يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 7

سوغاق سۇ-- ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوغاق سۇ__ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى


خەۋەر قىلىنىشچە ياۋروپا-ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسسىق سۇ سېستىمىسىغا سالىدىغان مەبلىغى تېلىۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇلارنىڭ ئومومىي سېتىلىش سوممىسىدىنمۇ يوقىرى بولىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ بەش ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. ياۋروپا-ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسسىق سۇ بىلەن سوغاق سۇنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى9:1بولۇپ, دۆلىتىمىزدە بولسا 1:9ئىكەن. ياۋرۇپا- ئامرىكا دۆلەتلىرى سوغاق سۇنى پەقەت ئۇسسۇزلۇق، ئوبۇرنا يۇيۇش ۋە ماشىنا يۇيۇشتىلا ئىشلىتىدىكەن، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىسسىق سۇ ئىشلىتىلدىكەن. لېكىن دۆلىتىمىزدە بولسا ئىسسىق سۇ پەقەت ئىچىملىك ۋە يۇيۇنۇشقىلا ئىشلىتىلىدىكەن. يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاياللار ساغلاملىقى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدامۇتەخەسىسلەر ئاياللاردىكى بوغۇم ياللۇغى ۋە ھەرخىل ئاياللار كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ (بولۇپمۇ ھامىلدارلىق، تۇغۇتلۇق، ھېيز ئىچىدىكى ئاياللار) سوغۇق سۇ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شارائىت بولسا كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىش، ئۆي تازلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىدە ئىسسىق سۇ ئىشلىتىش كېرەك.
       يېقىنقى بىر قېتىملىق15 مىڭ ئائىلە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىغان تەكشۈرۈشتە دۆلىتىمىزدىكى 40ياشتىن يوقۇرى ئاياللارنىڭ ئىچىدە 86% ئايالنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بوغۇم ياللۇغى ۋە ھەرخىل ئاياللار كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغان، ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ سوغاق سۇ ئىكەنلىكى ئېنىىقلانغان.
      دۆلىتىمىزدە كۆپىنچە رايونلاردا يەر ئاستى سۈيى ئىشلىتىلىدۇ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ سۇنىڭ تېمپىراتورىسى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. سوغۇق مىزاجلىق سۇ بەدەنگە كىرىشى بىلەن پۇت- قوللارنىڭ ئىسسىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە بوغۇملار ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاخىرىدا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قىز-ئاياللار ئالاھىدە فىزولوگىيلىك باسقۇچتا ياكى ئىممۇنت كۈچى ئاجىز چاغلاردا داۋاملىق سوغاق سۇ بىلەن ئۇچراشسسا، ئاسانلا ئىمۇنت كۈچى ئاجىزلاپ كىسەللىك ۋىرۇسلىرىنى ئاسانلا يۇقتۇرىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زۇكام ياكى باشقا كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

       بەزى ئاياللار خاتا ھالدا سوغاق سۇدا يۇيۇنۇش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش بولۇپ سوغاق سۇدا يۇيۇنۇش ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشچە ئاياللارنىڭ تېرىسىدىكى سەزگۈ ئەزالار ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، چوڭ مىڭە سوغۇق ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭلا قان تومۇرلار قىسقىراپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، مۇسكۇللار قىسقىراش، نېرۋىلار جىددىيلىشىشنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ.
        بولۇپمۇ ئىمىتۋاتقان ئاياللار، ھامىلدار ئاياللار، ھېيز ئىچىدىكى ئاياللار ئاسانلا ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تېپىۋالىدۇ، ۋە كىيىنكى فىزولوگىيلىك ساغلاملىقى، ھامىلدار بولۇش قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېقىنقى 10يىلدا دۆلىتمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 30%ئاشقان، تۇرالغۇ ئۆي سېلىنمىسى 16ھەسسە ئاشقان، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى تۆت ئەۋلات يېڭىلانغان، ئائىلە ماشىنا سانى يىلىغا ئىككى خانىلىق سانلىق ئېشىش نىسبىتى بىلەن ئاشقان ، خېلى كۆپ قىسىم ئائىلىلەر ھاللىق سەۋىيگە يەتكەن، ھەتتا بەزى ئائىلىلەر ياۋرۇپا-ئامرىكا دۆلەتلىرىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئائىلىلەرنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ساغلام سۇ ئىشلىتىش ئېڭى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.

مەنبە: ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تورى



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 11:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈندىن باشلاپ دىققەت قىلمىسام بولمىدى
ياز كىرەي دېدى سوغۇق سۇنى مەندەك كۆپ ئىچىدىغان ئادەم يوقمىكىن.....

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 12:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شادىماننىڭ تېمىسىغا كۆپ رەھمەت! مۇنبىرىمىز  ئاياللار ۋە ئاياللار ساغلاملىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىسمى-جىسمىغا لايىق، خانىم-قىزلارغا پايدىلىق بىكەت بولۇشى كېرەك. ھەقىقەتەنمۇ سوغۇق سۇ ئاياللار تەن-ساغلاملىقىنىڭ دۈشمىنى، قاتىلى دېيىشكە بولىدۇ. ئاياللار دۇنيانىڭ ئانىسى، مىللەتنىڭ تۈۋرىكى. ئاياللارسىز دۇنيا قاراڭغۇلۇققا تولىدۇ، تۇرمۇش تېتىمسىز تاماققا ئوخشايدۇ. شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى جەمئىيەت، ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىل ئاياللار ساغلاملىقى. ئائىلىدىكىلەر، پەرزەنىت ۋە ئاتا-ئانا ئۈچۈن چوقۇم ئاياللار ساغلام بولۇپ ئاندىن شۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىمىز ئۆزىنى ئاسرىشى، سالامەتلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەنمۇ ئادەتتە ئائىلىدە ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا سۇلىياۋ پەلەي كىيىپ تۇرۇپ ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنى قىلمىسىڭىز نۇرغۇن ئىشلار سىزنى كۈتۈپ تۇرغان. ئاغرىپلا قالسىڭىز نۇرغۇن ئىشلار توختاپ قالىدۇ. ھازىرغۇ جەمئىيەت تەرەققى قىلىپ ئەرلەرنىڭ ئىدىيىسمۇ ئازات بولۇپ ئائىلە ئىشلىرىدا بىزگە تەڭ ھەمكارلىشىپ كېتىۋاتىمىزغۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا كۆپ ئىشلارغا ئۆزىمىز مىدىرىمىساق بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سالامەتلىكىمىز بەكمۇ مۇھىم. خانىم قىزلارئامال بار  سوغۇق سۇنى ئازراق ئىشلىتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىسسىق ياكى ئىلىمان سۇ بىلەن ئائىلىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارايلى. ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىدا بىز بولمىساق بولمايدۇ، ساغلام تۇرمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن بىنا ئۆيلەر بولۇپ كېتىپ، ئۆيگە كىردىڭىزمۇ، سۇ بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان گەپ. شۇ سەۋەپتىن ھازىرقى ئاياللار كېسەللىكلىرى نۇرغۇن ئاياللارنى تۇرمۇشنىڭ پەيزىدىن، خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.  ئاشۇ ئەرلەر ئۈچۈنمۇ بىز ساق تۇرمىساق يەنە بولمايدۇ، ئاغرىپ، كېسەل تارتىپ يۈرسەك، ئۇلارغا خۇشياقماس بولۇپ قالىمىز. ئۆزەم بۇنداق  دېگىنىم بىلەن ئۆيدىلا بولىدىكەنمەن، ئەتىگەندىن كەچكىچە سۇ بىلەن ھەپىلىشىپلا يۈرىيمەن، توختىماستىن ئىش ئىزدەپ. ھازىر خېلى ئۆزەمنى ئايايدىغان بولدۇم. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز، گۈزەللىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزنى ئاسرايلى، مۇۋاپىق سۇ ئىشلىتەيلى!

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەتلا سوغۇق سۇ ئىچمەيمەن لىكىن سوغۇق سۇدا كىر چايقاشنى ياخشى كۆرمەن،بونىڭدىن كىيىن بۇ يامان ئادىتىمنى تاشلىمىسام بولمىغۇدەك....

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسساپ كەتسەم (يازدا) سوغۇق يەنە كېلىپ مۇزدەك سوغۇق سۇنى گۈپ- گۈپ قىلىپ ئىچىۋىتىدىغان مىجەزىم بار ئىدى.......ئەستا!،،،،،،
قەھۋە توغرا ئېيتىسىز! ھەممىگە بىز ساق تۇرمىساق بولمايدۇ! ئاغىرىپ قالساق راستلا ھەممىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىمىز!
بىر ئەر خىزمەتدىشىم بولىدىغان! نىمانداق توي قىلمايسىز؟- دىگەن سۇئالىمغا: -ئاچچىقىم كەلسە ساغىرسىغا بىرنى تەپسەم، - ۋىيەي! نىمانداق قلىدۇ ماۋۇ! دەپ قويۇپ، ئىشىنى قىلىۋىرىدىغان توڭگۇزدەك خوتون ئالىمەن! ئاغىرىقچان خوتۇن بىلەن خوشام يوق! دەيدا!  ئاغىزىغا قاراپ قاپتىكەنمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شادىماننىڭ تېمىسىغا كۆپ رەھمەت.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2178

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دىققەت قىلساق بولغىدەك، مەنمۇ سوغۇق سۇدا كىر چايقاشقا ئامراق ، خۇشچىراي كۈندە بىر ئىنكاس يېزىپ قويۇپلا نەگەكېتىپ بارىسىز

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېچىدە پىنھاننىڭ ئىنكاسىغا قاقاھلاپ كۈلۈپ تاشلاپتىمەن، توۋا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:45 , Processed in 0.047795 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش