقۇغۇچىلارنى يادلاشتا مۇسابىقلەشتۈرىدۇ ۋە بىر ھەرىپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي يادلاپ بېرەلىگەنلىرىنى بۇشلۇق مۇنار رېستورانىدا ئۆتكۈزىلىدىغان زىياپەتكە ھەقسىز قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.بوشلۇق مۇنارى سىئاتىلىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بۇلۇپ،مۇنارنىڭ چوققىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇ رېستۇرانمۇ ئەڭ ھەشەمەتلىك رېستۇرانلاردىن ئىدى.كۆڭۈل ئېچىش،ساياھەت،غىزالىنىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇنارغا چىقىش ھەرقانداق بىربالا ئارزۇلايدىغان ئىش ئىدى.گەرچە گېيتىسىنڭ ئائىلىسنىڭ شارائىتى مۇنارغا چىقىپ غىزالىنىشىقا يار بەرسىمۇ،لىكىن گېيتىس ئىقتىدارىغا تاينىپ، بۇ قېتىمقى پۇرسەتكە ئېرىشىشكە بەل باغلىدى ۋە بەلگىلەنگەن بۆلەكنى تولۇق يادلاپ مۇنارغا چىقىپ غىزالىنىش پۇرسىتى قولغا كەلتۈردى . بۇ كىچىككىنە غەلبە گېيتىسنىڭ جاھىل خاراكتېرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئۇ ئىشەنچىلا بولسا ، ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قازىنالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى .
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىل گېيتىسنىڭ جاھىل خاراكتېرى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.ئۇ نەچچە قېتىم ئاتا-ئانىسغا خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىدىن چېكنىپ چىقىپ دوستى ئېلىن بىلەن كومپيۇتېر ئشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىماقچى بولدى.سئاتىل گەرچە ئۇنىڭ يۇرتى بولسىمۇ،ئۇيەردە شىركەت قۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغانىدى،بەلكى سئاتىللىقلارنىڭ نەزىرىدە پۈتۈنلەي قۇم توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان چۆللۈك ھېسابلىنىدىغان ئالبۇكۋېركىغا بىرىش ئىدى.
بۇئىنتايىن غەلىتە ئوي ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھەيران قالدۇردى.ئۇچاغدا ھەممە ئادەمگە ئوخشاشلا گېيتىسنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ بۇ تاللىشىغا توغرا مۇئامىلە قىلالمىدى.شۇڭا ئۇلار ئوغلىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇردى.ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئادۋوكات بۇلۇشنى خالايتتى.نېمىلا دېگەن بىلەن ئادۋوكاتلىق كىشلەر ھۆرمەتلەيدىغان،بىر قەدەر يۇقىرى كىرىم ھەمدە يۇقىرى ئىجتىمائىي ئۇرۇنغا ئىگە كەسىپ ئىدى.ئانىسى .ئوغلىنىڭ بۇ تاللىشىنى ئۇچىغا چىققان .ئەخمىقانىلىق دەپ قارىدى ۋە گېيتىس خارۋاردنىڭ ئۈنۋانىغا ئېرىشىسلا ئوغلىنىڭ كېيىنكى خىزمەت تاللىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىدىغانلقىنى جاكارلىدى.ئاتىسىنىڭمۇ قارشى تۇرشى نەتىجىسدە،گېيتىس ئوقۇشتىن چېكىنىش غەرىزىدىن ۋاقتىنچە يېنىشقا
مەجبۇر بۇلدى.
بىل گېيتىس ئاتا-ئانىسىنىڭ قارىشلىقىنى دەپلا ئۆز غايىسىدىن پۈتۈنلەي كەچمىدى.خارۋادتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە،ئۇ ئېلىن بىلەن شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى ھەم ئۆزى تاللىغان كەسىپ بىلەن ئوقۇۋاتقان كەسپى ئوتتۇرسدىكى زىدىيەتنى قايتا-قايتا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كەسكىن قارار چىقاردى.پىشىپ يېتىلگەن پۇرسەت كۆزئالدىدىلا ئىدى.ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشنى تاللىغان گېيتىس ئاخىرى ئوقۇشتىن قېلىشنى تاللىدى ۋە ئۆز شىركىتىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى.
مەنبە : بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن ناملىق ھىكايەتلەر توپلىمىدىن