يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: arman-taxkin

<< پاھىشىنى ئالامسىز >> نى ئۇقۇغاندىن كىيىن ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 12:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان تاشقىنجاننى يېقىن كۆرۈپ ئىككى ئېغىز ھەق گىپىمنى قىلىپ قويسام قايناپ كىتىپتۇ...
ئۇنداقتا مەنمۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا قارىتا ئىنكاس يېزىپ قوياي...
ئۆزتىكىن ئەپەندىمنىڭ ئۇ تېمىسىنى كەمىنە قوللىمىدم. ئىشەنمىسىڭىز ئانا تۇپراقتىكى شۇ ئىنكاسىمنى قايتا ئوقۇپ بېقىڭ! پەقەت پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى ناملىق ئەسەرنىڭ ئاۋازغا ھەقىقەتەن ياخشى ئېلىنغانلىقىنى دەل شۇ سەۋەپنىڭ، ئەسەرنىڭ مۇجمەل يەرلىرىنى يوشۇرۇپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدىم.  ئانا تۇپراقتا گەپنى قىلسىڭىز مەن سىزنى ئۇنداق-بۇنداق دەپ ئىنكاس يازارمىدىم. كەمىنە ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان ئادەم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئامراقمەن. شۇڭا پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندىمۇ بوينىڭىزنى تىك تۇتۇپ سۆزلەۋىرىڭ.
مىنىڭ توي قىلغان قىلمىغانلىقىم مۇھىم ئەمەس. ئاللاھ خالىسا پات يېقىندا توي قىلىمەن. شۇڭا بۇ مەسىلىنى سۆرەپ چىقماڭ.
سىز ئاستىدىكى مىسالىڭىزنى خاتا ئېلىپ قويدىڭىزمۇ قانداق... ئاۋۋال شۇ ئوغرىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئوغرىلىق قىلغىنىغا قارامىز... بۇ مىسالىڭىز تېمىڭىز بىلەن زىت كىلىپ قاپتۇ. سىز دىگەندەك پاھىشىنىڭ نىمە سەۋەپتىن پاھىشىلىك قىلغان قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزغا ئوخشاش، ئوغرىنىڭمۇ ئاۋۋال نىمە سەۋەپتىن ئوغرىلىق قىلغىنىغا قاراش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلە:  بۇ ئىشلارنى تالاشمىساقمۇ بولىدۇ دىگەنىدىم. توردا غەيۋەت قىلىپ يۈرگىچەم، ئەرلىرىمىز ئاياللىرىمىزنى خوتۇنلىرىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ يۈرسەك، يۇقارقى پاھىشىلەرمۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماس ئىدى. ئەرلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى رەسۋا بولىدۇ  دىگەن ئەقلىيە سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان. سىز تېمىڭىزدا باشقىلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىشنى دەششەت ئۆچ كۆرگەن تۇرۇقلۇق، نىمە ئۈچۈن يۇقارقى پاھىشىنى ئالامسىز دىگەن تېما ئاپتورىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىسىز....  بۇ تېمىنى پەقەت شۇ پاھىشىنى ئالامسىز دىگەن تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ، ئۆزتېكىن ئەپەندىم بىلەن ئەركەن ئازادە مۇنازىرە قىلسىڭىز يۇقارقى بۇ مەسىلىمۇ ئايدىڭ بولاتتى. شالىمىزنى چاچماي، ئەركىن ئازادە مۇنازىرە قىلايلى... بۇ يەردە تىللىشىپ، سوقۇشۇپ كەتكەن بىلەنمۇ (ئۇنداققۇ قىلمايمىز، تىللىساڭلارمۇ جىم تۇرىدىغان يۇۋاش بالا بىز ) بىر يەرگە كەلگەندە، يۈرۈڭلار بىر تەخسە لەغمەن يەپ كىلەيلى دەيدىغان ئوغۇل بالىلاردىن بىز

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
745 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2210

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېمىغا ئېسىل ئىنكاسلار~!
دوستلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇنازىرى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەرگىزمۇ ئۇقۇشماسلىق ۋە سۈركۈلىش بولۇپ قالمىسۇن!
دوستلۇق بىرىنچى!

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە مۇنازىرە ئاپتور ئەمەس بەلكى تېما ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلسا، دوستلار ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
بۇ بىر تېما، ھەرگىزمۇ سىزنى ھازىرلا بىر پاھىشىنى ئېلىڭ دەپ سىزگە تېڭىۋاتقان گەپ ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بىر ئىش بېشىڭىزغا كېلىپ قالسا قانداق قىلىسىز، دېگەن بىر مەسىلىنى چۆردەپ پىكىر قىلساق مېنىڭچە يامىنى يوق دەپ قارايمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:53:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بوۋامدىن ئاڭلىشىمچە بۇرۇنقى زامانلاردا زىناخورلارغا تام باستۇرۇپ ئولتۇرۇش جازاسى بىرىدىكەن.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:53:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز0903 ، چىدىماسلىق قىلىۋاتامسىز - ؟
ئەگەر ئىشەنسىڭىز مەن قەتئى شەخسى ئىشىڭىزغا ئارلاشمىدىم ، دىمەكچىمەنكى ئەگەر سىز توي قىلىپ بۇلغان بۇلسىڭىز  . مۇشۇ قابىليىتىڭىز ھەم بىلىملىرىڭىز بىلەن بۇنداق ئىنكاس يازماس بۇلغىيتى دەپ ئۇيلىدىم .
- نىمە ئىشكىن ، ناھەق - ئىشلارنى ، بولۇپمۇ بىكاردىن - بىكار   قىز-ئاياللارنى كەمسىتىدىغانلارنى ۋە بۇزەك قىلىدىغانلارنى كۆرسەم شۇ چىدىيالمايدىكەنمەن . مەن تىخى ئۇغۇللارغا ئەرلەرگە ، قىزلار ، ئاياللار چىقىلىپتۇ ، بۇزەك قىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم ، لىكىن قىزلارغا ، ئاياللارغا ، ئۇغۇللار ، ئەرلەر چىقىلىپتۇ دىگەننى ئاڭلىغان ھەم ئاڭلاۋاتىمەن .  قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ يەنە قىلغان ئىشىغا مەسئۇل بۇلماي ...  ئۇ دىگەن پاھىشە ، بۇ دىگەن شاللاق ، بۇنىڭ يۇزى قىلىن ... دەپ قۇيۇشلىرىمىز بار - تىخى ...
لىكىن يەنىلا دەيدىغىم -  بۇ ئۆتنە جاھان ، كىشىگە ياخشىلىق قىلغان ئادەم ، چۇقۇم باشقىلاردىن ھەسسىلەپ ياخشىلىق كۇرىدۇ ، باشقىلارغا يامانلىق قىلغان ئادەم ھەسسىلەپ يامانلىق كۇرىدۇ . شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى بەكمۇ ، بەكمۇ  ، بەك...ئۇزۇن ، ئۇ ئارغامچا ھەممە يەرگە يىتىدۇ .

- ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يۇقمىكەن - ؟

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
283
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:31:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئىپپىتىموسا جارۇللا ھەققىدە ھىكايە

