يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 7

شادىمان ؛ قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:22:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                    


  بىر بۈركۈت دائىم باشقا بۈركۈتلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇ بىر ئوۋچىغا : << مەن سېنىڭ ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن >> دەپتۇ . ئوۋچى : << ئەگەر سەن ماڭا پېيىڭدىن ئازراق بەرسەڭ، مەن سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىمەن >> دەپ بۈركۈتكە شەرت قويۇپتۇ . بۈركۈت ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، بىر قانچە تال پېيىنى يۇلۇپ بىرىپتۇ . ئەمما ئوۋچى باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن قايتا _ قايتا پەي تەلەپ قىپتۇ . بۈركۈتمۇ مەقسىدىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن بەدىنىدىكى پەيلىرىنى ئاز _ ئازدىن تاكى بەدىنىدە پەي قالمىغىچە يۇلۇپ ئوۋچىغا بىرىپتۇ . نەتىجىدە ئوۋچى بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ناھايىتى ئاسان قىلتىقىغا چۈشۈرۈپ ، ئاخىر ئۆزىنىڭ بىر ۋاخلىق مەزىلىك تامىقى قىلىپ يەۋېتىپتۇ .


             ھېكمەت :  ھەسەتخورلۇقنىڭ ئادەمگە قىلچە پايدىسى يوق ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈگىتىشگە تىرىشىڭ ، كۆڭلى _كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ ؛ باشقىلارغا قىلتاق قۇرۇش ئورنىغا ھەر دائىم ھوشيار بولۇپ ، باشقىلار قۇرغان قىلتاققا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن



Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەتخورلۇق داۋاسى يوق يامان سۈپەتلىك  بىر خىل كېسەل

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:34:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھەسەتخورلۇق دەستىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئتپاقلىقىغا تەسىر كورسەتمەكتە.

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بۇ خىل كىسەل بۇرۇندىن بۇرۇن خۇددى ئاياللاردىلا باردەك ھىس قىلاتتى كىشلەر ،لىكىن ئەرلەردىمۇ بۇ خىل كىسەل بەك ئېغىركەن ،ھازىر ئەرلەر ئاياللارنى بىسىپ چۇشكىدەك  دەھشەت ھەسەتخور بۇلۇپ كىتىپتۇ ....بۇ ئىللەتنى تۈزىتەيلى دوستلار !!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەتخورلۇق ئادەمنى ئېتىقاتىدىن ئايرىۋېتىدۇ ....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن،  ئۇلارنىڭ "ئەۋرەت"لىرىنى ئىزلەپ ئېچىۋېتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇپ ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
10 ئادەمنى يىقىتىشتىن كۆرە، بۇ 10 ئادەمدە يوق بىر ھۈنەرنى ئۆگىنىپ ئالغا بېسىش كېرەك!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ ئىلمىغا ھەسەت قىلساڭ بولىدۇ، چۈنكى بىلىم چەكسىز بايلىقتۇر.
مىليونىرنىڭ بايلىقىغا ھەسەت قىلما! ئۇنىڭدا قانچىلىك بىلىم بار؟ تارىخ توغرۇلۇق نەچچىلا سوئال سورىساڭ كۇپايە قىلىدۇ.
ھەسەتخورلۇق ئىنساننى نۇرغۇن خۇشاللىقلاردىن مەھرۇم قىلغاندىن باشقا يېقىن تۇققانلىرىغا، دوستلىرىغىمۇ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.
يېقىندا مەن بىر ھەسەتخور ئىچى تارنىڭ ئاۋارە قىلىشى بىلەن خېلى كۆپ دىشۋارچىلىق تارتىۋالدىم.بىراق، بۇ ھەسەتخورغا نەپرەتلەنمىدىم، ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەسەتخورلۇق ئوتىنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدىم.
ئېغىر-بېسىقلىق، كەڭ قورساقلىق ئادەمنى ھەممە يەردە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىكەن. "ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە يەنە بىر قېتىم يەتتىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەتخورلۇقنىڭ ئەڭ يامان ئاقىۋىتى ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ،بۇنداق كىشلەر ئىللىق كۈلۈمسىرەشتىن مەھروم قالىدۇ،تاتلىق ئۇخلاشتىن مەھرۇم قالىدۇ ،ئەتراپىدىكى كىشلەردىن بارا -بارا ئايرىلىپ قالىدۇ ،  ئەڭ ئاخىرى ئېغىر كېسەل تېپىپ ،كېسەل ئازابىدا ئۈتۈپ كېتىدۇ ...
كەڭ قورساقلىق ئىسىل پەزىلەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:33 , Processed in 0.072780 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش