مەن يېقىندىن بۇيان ھورمۇنلۇق يىمەكلىكلەرنى بىلىپ بىلمەي يەۋالدىممىكىن. شىددەت بىلەن سەمىرىپ كەتتىم. شۇڭا ئورۇقلاش ۋە كۆپرەك ھەركەت قىلىش ئۈچۈن ۋەلىسپىت بىلەن ئىدارىدىن قاتنايمەن. ئۆيۈم بىلەن ئىدارىنىڭ ئارىلىقى ئاران 10 مىنۇتلۇق يول. بۇرۇندىن ۋەلىسپىت مىنىشكە ئامراق ئىدىم. ۋەلىسپىتىممۇ بەك يىنىك، شامالدەكلا تېز ماڭىدۇ. توللا ھاللاردا 超速 غا چۇشۇپ قېلىپ قاتناش ساقچى بۇرادەرلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىپ ئۇنمايۋاتىمەن دەڭە. شەھەر ئىچى قاتناش ۋاستىلىرى يۈرۈش تېزلىكى 40 ئىدى. مېنىڭ بىراقلا 43 كە چىقىپ كېتىدىكەن.
بىز مەھەللىدىن ئىدارە تەرەپكە قاتنايدىغان قىزلار بولسا ئايلىق ترانسپورت ھەققىنى ھىسابلاپ ئەكىلىپ ئاپىرىشقا كاپالەتلىك قىلار ئىدىم. ئوغۇللارنىڭ ۋەلىسپىتىنىڭ كەينىگە چىقىپ ئولتۇرمىغانغىمۇ ئۇزۇن بولغاندۇ سىلەرگە.
