يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 4

بېلىقىز ھەدىمىزدىن ياردەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال مەن سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە بەخت، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرلىكتە، سىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ئاچا- سىڭىلارنىڭ يېقىن سىردىشى بولۇشىڭىزنى ۋە تۇرمۇشتا ئۇچرىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولىشىڭىزنى ۋە مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى بەك ئارزۇ قىلىمەن.

مېنىڭ دوستۇم پات يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق تۇرمۇشقا چىقماقچى ئىدى، ئۇ دوستۇم توينىڭ ئالدىدا ئۇ ئەرنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى چوقۇم بىلىشىم كېرەك دەپ، تەرەپ-تەرەپتىن ئۇ ئەرنى سۈرۈشتە قىلغىلى تۇردى.
بىز دوستلار ئۇنىڭغا ئۇ ئەرنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكىنلىكىنى ئۇنداق قىلماسلىقنى ئېيتقان بولساقمۇ، ئۇ قەتئىيلا ئۇنىمىدى.

ئەمدى بېلىقىز ھەدە:
سىزنىڭچە قايتا نىكاھلانغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۈرىشىنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟
قايتا نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
مۇشۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام دېگەن ئۈمىدتىمەن، بەلكىم دوستۇم بۇ تېمىنى كۆرۈپ ھازىرقى ئويىدىن قايتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ھۆرمەت بىلەن: ماھىتابان

Rank: 8Rank: 8

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
44

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەسلىھەت

ھۆرمەتلىك ماھىتابان ،سىزنىڭ مېنى ھۈرمەتلەپ،ماڭا ئىشىنىپ بۇ مەسلىھەتنى سورىغىنىڭىزدىن تۇلىمۇ خۇرسەنمەن.
بۇ مەسىلىدە مېنىڭ قارىشىم مۇنداق: توي ئىشى ئۆمۈرلۈك ئىش،شۇڭا بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغاننىڭ يامىنى يوق.لېكىن بۇ يولىدا بولىشى يەنى سۈرۈشتۈرۈش بەك چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.ئاۋال قارشى تەرەپ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزى تۇنۇشتۇرسا بولىدۇ. دوستىڭىز قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ يەنى ئۆتمۈشىنىڭ يەنە گۇمان قوزغايدىغان تەرەپلىرى بولسا،شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن سورىشى كېرەك.ئۆزى گۇمان قىلغان مەسىلىلەرنى باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلسا دەل توغرا جاۋابقا ئېرىشىشى ناتايىن. چۈنكى ئادەمنىڭ دوستىمۇ بولىدۇ ،دۈشمىنىمۇ بولىدۇ.ئەگەر دوستىدىن سورىسا ،ئۇ كىشى يۇشۇرغاننى دوستىمۇ يۇشۇرىشى مۇمكىن،ئەگەر دۈشمىنىدىن سورىسا چوقۇم ياخشى گېپىنى قىلمايدۇ.چۈنكى «سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇكى،دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ».ئەگەر ئۇ كىشىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىسا،كۆڭلىدە ھەقىقەتەن قۇبۇل قىلىش تەس بولغان گۇمانلار بولسا،
ئۇنداقتا ئۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلمىغىنى تۈزۈك.چۈنكى تويدىن كېيىنمۇ شۇ گۇمان ئۇنى ئارامىدا قويمايدۇ.ئۇنچىلىك ئىشەنچىسى يوق ئادەم بىلەن توي قىلسا قانداقمۇ بەختلىك بولىدۇ؟
مېنىڭچە ،قارشى تەرەپنىڭ مىجەز خارەكتېرى ياخشى بولسا،يەنى مەسئۇلىيەتچان ،تىرىشچان ،مۇھەببەتكە سادىق ،لەۋزىدە تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر بولسا، ئۆتمۈشىنى بەك سۈرۈشتۈرمىسىمۇ  بولىدۇ.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشتە يا ئۇنداق ،يا مۇنداق كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بولىدۇ،بۇ بەزىدە شۇ ئادەمنىڭ بىۋاستە خاتالىقى بولسا ،بەزىدە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن.
ئەمدى قايتا نىكاھتىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك:بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يەنە يۇقىرىدا دېگەندەك ،قارشى تەرەپنىڭ ئۆتمۈشىگە بەك ئېسىلىۋالماسلىق  كېرەك.قارشى تەرەپنىڭ بالىسى بولسا ئالدى بىلەن بالا بىلەن ياخشى ئۆتۈش ،بالىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈش،شۇ بالىغا ئاتا-ياكى ئانىلىق مېھرىنى تولۇق بېرىش كېرەك،بالا قۇبۇل قىلمىسا ،قۇبۇل قىلغانغا قەدەر سەۋرىچان بولۇش كېرەك.چۈنكى،ياخشى سۆز،ياخشى مۇئامىلە تاشنىمۇ ئېرىتىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن قارشى تەرەپنىڭ بۇرۇنقى جۇپتى قايسى ئىشتا بۇ كىشىنى بەك خاپا قىلىپ ،ئاجىرشىشقا سەۋەب بولغان بولسا،شۇ ئىشنى قىلىشتىن،قارشى تەرەپكە ئەشۇ ئۆزى بىزار بولغان كىشىنى ۋە ئىشنى ئەسلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.دۇنيادا باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە قارىغاندا ،ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسانراق.شۇڭا ،باشقىلارنى ئۆزەمگە بويسۇندۇرىمەن دېگەندىن كۆرە،ئۆزىمىز باشقىلارغا ماسلىشىپ ياشىساق،شۇ كىشىنىڭ ئۆزىمىز ياقتۇرمايدىغان قىلىقلىرىنى ياقتۇرۇشقا ياكى كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشساق،خاتىرجەمراق ياشىغىلى بولىدۇ.بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم،يۈزدە-يۈز توغرا بولىشى ناتايىن.پايدىلىنارسىلەر.
ئاخىرىدا دوستىڭىزغا ۋە سىزگە بەخت تىلەيمەن.دوستلىغىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك بولىشىغا تىلەكداشمەن. ھۆرمەت بىلەن: بىلقىز ھەدىڭىزدىن

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
705 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2140

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بۇ دوستەكنىڭ مۇنبەردە ئەھمىيەتلىك بولغان تېمىدىن بىرنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن شۇنداقلا بېلىقىز ھەدەمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، تولىمۇ ئەستايدىل جاۋاپ بەرگەنلىكىگە بارلىق دوستلار نامىدىن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
قالغان دوستلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:47:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىقىز ھەدىمىز بەك ئورۇنلۇق مەسلىھەت بېرىپتۇ. نىكاھ دېگەن ئۆمۈرلۈك مەسلە، چوقۇم ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىشىش كېرەك. بۇ مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپرەككەن، مېنىڭچە بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك، قارشى تەرەپكە بولغان ئىشەنچىسى تولۇق بولمىسا ئەڭ ياخشىسى توختاپ قالغىنى ياخىشى. نىكاھتىن بۇرۇن چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، چۈشىنىش كېرەك،  ئەمما سۈرۈشتۈرۈشنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا قارشى تەرەپتە بىنورمال قاراش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
  دوستىڭىزغا ئامەت تىلەيمىز!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىقىز ھەدىمىز ئەتراپلىق پىكىر بېرىپتۇ.
ماھىتابان، دوستىڭىز ھەدىمىز بەرگەن پىكىرلەرنى بىر ئوقۇپ ئويلىنىپ كۆرسۈن.
ئادىل مىجىت بىلەن گۈلجامال مەتنىياز ئىككىسى ئىشلىگەن بىر ئىتوت بولىدىغان، ئادىل مىجىت دەسلىۋىدە گۈلجامالدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى بىلەن قانداق تونۇشقانلىقى توغرۇلۇق سوئاللارنى سورايدۇ. گۈلجامال بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلىرىنى ھاياجانلىنىپ دەپ بېرىۋاتقاندا ئادىل مىجىت خاپا بوپ كېتىپ ئۇنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
مەن دىمەكچى: ئىككىنجى قېتىملىق نىكاھتا سەل ئېھتىياتچان بولمىسىمۇ بولمايدۇ. لېكىن بەك ئىنچىكىلەپ كەتسە ئۆزىگىمۇ قارشى تەرەپكىمۇ ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىپ ئۆز بەختىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:10 , Processed in 0.046746 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش