يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 711|ئىنكاس: 10

«باھادىرنامە»دىن ئارىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ئىزدەۋىتىپ . <ئەنىۋەرسوفت > تور بېتىدىن بۇ مەزمۇننى كۆرۈپ قالدىم .  مۇنبەردىكى قىزلارنى تەڭ كۆرۈپ باقسۇن دەپ يوللىشۇم . < ئەنىۋەرسوفت> مۇنبىرىدىكى باغۋەن ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇرلەر .

ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «باھادىرنامە» ناملىق رومانىدىن ئارىيە
(4-توم 1422-بەتتىن1425-بەتكىچە)

بىر ھەپتىدن كېيىن سۇلتان يۇنۇسخان چوڭ قىزى مەلىكە مېھرىنىگار خېنىمنى قىرىق نەپەر خاس كىنىزىكى بىلەن قوشۇپ سەمەرقەنتكە يولغا سالدى.
-جېنىم قىزىم،-دىدى سۇلتان يۇنۇسخان تولا يىغلاپ كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن مەلىكە مېھرىنىگار خېنىمنىڭ قوش-قوش ئالتۇن ئۈزۈك سېلىنغان نازۇك بارماقلىرىنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ،-سىلى مېنىڭ يۈرەك پارەم،جان جىگىرىم،ئەلۋەتتە سىلىدىن ئايرىلىشقا مەنمۇ چىدىمايمەن. نە چارە؟! قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىش ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىزدىن قالغان ئۇدۇم ئىكەن.سىلى شول تاپتا مېنى باغرى قاتتىقلىقتا ئەيىپلاۋاتقانلا. ئەمما يۈرۈكۈمنىڭ ئايرىلىش ئازابىدا قايسى ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئاتىلىرىنى سىلىگە نەقەدەر ئامراقلىقىنى، ھەرقاچان غەملىرىنى يەپ، ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلرىدە مەھەكەم تۇتسىلا. ھازىردىن باشلاپ ئارلىقىمىز چەكسىز ئۇزىرايدۇ. مەيلى سىلى مەندىن قانچىلىك يىراقلىقتا تۇرلسىلا، يۈرەكلىرى ھەرقاچان يۈرۈكۈمگە ھەمرا بولۇپ تۇرۇدۇ. سىلى ھازىردىن باشلاپ مېنىڭ قىزىملا ئەمەس، ئاياللىق سۈپەتلىرى بىلەن بىر ئەرنىڭ خوتۇنى. خانىشلىق مەرتىۋىلىرى بىلەن بىر ئەلنىڭ ئانسى بولىدىلا. ھەرقاچان ئاياللىق پەزىلەتلىرىنى ساقلاپ، كۈيۆلىرىگە ساداقەتمەن،ئىتائەتمەن بولسىلا. ئۇنۇڭغا ئاتا-ئانىلىرىغا كۆيۈنگەندىنمۇ زىيادە كۆيۈنسىلە. ئاتا-ئانىلىرىنى سۆيگەندىنمۇ زىيادە سۆيسىلە. ئاياللىق پەزىلەتلىرىگە زىنھار داغ چۈشمىسۇن. ناۋادا ئاياللىق پەزىلەتلىرىگگە تىرناقچلىلىك داغ چۈشىدىكەن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ شەنىگە ئۇنۇڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ داغ چۈشىدۇ. سىلىنى ساپ ھاۋاسى، شەربەتتەك سۈيى، ھالال نازۇ نېمەتلىرى بىلەن پەپىلەپ ئۆستۈرگەن ئەل يۇرتلىرىنىڭ شۆھرىتى يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. خانىشلىق مەرتىۋىلىرىنى قەدىرلىسىلە. باشقا خانىشلارنىڭ مەرتىۋىسىگە رىئايە قىلسىلا. ئۇلارنى بىر تۇققان ھەمشىرىلىرىدەك كۆرسىلە، ھۆرمەتلىسىلە، كۆيۈنسىلە. مىسالەن، ۋالىدەلىرى خانىش شاھ بېگىمنىڭ دوستۇلۇقىنى، مېھرى-مۇھەببىتىنى ھەرقاچان كۆز ئالدىلىرىغا كەلتۇرسىلە، ۋۇجۇدلىرىغا كۈندەشلىك زەھىرىنى يېقىن يولاتمىسىلا، غەيۋەت-شىكايەتتىن يىراق تۇرسىلا. ئىنسان ئۆزىنى ئۇششاق سۆزلۈك، ئاداۋەتخورلۇق، داغۋازلىق، ھاكاۋۇرلۇق، ئىچى تارلىق، ۋاپاسىزلىق، ساداقەتسىزلىك ئىللەتلىرىدىن خالىي قىلىپ چىقمىغىچە شول خىل ئىپلاس،پەسكەش خاراكتىردىن ئازاد بولالمايدۇ. مەن سىلىنى كۈيۈ ئوغلۇم سۇلتان ئەھمەد مىرزىغا ئۇسسۇلۇق،غىزا،ئۇيقۇ قىلىپ بەردىم. سۆزۈمنىڭ تېگىگە يەتسىلە. سىلىنى كۈيۈ ئوغلۇمنىڭ ئۇسسۇلۇقى دىگىنىم: ئەر دىگەن ھەرقاچان ئەل غېمى بىلەن يۈرۈيدۇ.غەم ئۇنى ھاردۇرىدۇ،تالدۇرىدۇ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى خورىتىدۇ. بۇنداق ھالەت مىسالى كىشىنىڭ چاڭقىغىنىغا ئوخشايدۇ. ھەرقاچان ئۇنۇڭ غېمىگە غەمخان بولسىلا. غېمىنى ئازراقمۇ بولسا يەڭگىللىتەلىسىلە خۇددى چاڭقىغاندا ئۇسسۇلۇق-شەربەت بەرگەنگە ئوخشاش بولىدىلا. سىلىنى كۈيۈئوغلۇمنىڭ غىزاسى دىگىنىم: بىر ئەلنىڭ سۇلتانى تەسەررۇپىدىكى ئاۋام رئىيەتنى ئاچ زېرىن قويماسلىقى كېرەك. قايسى ئەلدە قەلەندەر تىلەمچى كۆپۈيۈدىكەن، شول ئەلنىڭ سەلتەنەتى ئاسان زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. ئىسىل مەئىشەتلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئاددى-ساددا ياشاشنى ئادەتلەندۇرسىلە. خەزىنىنى تېجىسىلە، سىلىنىڭ تېجىگەن غەزىنىلىرى بىلەن مىڭلاپ ئاۋامنى تويۇندۇرۇش مۇمكىن. ئاۋام- رەئيەت ئاچ قالسا، ئاشۇ ئاۋامنىڭ ھۆكۈمدارىمۇ ئاچ قالىدۇ. ھەرقاچان ئاۋام-رەئيەتنىڭ غېمىنى يىسىلە كۈيۆلىرىگە ئېسىل غىزا بەرگەن بولىدىلا. سىلىنى كۈيۆئوغلۇمنىڭ ئۇيقۇسى دىگىنىم: ئادەم غەم قايغۇدىن، كۆڭۈلسىزلىكلەردىن، رەنجىشلەردىن خالى بولسا خاتىرجەمىككە ئېرىشىدۇ. ئاددى ئاۋامغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئەلنىڭ پاسىبانىنڭ غەم-قايغۇسى، باش ئاغرىقى، قىلىدىغان ئىشلىرى، ئويلايدىغان ئويى نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئەرنىڭ غېمىنى يەڭگىللىتىدىغانمۇ ئايال، كۆپەيتىۋېتىدىغانمۇ ئايالدۇر. سىلى كۈيۆلىرىگە نەپەسداش بولۇپ، خاتىرجەملىككە يۈزلىنىشىگە كۈچ چىقارسىلا ئۇنۇڭغا شىرىن ئۇيقۇ ئاتا قىلغان بولىدىلا. چۈنكى، خاتىرجەملىك، كۆڭۈل ئازادىلىك شىرىن ئۇيقۇغا ئوخشاش راھەتتۇر. كۆز ياشلىرىنى توختۇتۇپ ، خوشال كۈلكىلىرى بىلەن يولغا چىقسىلا قىزىم. سىلىنى ئاۋال ياراتقان ئاللاھ ئىگەمگە، ئاندىن مەرھەمەتلىك كۈيۆئوغلۇم سۇلتان ئەھمەد مىرزىغا تاپشۇردۇم. ھەرقاچان يېرىم دىدار بولمىش مەكتۇپلىرىنى كۆزۈمگە سۈرتۇپ ئوقۇشۇمغا نېسىپ قىلغاي.
سۇلتان يۇنۇسخان قىزىنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن ئۆمەر شەيخ مىرزا بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلۇشۇپ، بۈيۈك سەلتەنەتنىڭ پايتەختى ئاقسۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

مەنبە :http://www.anwar.cn/showthread.php?12390-
بۈيۈك موغۇلىستان پادىشاھى سۇلتان يۇنۇسخاننىڭ قىزىنى ياتلىق قىلىش ئالدىدىكى سۆزى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:58:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭ جىلۋە...مۇشۇ يەرلىرىڭىز مېنى بەك سۆيۈندۈرىدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتون ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتون ... دادام ماڭا بۇگەپنى كۆپ دەيدىغان ،،،

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"باھادىرنامە" نى ئوقۇپ تۇگەتتىم .ئاخىر....

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  كىتاپنىڭ  نامىنى  ئاز  ئاڭلىمىدىم !  ئاللا  بۇيرىسا  بىر  ئېلىپ  ئوقىمىسام خەپ !!!!

رەخمەت جىلۋە   .........ياخشى  نەرسىلەرنى دوسلار  بىلەن  ئورتاقلاشقىنىڭىزغا كۆپ  تەشەككۈر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:13 دە يوللىغان
"باھادىرنامە" نى ئوقۇپ تۇگەتتىم .ئاخىر....

ماۋۇ بىزنىڭ  بوۋاي قايسى ئارلىقتا، قانداق ئوقۇپ تۈگەتتىكىن تاڭ، بىر كۈنى باھادىرنامىنى ئوقۇپ بولدۇم دەيدۇ ، مەنمۇ ئوقۇپ باقاي دېسەم سىز بۇ ئالتە كىتاپنى چۈشىنىپ، ئوقۇپ بولغىچە بىر يىل ئۆتەمىكىن دەيدۇ ، مېنىڭ سەۋىيەم مۇشۇ كىتاپنى چۈشىنىپ ئوقۇشقا يەتمىگۈدەك تۆۋەنلەپ كەتكەنمىدۇ ئەجىبا ، شۇ دىگىنىگە بىر ۋاقىت ئاجىرتىپ، مۇنبەرنى جۇلالىققا تاشلاپ بېرىپ بىر ئوقۇي-دە، تەسىراتىمنى بىر يازاي

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ئالدى كەينىدىكى تارىخلار تەسۋىرلەنگەن ئوخشىمامدۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈيۈك سۇلتان بولۇشقا ھەمدە پەزىلەتلىك ئاتا بولۇشقا مۇناسىپ كىشى ئىكەن.
پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي بىر ئېلىپ ئوقاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:18 دە يوللىغان

ماۋۇ بىزنىڭ  بوۋاي قايسى ئارلىقتا، قانداق ئوقۇپ تۈگەتتىكىن تاڭ، بىر كۈنى باھادىرنامىنى ئوقۇپ بولدۇم دەيدۇ  ...

يا ئاللاھ، ھەدەمنىڭ گەپلىرىنى، جۇلالىق نەچچە ۋاقىتتىن مۇنبەرنى باشقۇرىمەن دەپ جاپا تارتتى، مەن بىر مەزگىل باشقۇرۇپ ئۇنىڭغا دەم ئېلىش بېرەي دىمەكتە يوق. مۇنبەرنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ كىتاب ئوقۇيدىغان گەپ. ئىنساب بولمىسىمۇ چاتاقكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەمدى ئىككىنچى تومنى ئوقۇپ بولدۇم. تېخى بۇ يەرلىرىگە كەلمىدىم   تېزرەك بولسام بولغىدەك . بۇ يەردىكى مەزمۇن تېخىمۇ قىزىقتۇردى-دېسە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:37 , Processed in 0.057321 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش