يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت كۆڭۈلدىكى سۆز سىز يۈسۈفتىن چىرايلىقمۇ؟
كۆرۈش: 4454|ئىنكاس: 22
go

سىز يۈسۈفتىن چىرايلىقمۇ؟

Rank: 4

توردا
51 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
176 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز يۈسۈفتىن چىرايلىقمۇ؟

     سىز چىرايلىقمۇ؟ كېلىشكەنمۇ؟ ئۇنداقتا سىز يۈسۈفتىن چىرايلىقمۇ؟ يۈسۈفتىن ئېشىپ چۈشەمسىز؟   سىزدە يۈسۈفتەك ئۆزىنى پاك ساقلىيالايدىغان ئىرادە بارمۇ؟
      
     يۈسۈف-زۇلەيخا قىسسىسى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان،« قىسسەسۇل ئەنبىيا» دىگەن كىتاپتا بايان قىلىنغان،( بۇرۇن مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا كىتاۋىنى ئوقۇغان ئىدىم)  ،  يېقىندا، ئىران مەملىكىتى تېلىۋىزىيە شەكلىدە ئىشلىگەن 44 قىسىملىق دۋد  نۇسخىسى، دەسلەپتە تۈركچىگە (ئۈرۈمچىدە ئاۋال تۈركچىدىكى تەرجىمىسى بازارغا سېلىنغان)، ئاندىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بازارغا سېلىندى.  ئارىمىزدا كۆرمىگەنلەر ئاز بولمىسا كېرەك. بۇ فىلىمنى بىز پەقەت بىر ئادەتتىكى فىلىم شەكلىدە كۆرسەك، ئۇنىڭدىن ھىچنىمە ئۈگىنەلمەيمىز، پەقەت، ئوي پىكىر ئارقىلىق تەپەككۈر قىلغان ئاساستا كۆرسەك، بەلكىم ئۈگۈنۈشكە، ئۆزىمىزدە بار بولغان ناچار ئىشلارنى، يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
    سىز يۈسۈفتىن چىرايلىقمۇ؟
    بۇ فىلىمدە يۈسۈفنىڭ رولىنى ئالغان مۇستافا زامانى رولنى ھەقىقەتەن ياخشى ئالغان، شۇنداقلا،ئۇنى بۇ فىلىمدىكى بارلىق پېرسۇناژلار ئىچىدىكى ،بارلىق ئارتىسلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق شەخس دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقى يۈسۈف بۇنىڭدىن قانچىلىك چىرايلىق بولغىتى دىگەن سۇئال ھەممىمىزنىڭ كاللىسىغا كېلىدۇ،  چۈنكى، يۈسۈفنىڭ بەكمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكى ساماۋى كىتاپلاردا بايان قىلىنغان. كىچىك ۋاقتىدىكى يۈسۈفنى بىز تەھلىل قىلماي تۇرايلى، ئەمدى، ياشلىق، قىرانلىق دەۋردىكى يۈسۈفنى ئالساق، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ چىرايلىق كەلگەن بىر كېلىشكەن، ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، يۈرەككە ئوت سالىدىغان بىر شەخس. لېكىن، بىز فىلىمدە ئۇنىڭ ئۆز چىرايىغا تەمەننا قويۇپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغان بىرەر ئالامىتىنى كۆرمەيمىز، شۇنداقلا، ئۆز چىرايىغا تەمەننا قويۇپ، ئۆزىنى ياخشى كۈرۈپ قالغان زۇلەيخاغا يامان نىيەتتە بولغانلىقىنى كۆرمەيمىز، شۇنداقلا،باشقا ئىسىلزادىلەرنىڭ ئاياللىرىغا يامان نىيەتتە بولغان تەرەپلرىنى بايقىمايمىز؛ بۇ ئېنىقلىقى، بىز كۈرۈپ ياد بۇلۇپ كەتكەن، غەرپنىڭ كىنولىرىدىكى 007 بولسۇن، تىرويادىكى شاھزادىلەر بولسۇن ياكى پالۋانلار بولسۇن، ئىشقىلىپ، بەدەنلىرى كۈچكە تولغان، كېلىشكەن شۇ شەخسلەرنىڭ توي قىلماستىن بۇرۇن ۋە ياكى توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ،باشقا ئاياللار بىلەن ئىشپەش تارتىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ياكى بىردەملىك ھىسياتقا بېرىلگەن، ئۇچرىغانلىقى ئايال زاتى بىلەن ئاپپاق چاپاق بۇلۇپ كېتىدىغان شەھۋەتتىن خالىدۇر.  ئەمدى ئارىمىزدىكى يىگىتلەرچۇ؟ ئەرلەرچۇ؟ بۇنى مۇنبەرلەردىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە پوۋېست ھىكايىلەردىن، قۇم باسقان شەھەر رومانىدىكى مەزمۇنلاردىن، ئانا يۇرت رومانىدىكى بەزى پېرسۇناژلارنىڭ ئىشلىرىدىن، باياۋاننىڭ سىرى رومانىدىكى مەزمۇنلاردىن، ناتىۋانلار رومانىدىكى مەزمۇنلاردىن،  تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ئوچېرىكلاردىن، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن، قانۇنچىلىق گېزىتىدىكى ھەر خىل دېلولاردىن، قىسقىسى رايۇنىمىزدا يامراۋاتقان ئەيدىزدىن ئىبارەت جىنسى يول ئارقىلىق يۇقۇدىغان كىسەلنىڭ يامرىشىدىن  ئۇيغۇرلار توپىدىكى بىر ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە.  
      زۇلەيخانىڭ يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن بىرگە بۇلۇشنى تەلەپ قىلغان ۋاقتى، يۈسۈفنىڭ ئەڭ كۈچكە تولغان، ياشلىق ھىسياتلىرى ئۆرلەپ تۇرغان، ھەر قانداق ئايال زاتىغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ئويلايدىغان، شەھۋەت ھەۋەس ئەڭ كۈچلۈك دەپ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا،شۇ دەۋردە ئۇ قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، خوجايىنى بولغان زۇلەيخانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىسا ئۆزىنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى ئېنىق، شۇ كېچىدە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى   زامانىسىنىڭ گۈزىلى، ئېسىلزادىسى زۇلەيخا ئىدى. يۈسۈف شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپ، شۇنداق كېلىشكەن تۇرۇپ، يىگىتلىك ھەۋىسى شۇنداق كۈچلۈك تۇرۇقلۇقمۇ، ئېسىلزادە زۇلەيخانىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ، خوجايىنىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ، قولىنى كېسىۋالغان باشقا ئاياللارنىڭمۇ ( ھەممىسى بايلارنىڭ ،ئەمەلدارلارنىڭ مىسىردىكى ئىسىلزادىلەرنىڭ ئاياللىرى)   تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ. پاكلىقىنى ساقلايدۇ تاكى نىكاھ ئوقۇتۇپ، ئاسانات بىلەن توي قىغۇچە. دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل،چىرايلىق بىر ئەر پاكلىقىنى ساقلىيالىدى، ئۇ ئۆز چىرايىغا، گۈزەللىكىگە تايىنىپ ھەر قانداق ئىشنى قىلىمەن دىسە قىلالايتى، ھەر قانداق ئايال زاتىنى قولغا كەلتۈرىمەن دىسە كەلتۈرەلەيتى، لېكىن، ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، نىم بۇلۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر، خوجايىنىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلالىدى، ( ئارىمىزدا ئەمەل ئۈچۈن، بايلىق ئۈچۈن، خوتۇنىنى ،قىزلىرىنى سولاپ بىرىدىغانلار يوق ئەمەس، قىماردا ئۆز ئايالىنى، قىزلىرىنى دوغا تىكىدىغان نامەرتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت )
      100% ئەمەس ، ئون مىڭ پىرسەت ئېنىققى، مۇقەررەركى،  بىز گۈزەللىكتە، چىرايلىقلىقتا يۈسۈفكە يىتەلمەيمىز.   ئەگەر يۈسۈفتەك ياكى يۈسۈفنىڭ يېرىمىغا ھىچ بولمىسا، تۆتتىن بىرىغا تەڭ كىلىدىغان چىراي بىزدە بولسا، بىز قانداق قىلارمىز؟ زۇلەيخادەك بىر ئىسىل ئايال، ياكى پۇلدار ياكى چىرايلىق بىر قىز بىزنى ئۆزىگە تارتسا، بىز ئۆزىمىزنى پاك تۇتالامدۇق؟ پاكلىقىمىزنى ساقلاپ قالالامدۇق؟ شەھۋەت جېڭىنى ئەقىل ئوقياسى بىلەن يېڭەلەمدۇق؟  زىناغا، ناپاكلىققا بىرىلىدىغان جازا شۇنداق ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا شۇنىڭغا قۇل بولماقتا. بىردەملىك ھىسياتىنى دەپ ئۆزىنى ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلماقتا، باللىرىنى يىتىم قىلماقتا، ئاياللىرىنىڭ قەلبىنى شىكەستە قىلماقتا. بۇنىڭدا يەنىلا ئەرلىرىمىزنىڭ، يىگىتلەرنىڭ ئىرادىسىزلىكى،ئېتىقادىنىڭ سۇسلىقى، ئائىلىگە بولغان  مەسئۇليەتسىزلىكى، كىچىككىنە ھەۋەسكە قۇل بۇلۇشى، چەكلىك ھاياتىنى ئەيش-ئىشرەتكە بېغىشلىشى، ئۈلۈمدىن باشقىسى تاماشا دىگەن ئىدىيىگە قۇل بۇلۇشى، ھىچكىم كۆرمىدىغۇ( ئەمەلىيەتتە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان، كۈرۈپ تۇرىدىغان بىرەيلەن بار)، بىلمىدىغۇ، مەندە، پۇل بارغۇ، كۈچ بارغۇ، ماغدۇرۇم بار چاغدا ئوينىۋالايچۇ...دىگەندەك غەيرى ئىستەكلەر بىلەن ناپاكلىق چۆلىگە قاراپ يول ئېلىشى ئاساسلىق سەۋەب.
     بىر قىسىم يىگىتلەر ئۆزىنىڭ چىرايى، كېلىشكەن تۇرقىغا تەمەننا قويۇپ، قىزلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىغا تەگمەكتە، ئۆزىنى ناپاكلىق دەرياسىغا تاشلىماقتا، قىزلارنى ئالداشتا، شۇ چىرايىغا، تۇرقىغا تايانماقتا، ئۆزىنىڭ بىر ئېتىقادلىق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماقتا. بەزى كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ قىلىقى، قىلغان ئىشلىرى، نامەرتلىكى كىشىنىڭ غەزىپىنى، نەپرىتىنى قوزغايدۇ. ئۇلارغا لەنەت بولسۇن.  
     قىسقىسى، بۇ فىلىمنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر شەخس ئۆزىنىڭ پاكلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرسە ئارتۇقلۇق قىلماس. يۈسۈفنىڭ ئىرادىلىكلىكى، قەيسەرلىكى، چەبدەسلىكى، دۇشمەنلەرگە تىز پۈكمەسلىكى، ئاجىزلارنى قوغدىشى، خۇش پېئىل مۇئامىلىسى، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىشى، توي قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، جاپاغا چىداپ قىلىچۋازلىقنى ئۆگىنىشى، ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىشى، ئەمەلدار بولغان چاغدىمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلماي، يەنىلا توغرا يولدا مېڭىشى، قول ئاستىدىكىلەرگە كۈيۈنىشى، غەمخورلۇق قىلىشىدەك گۈزەل ئەخلاقلار بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
    گۈزەل ئەخلاق، پاك-دىيانەتلىك قەلپ، ئەقىل-پاراسەت، روشەن قەلب، روشەن كۆز ھەممىمىزگە يار بولسۇن!!!

    مەنبە: ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىم.


Rank: 3Rank: 3

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 
نادىر
يازما
292 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن پەقەت ئاپىرىنلا دەي!
مۇنبەردە مۇشۇنداق كىشىنى ھاياجانغا ئاندىن ئويغا سالالايدىغان تېمىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ، مۇنبەرنىڭ يىراق كەلگۈسىنى كۆرۋېلىش ئۇنچە تەس ئەمەس

Rank: 4

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
394 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ فىلىم توغۇرلۇق ئاڭلاۋېرىپ قىزىقىپ ئاخىرى بىر كۈنى پىلاستىنكىسىنى ئەپكېلىپ كۆردۈم.
دىمەكچىمۇ بۇنى بىر فىلىم ئورنىدا كۆرۈپ تۈگىتىۋەتسە ئەجەپلىنەرلىك بولغىدەك، يۈسۈفنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەپۇچانلىقى ھەم يۇقۇردىكى يازمىدا ئېيتىلغان گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىزگە زەررىچىلىك يۇقسا ئىدى، ئۇ چاغدا بىز خېلىلا مۇكەممەل ئادەم بولالىغان بولاتتۇق.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە شۇنى تەكىتلىمەيمۇ بولماي، پەيغەمبەرلىرىمىزدە مانا مۇشۇنداق خىسلەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر بولالىغان.

Rank: 4

توردا
51 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
176 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:    اللەنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق كۈندە، اللە ئۆز سايىسىگە ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئىچىدە، چىرايلىق بىر ئايال گۇناھ ئىشقا چاقىرسا :"مەن اللە دىن قورقىمەن" دىگەن كىشى  بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ..

بىر مۇنبەرداشنىڭ بۇ تېمىغا يوللىغان ئىنكاسىنى يوللاپ قويدۇم.

Rank: 1

توردا
5 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 
نادىر
يازما
13 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 14:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرادەيسىز     ھەممە ئادەم شۇنداق بولسا جاھان بۇزۇلمىغان بولاتتى. بارىكاللا   رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
23 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 
نادىر
يازما
122 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاپىرىن !
ئوقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم !
مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلارغا تەشنا بىز ....
تەشەككۇر !

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
130 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رىۋايەتلەردە ۋە بىر قىسىم ھەدىسلەردە دىيىلىشىچە، ئاللاھ گۈزەللىكنىڭ 99% تىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا، قالغان بىر پىرسەنتىنى 100 گە بۆلۈپ ئۇنىڭ 99% تىنى زۇلەيخاغا، قالغان بىر پىرسەنتىنى جىمى ئالەمگە بەرگەن ئىكەن.
"قىسسەسۇل ئەنبىيا" دا دىيىلىشىچە، مىسىردىكى 7 يىللىق قاھەتچىلىك تۈگىگىلى ئاز قالغاندا مىسىردا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا سېتىلمىغان ھېچكىم قالمىغان. ئاخىرىدا قاھەتچىلىك تۈگەشكە نەچچە ئاي اقالغاندا، يىمەكلىك يىتىشمەي، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مىسىر خەلقىنى بىر جايغا يىغىپ، ئۆز ئەسلى جامالىنى كۆرسەتكەن. (يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى نىقاپلاپ يۈرەتتى) خەلق يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل جامالىغا قاراپ ھوشىدىن كەتكەن. ھوشىغا كەلگەندە يەنە شۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شۇنىڭ بىلەن خەلق قاھەتچىلىكتىن ئۆتۈپ كەتكەن دىيىلىدۇ. دۇنيادا ھېچكىم يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ جامالىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
130 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنىڭ بويىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بويىغا ئوخشاش ئىگىزلىكتە " رىۋايەتلەردە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىگىزلىكى 70گەز دىيىلىدۇ"
ئاۋازى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭكىدەك " داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ (تەۋرات) ناملىك كىتاپنى نازىل قىلغان. داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك يېقىملىق، شۇنچىلىك ياڭراق ئىدىكى، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن تەۋراتنى ئوقۇسا قۇشلارمۇ ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ يىغلىشىپ كېتەتتى دىيىلگەن.
چىرايى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭكىدە،  ئەخلاقى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭىدەك بولۇپ تۆرىلىدۇ دىيىلگەن.

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەق سۇبھانەھۇۋەتائاللا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا 10 نەرسىنى كارامەت قىلغان : بىرىنچى: ھۆسن-جامال ؛  ئىككىنچى: خەتنە قىلىقلىق ؛ ئۈچىنچى: خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش؛  تۆتىنچى: چۈشكە تەبىر بېرىش ؛ بەشىنچى:ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاش ؛ ئالتىنچى: پەيغەمبەرلىك ؛ يەتتىنچى: پادىشالىق؛ سەككىزىنچى: شىجائەت ؛ توققۇزىنچى: خۇشخۇيلۇق ؛ ئونىنچى: پاكلىق .

                                                      _ قىسەسۇل ئەنبىيا دىن

بۇ فىلىمنىڭ جەمىيىتىمىزگە بولغان تەسىرى خېلىلام كۈچلۈك بولدى ، ئوقۇغۇچىلاردىن تاكى ئۈچۈپ < چۈشىشىنى بىلەلمايۋاتقان ئەركىن قۇشلارغىچە> ، پۇتۇن تىلفۇنلارنىڭ قۇڭغىرىقىدىن باش كېيىملىرىگىچە ئالماشتى ، تېلفۇن كەلسۇن ياكى سىز تېلفۇن قىلىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مۇزىكىسى < ئىنشائاللا ئاللاھ > بولدى . نۇرغۇن خانىم قىزلىرىمىزنىڭ بېشىغا ياغلىق ياكى لىچەك چىقتى . ئەرلىرىمىز جۇمەگە بېرىشتىن باشلاپ پەرىز نامازلىرىنى  ئادا قىلىشقا كىرىشتى . ئىگەم شۇ كىشلەرنىڭ كۆڭلىگە مەڭگۈ ھىدايەتلەرنى ئاتا قىلسۇن . ھەرگىزمۇ بىر مەزگىللىك مودا بولۇپ قالمىسۇن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
86 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 
نادىر
يازما
560 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن جىلۋە خانىم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:08 , Processed in 0.027643 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.