يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1262|ئىنكاس: 7

قىزىم دىلبەندىم ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامالغا يەتكەن قىز مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرىدۇر .ئۇ –ئاق چېچەك ،ئۇ –نۇرلۇق غۇنچە ،ھازىرلا يامغۇردا يۇيۇلغان ،ئېقى ئاق ،قىزىلى قىزىل بولۇپ ياشاۋاتقان چىمەنزار ، ئۇ ئۈستىگە كۆڭلەك ئەمەس ،بادام گۈللەرنى كىيىۋالغاندۇر ، بولمىسا قېشىدىن ئون قېتىم ئۆتسىڭىز شۇنچە مەسخۇش قىلارمىدى ؟ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئوغرىسى بار –خىيالىڭىزنى ئالىدۇ .
ئۇنىڭ ئاۋازىدا سىھرى بار – ئاھاڭى يۈرىكىڭىزگە ئىز سالىدۇ . پۈتۈن دۇنيانىڭ ئارمىنى شۇ كامالغا يەتكەن قىز !
مۇھەببەت ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئۇرۇپ ھالاك !
شائىرلارنىڭ دەستىدىن ئوچۇق جايى قالمىغان –قىزلارنى تەرىپلەپ شېئىرغا تولدۇرۇپ يۈرۈپ !زىمىنمۇ كامالغا يەتكەن شۇ قىزغا قەسىدە ئېيتىپ ياشاپ كېلەر ....

تەڭرىنىڭ شۇنداق بۈيۈك ئىجادى ،نىمىتى بولغان قىزىم ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
گۈل :قىزلار يۈزىگە ئوخشايمەن دېسە ،غۇنچە :يار لېۋى كەبىمەن دەيدۇ .مەن خۇددى جاناننىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش ،دەر قارا ئۈزۈم .بىز خۇددى يارنىڭ لېۋى، بىزنى شېئىر قىلىپ يېزىڭ ،دەيدۇ گىلاس .دىلدار چېچىغا قاچان ئوخشارمەن ، دەپ سۇ ئىچىدە بوزلايدۇ سۇمبۇل .قىزلارنىڭ ئىسمىنى تالىشار مىڭلاپ گۈل .....

دۇنيادا ھەرنە بولسا تەرىپى باردۇر . پەقەت «ئايال كىم ؟» دېگەن سوئالغا بۈگۈنگىچە بىرەر شائىر ،سەنئەتكار ۋە ياكى پەيلاسوپ جاۋاب بېرەلمىدى مۇكەممەل ، كەم –كۈتىسىز ! چۈنكى ، ئايال ئاسمانزادىدۇر ، ئۇنىڭ تەرىپىنى پەقەتلا ئۆزى بىلۇر .

مۆجىزە ئايىم ، سەندىكى بۇ بۈيۈكلەرگە سېنىڭ ئالاقەڭ يوق ،ئۇ تەڭرىنىڭ قۇدرىتى !ئەگەر ئۇ ئارىلاشمىسا قۇشقاچنىڭكىچىلىك جېنىڭ بىلەن بۇ يورۇق دۇنيانىڭ جىمى ئارسلان سۈپەت يىگىتلىرىنى ئۆزۈڭگە باش
ئەگدۈرەلەمتىڭ ؟ ئۆزى ئاسرىمىسا ، تېنىڭدىن ئۈزۈپ ،سۆڭىكىڭنى سۇندۇرۇپ بالا ياسىغىنىڭدا ئامان قالارمىدىڭ ؟
نەپىس ئايىم ، بارى –يوقى بىر تۈپ رەيھان كەبى قەددىڭ بار ، خالسا .ئەمما ، تەڭرى شۇ تۇرۇشۇڭ بىلەن يەر يۈزىنىڭ ھەممە كېمىنى سەن بىلەن تولدۇرماقتا .ئۇنىڭ ھەممە جاراھىتىگە سېنى مەلھەم قىلماقتا !
مەقامىڭنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزمەك ئۈچۈن قېنىڭغا نېمە قوشقانۇ ، جېنىڭنى نېمىدىن ياراتقىنىنى بىر تەڭرىنىڭ ئۆزى بىلەر !

ئىسمىڭ ۋە جىسمىڭ

سېنى گۈلگە ئوخشىتىشار .گۈلدە گۈلنىڭ پۇرىقى بولۇشى كېرەك . ئاي قىزىم ، چاچلىرىڭ بىنەپشەزار ،ۋۇجۇدۇڭ نەۋباھاردۇر ! ئۇنى شۇ يۈكسەكلىكتە ئسارا ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭدەك ئەسراش ئۈچۈن سۇنى سۆي ، سۇنى ئاشنا تۇت ، سۇ پەرەس بول ! «قىز بالا !» دەپ ئاتالغان گۈلگۈن چىمەننى ھەرگىز غۇبار قاپلىمىسۇن ، ناپاك لىباس ئۈستىگە يېپىلمىسۇن ، بىر كۈندە نەچچە قېتىم يۇيۇنساڭ ، شۇنچە كەم ! ناپاكلىق ناخوشلۇق كەلتۈرىدۇ . كىر يۇغۇسى ، يۇيۇنغۇسى كېلىپ تۇرىدىغان قىز ئائىلە بەختى ۋە ئۇ ياشايدىغان جاي ئەتىرىستاندۇر .....

سەن گۈلگە قارىدىڭمۇ ؟ تار جايدىمۇ ، كەڭ جايدىمۇ ، ئەتراپى چىرايلىقمۇ ، خۇنۇكمۇ ، بەرىبىر .دائىم ئىپار تارقىتىپ ،ياشناپ تۇرىدۇ .چۈنكى ئۇنىڭ ئىقلىمى شۇنداق !
قانداق شارائىت ۋە قانداق كەيپىياتتا بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ، قىز بالا ئېتىڭ باركى ، زاتىڭدەك بول ، ياشناپ ، غۇبارسىز ۋە نۇرلۇق تۇر !

ئىنسان گۇۋاھ يوق جايىدىمۇ بۇرچىلىرىنى ھالال ئادا ئەتسىلا ،كۆزلىگەن مەقسىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ .يەنى قىز بالىلىقنىڭ ،ئاياللىقنىڭ نىيەتلىرىگە يېتىشنىڭ ئاساسىي
شەرتى
جىسمانەن پاكلىقتۇر . يادىڭدا بولسۇن ، سەھەردىكىگە قارىغاندا كېچە ئۇيقۇسىدىن بۇرۇنقى يۇيۇنۇشۇڭ مۇكەممەلرەك بولىدۇ .
پاكىز بەدەنگە پاكىز كىيىم كىيگىن ، كىيىنگەنلىرىڭ ھايالىق بولسۇن .
سىرتكى كىيىمنى ئەمەس ، ئىچكى كىيىمىڭنى كۆپەيتكىن ۋە ئۇلارنىڭ كۈندۈزلۈكى ۋە تۈندىكىسى ئالاھىدە بولسۇن . ئەلۋەتتە ، كىر ۋە كونا ئىچ كىيىمىڭنى ھەر سەھەر ۋە ھەر ئاخشام پاكىزىگە ئالماشتۇر .سالغان ئىچ كىيىمىڭنى شۇ ھامانلا يۇيۇپ قوي ۋە
بىراۋ كۆرمەيدىغان يەردە قۇرۇت !
ئومۇمەن ، كىر توپلىما ، كىر كىيىملەر تۇرغانسىرى ئۆزىدىن يامان پۇراق چىقىرىدۇ ۋە بەت ھىد كىيىملەرنىڭ قات –قېتىغا سىڭىپ قالىدۇ ، بۇنداق ئۆيدە ياخشى قىز ياشىمايدۇ .ياخشى قىزنىڭ يۇماقچى بولغان كىيىملىرىدىنمۇ يېقىملىق ھىد كېلىدۇ .
قىز ئايىم !ئۆز باھايىڭنى بىل ، سەن قېتىغا شەبنەم قونغان گۈل كەبى بىغۇبارسەن .ھەر يەر ساڭا مۇناسىپ ئەمەس .يۇيۇنۇشتىن ئاۋال يۇيۇنۇش جايلىرىنى ئوبدان تازىلا ، سوپۇن ۋە باشقا يۇيۇنۇشقا لازىملىق نەرسىلىرىڭ ئالاھىدە بولسۇن .
ئەي دىلبەندىم ! سېنىڭ ئىقلىمىڭ پاكىزلىق بولسۇن !


ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىم، سەن بىر مىللەتنىڭ ئانىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىچىسى ، سەندىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ئاددىيلا.
سېنىڭ ۋىجدان-غورۇرلۇق بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھنىڭ ساڭا، ئىپپەت-ھايا، ئېتىقاد، بىلىم، ئەدەب-ئەخلاق ئاتا قىلىشىنى ھەر ۋاقىت نامىزىمدا تىلەيمەن!
بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى ئەخلاقسىز بولدى دىمەك، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە كەينىگە چېكىندى دېمەكتۇر. كىيىم كىيىشتە ۋە ياكى يۈرۈش-تۇرۇش ھەممە جەھەتلەردە بولسۇن، كىشىلەر ئەخلاق نۇقتىسىدىن ساڭا ھەۋەس قىلغۇدەك ياشا! شۇندىلا بۇ ھاياتتا ياشىغىنىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىسەن.
قىزىم، سېنى « يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان، نۇزۇگۇم» دەك جاسارەتلىك قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك قىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسا ئىكەن دەيمەن.
قىزىم، بۇ دۇنيا بىر ئۆتكۈنچى شامالدۇر، ھاياتنىڭ بىردەملىك قىزغىنلىقىغا، گۈزەللىكىگە بېرىلمە! ئىپپەت-ھايانى جېنىڭدىن ئەزىز بىلگىن. ئىپپەت-ھايانى يوقاتقان كىشىدە ئىمانمۇ، مېھرى-مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق. بىلگىنكى، سەن ئىپپەت-ھايا ئاچقۇچۇڭدىن ئايرىلغان كۈنۈڭ، سېنىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن كۈنۈڭدۇر.
قىزىم، سېنىڭ پاك قەلىب، گۈزەل روھقا ئىگە بىر قىز بولۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!

نازىنىنغا تەشەككۈر. ئېسىل تېما ئىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ماۋۇ چاتاقنى كۆرۈڭ . باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ بولغان تېمىنى ،تېما يوللىغۇچى ئۆزىمۇ تەھرىرلىيەلمەيدىكەندە ؟ ئازراق پەدازلىۋېتەي دەپتىكەنمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazinin بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:31 دە يوللىغان
ئاپلا ماۋۇ چاتاقنى كۆرۈڭ . باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ بولغان تېمىنى ،تېما يوللىغۇچى ئۆزىمۇ تەھرىرلىيەلمەيدىكە ...


نەرىنى پەردازلاي دېگەن، مەنلا خىزمەت قىلۋېتەي بۇنداق ئېسىل تېمىنىڭ بېزەكچىلىكىنى

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا ھەدىمىزنىڭ قىز- ئاياللارغا ئاتالغان ھەر قانداق ئەسىرى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ، نازىنىنغا رەھمەت! بولسا دۇردانىنىڭ داۋامىنىمۇ كۆرسەك

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېسىل كىتاب تېپىۋالدىم ، ئوقۇپ زېرىكمىسەڭلارلا ئىچىدىكى دۇردانىلەرنى مۇنبەرگە تۆكۈۋېرىمەن .
مەرۋەرە خانىم ،سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم .بۇ ئەسلى ئىككى مەزمۇن ،بىرىنچىسى "قىزىم دىلبەندىم!" ، ئىككىنچسى "ئىسمىڭ ۋە جىسمىڭ" ،ئىۋى ئىككىنچى تېمىغا بىر رەڭ بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ،تېما مەزمۇندىن پەرقلىنىپ تۇرسۇنمىكىن دېگەن ئىدىم .

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلبەندىم   ما  سۆزنىڭ  مەنىسى   نىمە   

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 02:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:12 , Processed in 0.055939 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش