يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1836|ئىنكاس: 9

شېئىرلار(بىلىقىز سۇلايمان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
64 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
97

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاشىقلارنىڭ دىلى بىر


(بىلىقىز سۇلايمان)


تومۇرلاردا ئاققان قان،
يۈرەككە تۇتاش كېلىدۇ.
ئاشىقلارنىڭ دىلى بىر،
مەڭگۈ سىرداش كېلىدۇ.



دۈشمەن قىلىچى ئايرىيدۇ،
ئېزىز باشنى تېنىدىن.
ئاشىقلارنىڭ سىرىنى،
كىم ئايرىيدۇ دىلىدىن؟


2007-يىل 13-فىئۇرال
ئۈرۈمچى



ئىت ئامراق سۆڭەككە

(بىلىقىز سۇلايمان)



كېتىپ باراتتىم مەنزىلىمدە بىمالال،
قاياقتىندۇر ئىت ھاۋشىپ چىقىپ كەلدى.
قىلدىم شۇنچە غەيرەت ئۆتۈپ كېتەي دەپ،
لېكىن بەكمۇ يامان بۇ ئىتنىڭ پەيلى.



توساتتىنلا كەچتى كاللامدا بىر خىيال،
«ئەمەسمىدى راست، ئىت سۆڭەككە ئامراق».
ھەي ئېسىت ،ئۆتكۈزۈپتىمەن ۋاقىتنى،
بەرمەي باشتىلا نېسىۋە تېزراق.



لوقمىنى كۆرۈپلا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ،
ئەركىلەپ پۇتۇمنى سۆيدى ئۇ مەخلۇق.
يىرگەندىم ۋە لېكىن،بولدى يول راۋان،
يوقالغاچ پۇتلاشقان لەنىتى شۇملۇق.


2007-يىل 10-مارت ئۈرۈمچى



سوخەنچىنىڭ ئادىتى


(بىلىقىز سۇلايمان)


ئالدىڭدا ماختىسا ،كەتمە كېرىلىپ،
تىللايدۇ بۇرۇلۇپ كەينىڭگە ئۆتۈپ.
سوخەنچى ئاتايمىز ئۇنىڭ ئېتىنى،
يۈرمىگىن ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۈتۈپ.

كۆرەلمەس ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەننى،
ماختايدۇ ئەيىبى ئوچۇق قالغاننى.
سۆيۈنەر گەر سېنى باسسا پالاكەت،
ئاھ ئۇرار گەر كۆرسە ئىنئام ئالغاننى.


2007-يىل نويابىر

ئاشىقلىق


(بىلىقىز سۇلايمان)


ئۇچراشساق گەر ناۋادا،
تىلىم سۆزگە كەلمەيدۇ.
كەتسەڭ مەندىن يىراقلاپ،
كۆزۈڭ ھەرگىز كەتمەيدۇ.



ئايلار ئۆتتى،يىل ئۆتتى،
چاچلار تال-تال ئاقاردى.
بەل پۈكۈلدى ۋە لېكىن،
بۇ مۇھەببەت ياشاردى.


2007-يىل نويابىر .ئۈرۈمچى.



تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3412

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىقىز ھەدە، ئېسىل شېئىرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى بەكمۇ خالايمىز!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشىقلىقنىڭ سىرى، قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدا مەڭگۈ ساقلىنامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
يۇمشاق لوقمىنى يېگەن ئىت، سېنىڭ سۆڭىكىڭنى غاجىلاشنى نىشان قىلماسمۇ؟
بىلىقىز ھەدىمىزنىڭ شېئىرلىرىغا تەشەككۈر.

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىقىز ھەدىمىزنىڭ ئېسىل يازمىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىمغا تولىمۇ خوشالمەن:victory:

Rank: 8Rank: 8

توردا
234 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
633

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى يىنىك،رېتىملىك ،خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بۇ شىېرلارنى تولىمۇ سۈيۈنۈش ئىچىدە تۇرۇپ ئۇقۇپ چىقتىم.
بىلىقىزنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەتلىك يار بولغاي!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلاندىم. ئېلھامىڭىز ئۈزۈلمىگەي

Rank: 1

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
514
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوقمىنى كۆرۈپلا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ،
ئەركىلەپ پۇتۇمنى سۆيدى ئۇ مەخلۇق.
يىرگەندىم ۋە لېكىن،بولدى يول راۋان،
يوقالغاچ پۇتلاشقان لەنىتى شۇملۇق    ئادىڭدا  ماختىسا ،كەتمە كېرىلىپ،تىللايدۇ بۇرۇلۇپ كەينىڭگە ئۆتۈپ.
سوخەنچى ئاتايمىز ئۇنىڭ ئېتىنى،
يۈرمىگىن ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۈتۈپ
بۇ  مىسىرالار  بەكلا   بەكلا  ياخشى   يىزىلىپتۇ تۇرمۇشتىكى  ڭشلاركەن  بىلىقىز   ھەدە  بەكلا   چۇزۇر  ئالدىم  جۇمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
64 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
97

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:25:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:22
لوقمىنى كۆرۈپلا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ،
ئەركىلەپ پۇتۇمنى س ...

رەھمەت سىڭلىم،ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم.

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
245 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
659
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىقىز ھەدىمىزنىڭ يىڭى يىغىلىش،ئۇچىرىشىشلاردىن   ئالغان تەسىراتلىرىنى ئاڭلىساق،ئوقۇساق بۇلاتتى ئەمدى................

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:44 , Processed in 0.052985 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش