.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دادا!
بۈگۈن (2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى) ۋاپاتىڭىزنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى. 1985-يىلى ئالتە يېشىمدا كەنجىتايىڭىزنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ماڭغان ئىدىڭىز. ئەمدى قارىسام كىچىك قىزىم مەكتەپكە كىرىپ، ئالدىمدا ئويناپ يۈرۈپتۇ.
ھاۋانىڭ پەيلى يامان تۇرىدۇ، كەيپىممۇ ھەم ناچار. كۆزلىرىمگە يىغا ياماشقان ھالدا، سىزگە ئاسايىشلىق تىلەپ دۇئا قىلىۋاتىمەن، دادا !
دادا، 1980 – يىلىدىن باشلاپلا، «كەمبەغەللەر كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆپكە كېسىلى ۋۇجۇدىڭىزنى چىرمىغان ئىكەن، 1984 – يىلىغا كەلگەندە، كېسىلىڭىز تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ، ئۆيدىكىلەر سىزنى بىر مەزگىل داۋالاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ياخشى بولالماپسىز. ئەمدى بىلسەم، سىز ئانامنى، بىزنى قىيناپ قويىمەن دەپ، ئوبدانراق داۋالانماپتىكەنسىز. ئاقىۋەت، ئاللاھدىن كەلگەن ئەجەل بىلەن، 1985 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سەكراتقا چۈشۈپسىز، ئاكىلىرىم مېنى ئويناۋاتقان يېرىمدىن چاقىرىپ كەلدى. قارىسام، ھەممەيلەن بېشىڭىزدا تۇرۇشۇپتۇ، «رازىلىق بەر، ساڭا تارتىشىپ قالدى» دېيىشتى، «رازى بولۇڭ» دېگىنىم ئېسىمدە، بىزگە – بالىلىرىڭىزغا تويماي ئۆتكەن مۇبارەك كۆزلىرىڭىز يۇمۇلدى…
ئاتىسىز كۈنلەر باشلاندى، ئانام پات – پات «داداڭ رەھمىتىنىڭ ئۈمىدى سەندە ئىدى، سېنى قايسى تامنىڭ تۈۋىدە بويۇن قىسىپ قالاركىن، دەپ ئەندىشىدە ئىدى» دەيدىغان. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز بەركاتىدا، بويۇن قىسىپمۇ قالمىدىم، ئىشلىرىم جايىدا كېتىپ بارىدۇ. قايسىبىر ئىشىمدا غەلىبە قازانغۇدەك بولسام، ئاتام بولسىچۇ كاشكى، مۇشۇ خۇشھاللىقلىرىمنى كۆرسە، دەپ كۆزلىرىم ياشلىنىدۇ. باشقىلار غەلىبىدىن كۈلسە، مەن يىغلايمەن. دادىسىز كۈن كۈنمۇ؟
جان دادا، سىزنىڭ بىزنى دەپ تارتقان جاپالىرىڭىزنى ئەسلەيمەن، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە سىزنى ئەمەلدارنىڭ بالىسى دەپ، كۈنلەپ ئۇخلاتماي كۈرەش قىلغانلار ھېلىھەم ياشاۋاتىدۇ، ئۇلارنى ھەربىر كۆرسەم، چايناپ پۈركۈۋەتكىم كېلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ، سالام بەرگەنلىكىگە قاراپ، خەير، بىر كۈنلەر كېلەر، ئاللاھ ھەممىنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغۇ! بەندىنىڭ ئالغان ھېسابىمۇ ھېسابمۇ، دەيمەن.
دادىسىدىن قاقشايدىغانلارنى، «دادام ئۇنى قىلىپ بەرمىدى، بۇنى قىلىپ بەرمىدى» دېگەنلەرنى ئۇچراتسام، ئاغزىغا ئۇرغۇم كېلىدۇ، «داداڭ ساڭا نېمە قىلىپ بەرسە بولىدۇ، سېنىڭ دۇنياغا يارىلىشىڭغا كۈچ بېرىشتىنمۇ ئارتۇق ئىش بارمۇ، ساڭا يەنە نېمە بەرسە بولاتتى، ناكەس؟» دېگىم كېلىدۇ.
خەير، بىز كەبىي قارا كۆزلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن، ھەممىگە قادىر ئاللاھ دادىلارنى ئامان قىلسۇن.
بۈگۈن قەلبىمدىكى گىگانت ئىنسان-دادام ۋاپاتىغا 26 يىل بولدى. ھاۋا تۇتۇق، كەيپىم ناخۇش، يۈرەكلەر پىغانلىق... قادىر ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن: ئىي ئاللاھ! رەھمىتى دادامغا جەننەتۇل رىزۋاندىن ئورۇن بەرگەيسەن !!!
مەنبە:
قىسمەت بلوگى
يازما مەنزىلى:
http://www.qismet.me/dadam.html