قېيىنئانىڭىز بىلەن ئەپ ئۆتەي دېسىڭىز...
تۇرمۇشتا قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى ھەر خىل زىدىيەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ خىل زىدىيەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىركۆرسەتمەي قالمايدۇ.
قانداق قىلغاندا كېلىن قېيىنئانا بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدۇ؟
قېيىنئانىڭىزنىمۇ ئۆز ئانىڭىزدەك ياخشى كۆرۈڭ، چۈنكى سىز ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىپ تەگكەن ئامراق ئېرىڭىزنى ئەشۇ قېيىنئانىڭىز تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان.
قېيىنئانىڭىز بار سورۇندا گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشتا، ئېغىر-بېسىق، ئېھتىياتچان بولۇڭ، چۈنكى قېيىنئانىڭىز سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەس. كۆڭۈلگە تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىقنى، '' ئاچچىق'' نى ئىچىڭىزگە يۇتۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. كىيىنىشكە،بولۇپمۇ ئۆي ئىچىدىكى كىيىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
قېيىنئاتا-قېيىنئانىڭىزنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
قېيىنئانىڭىز گەپ قىلىۋاتقاندا كۆڭلىڭىزگە ياقسۇن-ياقمىسۇن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئاڭلاڭ ، ئالدىراپ گەپنى بۆلمەڭ.
بىرەر ئىش قىلماقچى بولسىڭىز ئېرىڭىزدىنلا رۇخسەت سوراپلاقالماي، قېيىنئانىڭىزغىمۇ مەسلىھەت سېلىڭ.
قېيىنئانىڭىز بىلەن ئۆز ئانىڭىزدەك مۇڭدىشىڭ، سىردىشىڭ، تەسەللىي بېرىڭ.
بەزى ئىشلاردا قېيىنئانىڭىزنى باشقىلارئورنىدا ياكى ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئۆتكەن-كەچكەن ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
.