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا موسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۆلىما ياشىغان بۇلۇپ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ. بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن، قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم – دەرەم بىلەن بۇ كىشىنى كۈتۈۋاپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي – ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كېتىپتۇ. بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ. .. بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ « ئۇھ. .. !!! » دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ. شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى – سۆھبەتلەردە بولارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىقى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلارغا :
– كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بىرى ھەر قايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت – ئىكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. .. بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ تار نەزەرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم. كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى، سانى بۇخارا ئاتالغان ( يەنى، ئىككىنچى بۇخارا ) ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى. بىلمىدىم، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بىرىشەرلىمىكىن ؟!. .. — دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ كاتتىلاردىن. كاتتىلار بولسا :
– ۋاي، بولىدۇ. .. قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن !!!. .. — دېيىشىپ، موسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ.
موسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا، قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل، ئاجىز. .. نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز، رۇس، شىۋىت. .. يەنە ئامبال، لويى، دوتەي، تەيتەي. .. دىگەن نىمىلەر ناھايىتى كۆرەڭ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك. ھەتتا , بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نىمىلەرمۇ مۈشۈكنى ئالدىدىكى ساچقاندەك لاغ – لاغ تىترەپ تۇرغىدەك. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئايلىنا – ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن، ھېلىقى « كاتتىلار » :
– يا تەقسىر، بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا ! — دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ. ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشنى توسىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ :
– نىمە سەۋەبتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ؟!. .. — دەپ سوراپتۇ. « كاتتىلار » :
– بۇ كوچىغا پاھىشەخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان. بۇ يەر سىلى – بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس. شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىكلىرى تۈزۈك دەپ توسۇپتۇ. ئالىم بولسا گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن « كاتتىلار» مۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشىخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەنىكەن. ( ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى پاھىشىخانا، ئەپيۇنخانا ۋە قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار ئىكەن. )بىچارە ئۇيغۇر قىز – جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ، كۆزلىرىگە يىغا ئولىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر چەتتە، چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. « كاتتىلار » نىمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ :
– ئى بىچارە قىزىم. نىمە سەۋەبتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز ؟!. .. — دەپ سوراپتۇ. مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ.
– مەن *** يېزىسىدىكى *** دىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى قىزى *** بولىمەن. مەن 14 ياشقا كىرگەن كۈنى ئانام سىل كېسىلى بىلەن قازا قىلدى. بىز چۈإچۈرىدەك تۆت بالا قاراپ تۇرۇپ يېتىم قالدۇق. دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا، ھەم ئانا بۇلۇپ، ھەم ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلىپ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ. بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى. دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا، يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھېسابىدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى. بىز دادىمىزنى مىڭبىر – مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق. ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تېۋىپقا كۆرسەتتۇق. داداممۇ ئاخىرى نىمجان بۇلۇپ ساقايدى. ئۇرۇق – تۇغقانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دىدىلىما ؟!. .. ئۇرۇق – تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيدىلا ؟!. .. يۇرت كاتتىلىرى ؟!!! ھىھ !. .. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇلۇۋاتمامدۇ ؟!. .. دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولدى. ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بىر بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ يۈرۈپ جاڭگالدا ئىز – تىزى يوق يوقاپ كەتتى. ئون – يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۆلۈكىنى بىر توختام سۇنىڭ بۇيىدىن تېپىپ ئەپكېلىپ بەردى. يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇنى ئۇقمايمەن. جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام مەھەللىدىكىلەر مېنى تىللاپ پاتقۇزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن. — دەپتۇ ئېسەدەپ يىغلىغانچە. ئالىم بولسا كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سوراپتۇ :
– ئى ناتىۋان قىزىم، سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز ؟! — دەپ سوراپتۇ. جۇۋان :
– بەزىدە سالالايمەن. بەزىدە سالالمايمەن. — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئالىم :
– مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ. — دەپتۇ. ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان « كاتتىلار » غۇلغۇلا قىلىشىپ :
– يا تەقسىر ! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ , ئارقىدىن غۇسلى – تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يىزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتابتا بار ؟!. .. ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ ؟!!! — دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا. — ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ، ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇلبالا ئەركەك ھېسابلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ. — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم بۇلارنىڭ شۇنچىۋالا غەرەز ئۇقمايدىغان ھاماقەتلىكىگە ئېچىنىپ. — نىمە سەۋەبتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇنىڭ گۇناھى ؟!. .. — بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت « ئاتا » لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى. سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىقى قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىن ئەلۋەتتە سىلىگە يۈكلىنىدۇ. . .. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەريۇ، ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى جالاپ خوتۇن دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر ؟!. .. شۇنى بىلشىڭلار كېرەككى، ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلار مەجبۇرىيىتى ئەمەس، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى. .. بەلكىم، سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر. ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن. مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياغى بەزمە – زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر – بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار. .. تەييارلانغان نازۇ – نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى. دەسلەپتە ئەل – يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن. خەلق نامرات، ئاچ – يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ. ئىلاجسىز ئۈلۈۋېلىشقا، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ. سىلەر بولسا سېسىق كېكىرىپ يۈرۇيسىلەر. ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ – نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. تائىپىلەر بولسا خۇددى تۇغما مۇشۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرىدەك خەلقنىڭ شىللىسىگە دەسسەپ يۈرۈپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسما ؟!!!. .. خىيال قىلىپ بېقىڭلار. .. سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن ؟!. .. سىلەر مۇشۇنداق غۇرۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە. كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ !!!. ..
قەدىرلىك تورداشلار. .. ھېكايەت مۇشۇ يەردە تۈگىدى. سوغۇققانلىق بىلەن راۋۇرۇس ئويلاپ باقايلى. « ئىپپەت » دىگەن زادى نىمە ؟!. .. ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم ؟!. .. بۇنىڭ جاۋابى ھەركىمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئايدىڭ. ……..

http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8558

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 28 January 2011
ئاپتۇر: Karahan

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
283
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق تالاشمايلى ....خۇلاسە ئەرلەر ئاياللىرىغا ،باللىرىغا مەسئۇل بۇلۇش بىلەن بىرگە قېرىنداش ھەدە -سىڭلىلىرىغا مەسئۇل بۇلۇپ قويسا دىگەن ئۈمىتتىمەن ،بۇنداق دىسەم خوتۇن بالىنى تاشلاپ ئىگە بۇلۇش ئەمەس جۇمۇ ، بۇنى چۇشەندۇرمىسەممۇ ھەممە ئادەمگە ئايانغۇ .....

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
31
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 18:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

10# جۇلالىق نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

توغرا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك. ھەرخىل مەسىللەرگە كۆز قاراش ۋە باھا بېرىشمۇ، ھېسىيات بىلەن ئەقىل بىلەن بولىشى كېرەك.
جۇلالىق--مەن سىزنىڭ قارىشىڭىزنى %100 قوللايمەن .

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر  پاھىشە  بولسىمۇ    توي قىلىپ   ئوڭشايمىز   دېسەڭلا   ئۇيغۇر  قىزلىرى ئەر چىقىدىكەن  دەپ   ئوز  تىنىنى  سېتىپ  يۈرمەمدۇ    سىلەر   ئاللاغا   ئىشىنىسىلەرغۇ  دەيمەن  ئاللا  قۇرئاندا مۇنداق  دېگەن   ئىپپەتلىك  ئاياللار  ئىپپەتلىك  ئەرلەر  ئۈچۈن    پاسكىنا  ئاياللار  پاسكىنا  ئەرلەر  ئۈچۈن  دېگەن       ئاللاغا  ئىشەنسەڭلار بۇ   ئايەتنى  قوبۇل  قىلىڭلار  قوبۇل  قىلمىساڭلار  ‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى››  دېگەن  روماندىكى  غەيرەتتەك  ج***  ئىزدەڭلار       ئاللا تائالا  بىراۋنىڭ  ئەتمىشىدىن  بىراۋ  سورالمايدۇ  دېگەن     ئىختىيار  ئۆزۈڭلاردا   ئېگىمىز  ئاللا  بىزگە  نەسىھەت  قىلغان  . سىلەر  ئەقىللىق مۇ ئاللامۇ  ؟؟؟؟؟     ئاللا  ئەقىللىق  شۇنداقمۇ    ئۇنداق  بولسا               ،،،،ئىپپەتلىك  ئاياللار  ئىپپەتلىك  ئەرلەر  ئۈچۈن    پاسكىنا  ئاياللار  پاسكىنا  ئەرلەر  ئۈچۈن  دېگەن       بۇ   ئايەتنى  قوبۇل  قىلىڭلار

ئىملاغا دىققەت قىلىڭ. ئىملا خاتالىقىڭىز بەك ئېغىر.  (Jewlaniy)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jewlaniy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:42  


Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman-taxkin   سېز  بونداق ئويغۇر  يېگىتلىرىنىڭ  يوزىنى  توكمەڭ   پاخىشەنى ئۇزىڭىز  ئلىڭ  سېز نىڭ  قەدىرلىك قىزلىرىمىزدە  نىمە  ئامال دىمەكچىمۇ  سېز  مۇسۇلمانمۇ بوسېناق  دۇنياسى مۇھتاج بولسا  رەبىىىدىن قورقۇپ  تۇرامدۇ  يا سېز  بانا  تاپقانغا  ئوخشاش  جالاپ  لىق قىلامدۇ   مېنىڭ  ئانام  ئېغېر  كىسەل باشقىلار  ياردەم  قىلمىدى   مەن  بولاڭچىلىق  قىلايمۇ  ياق  مۇھتاجلىق  ئۇچۇن  ئاللاھنى  نارازى قىلامدۇق مۇھتاجلىق  ئۇچۇن جالاپلىق  قىلامسىز  ياكى   سەبرى  قىلامسىز  ياكى   سىز  نىڭ  ئىگىڭىز  ئاللادىن  ياردەم  تىلەمسز    بوسىناق دۇنيا   ئاللا  قۇرئان كەرىمدە  بېز  سىلەرنى  ئاچلىق  قورقۇنجا نامراتچىلىق باللىرىڭلارنىڭ  ئاز بولىشى  زېرائەتلىرىڭلارنىڭ  كەم بولىشى  ئارقىلىىق  سىنايمىز  دىدى    بو  سىناقىتىن  ئوتەلمەي  جالاپ  ئوغرى   پاشىۋاز بولسا  ئورۇنلۇقكەندە         ئەمدى  ئونداق  جالاپلارنىڭ  ئېشىنى  قوللىماڭ   مەن  شۇ تاپتا  سىزدەك  ئويغۇر  دىن  نۇمۇس  قىلدىم  سېز نى  ئاپىڭىز جاپا  تارتىپ  توققۇچە  چېقېرۋەتكەن  بولسا   ئاھ  غۇرۇھ قېنى  ئەركەك لىرىمىز  خاپا  بولماي  جالاپ  دىگەن  ئۇقۇمدىن  يېرگىنمەي  قوللايسىلە  ئاھ  مېللىتىم  ئاھ  دىىنىم  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:33 , Processed in 0.044301 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش