يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1062|ئىنكاس: 7

گۈزەل قىزلار ۋە تىرناق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل قىزلار ۋە تىرناق
يەنە تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرەمسىز؟
پاكىزلىق،پاكلىق بىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزدىندۇر. بىزدە،ئەنئەنىمىزدە تىرناق توغرىلىق كۆپلىگەن بايانلار بۇلۇپ، تىرناق ئاستىغا كىر يىغىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى پات پات ئېلىپ تۇرۇش توغرىلىق ئەجداتلىرىمىز، ئۇلۇغلىرىمىز ئالاھىدە خاتىرىلەرنى ۋە يازمىلارنى قالدۇرغان. بۇلۇپمۇ قىز -چوكان،ئاياللارنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۈسۈپ كېتىشى توغرىلىق تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق بۇلۇپ، تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە،تىرناقنى قالايمىغان نەرسىلەرنى سۈرۈشكە چەك قۇيۇلغان.
بىزدە «باشقىلارغا قارىتىپ تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ»،«تاماق يىگەندە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ»،«تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرسە يامان بولىدۇ » قاتارلىق «يامان بولىدۇ»لار بار، بۇ يامان بولىدۇلارنى ھازىرقى ئىلمى ئۇسۇن بىلەن چۈشەندۈرگەندىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىلمى ئاساسى بار ئىكەنلىكى ھىس قىلالايمىز ۋە بىلەلەيمىز.تىرناق شۇ دەرىجىدە مەينەتكى،بىر جانۋار ئۈلۈپ قالاي دىگەن چاغدىمۇ،ھازىر بۇغۇزلىۋەتمىسە ھارام بۇلۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، بۇغۇزلايدىغانغا قەتئى پىچاق تاپالمىغاندا،ئۇنى قىرلىق تاش بىلەن بۇغۇزلاش تەلەپ قىلىنغانكى،ھەرگىزمۇ تىرناق بىلەن بۇغۇزلاش دۇرۇس بولمايدۇ.
مەسىلەن ئالايلۇق، تاماق يىگەندە تىرناق ئالسا، تىرناق ئۇچۇپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا،بۇ خىل يامان قىلمىش باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، دوستىخانغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. (ئەگەر شۇنداق تىرناق چۈشۈپ كەتكەن تاماقنى يىگەن كىشىنىڭ گېلى ئەتىسى ئاغرىپ قوپمىسا مانا مەن.) شۇنداقلا،تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرگەندە ئۇنىڭ ئاستىغا كىر يىغىلىپ قېلىپ،كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىش-ھەركەتتە قولايسىزلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ،خېمىر يۇغۇرسا،سەي توغرىسا تاقىشىدۇ. شۇنداقلارنىڭ يۇغۇرغان خېمىرىدا ئەتكەن تامىقىنى بىز يىسەك بىزنىڭ گېلىمىزنىڭ ئاغرىشى تۇرغانلا گەپ. بىزدە، تىرناقنى ئېلىپ تۇرۇش،قولتۇق تۈكىنى ئېلىپ تۇرۇش، چىشنى چوتكىلاپ تۇرۇش،سۈننەت تۈكلىرىنى ئېلىش توغرىلىق تەلەپ قاتتىق بۇلۇپ،پۇت،قول،ئېغىز،ئالدى-كەينى پىشاپنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن پاكىزلىق ئۆلچەملىرى ۋە تەلەپلەر قۇيۇلغان. ئاياللارنىڭ قولتۇق،پۇت،ئۇيات ئەزالىرىنىڭ پاكىز بۇلۇشى ئۈچۈن،خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىنغان.شۇنىڭغا بىزدە« ئاپاڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دىگەن گەپمۇ بار بۇلۇپ، بۇ گەپ، ئاياللارنىڭ رەتلىك،پاكىز،يارىشىملىق، خۇشبۇي ھالدا ھالال ھەمراھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش،ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش ۋە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئايالنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ئىشچان،ئۇزلىقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى،ئىناقلىقى، ئازادىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىناق جەميەت بەرپا قىلىشىغا بولغان رولى ئالاھىدە چوڭ.چۈنكى، ئائىلە ئىناق بولماي، ئىناق مەھەللە،يۇرت،شەھەر مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا پاكىز بۇلۇشى، ئىشتىن يانغاندا، قول،پۇتلىرىنى يۇيۇشى، ساقال بۇرۇتلىرىنى يارىشىملىق ۋاقتى ۋاقتىدا ياسىتىپ تۇرىشى،چاچلىرى قالايمىغان بولماسلىقى،بىر يېرى پۇراپ قالماسلىقى،تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرمەسلىكى،سۈننەت تۈكلىرىنى ئېلىپ تۇرىشى،قولتۇق تۈكلىرىنى ئېلىپ تۇرىشى،ئېغىز تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى،بۇرۇن ئىچىدىكى ۋە قۇلاقتىكى ئۇزۇن ئۈسۈپ كەتكەن تۈكلەرنى ئېلىپ تۇرىشى كېرەك. چۈنكى،پاكىزلىق بارلىق ئىنسانغا ئورتاق.ھەم، نۇرغۇن ئاشخانا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەرلەر ئىشلەيدۇ،شۇنىڭغا تەلەپ ئوخشاشلا مۇھىم،ئورتاق، قاتتىق .

ئەمدى،ھازىر قارايدىغان بولساق،بەزى قىز-چوكانلارنىڭ تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغانلىقىنى،ئۈستىگە ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرۋالغانلىقىنى كۈرىۋاتىمىز. شۇلار ئەجىبا تاماق ئەتمەمدۇ؟ سەي توغرىمامدۇ،خېمىر يۇغۇرمامدۇ؟ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قايسى بىر كىتاۋىدا تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئائىت مەلۇماتى بار ئىكەن؟!،قايسى دەۋردە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرگەن ئىكەن؟
قىزلار ئەدەب ئەخلاقى-شەرمى ھايالىقى بىلەن گۈزەلدۇركى،ھەرگىزمۇ،تىرنىقى بىلەن گۈزەل بولالمايدۇ، تىرنىقىڭىزنى ھەرقانچە چىرايلىق نەرسىلەر بىلەن بويىۋېلىڭ ياكى باشقا قەۋمنىڭ ئاياللىرى شۇنداق قىلىدىكەن دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۈزىڭىزنى ئاقلىسىڭىزمۇ بىكار، ھەر قانداق ئەقلى بار بىر ئۇيغۇر يىگىت-ئەرلەر،تىرنىقىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغان قىزلارنى ھەرگىزمۇ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمەيدۇ،ئەگەر ئۇلار ياخشى كۈرىمەن دىگەن بولسا، ئاغزاكى ياخشى كۈرۈش ۋە ياكى ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئەزەلدىن، ئەلمىساقتىن، يىگىت، ئەرلەر، باھادىر-ئەزىمەتلەر سۇمبۇل چاچقا،قەلەم قاشقا،چولپان كۆزگە، ئويماقتەك، گىلاستەك لەۋلەرگە،گۈل يۈزلەرگە،سەرۋىدەك قامىتىگە، ئاشىق بىقارار بولغانكى، ھەرگىزمۇ بىرەر ئايال زاتىنىڭ تىرنىقىغا ئاشىق بولغان ئەمەس. سىز تىرنىقىڭىزنى مەيلى ئالتۇندىن بىزەڭ،كۈمۈشتىن بىزەڭ،قانچىلىك پۇل خەجلەپ تىرنىقىڭىزنى بويىغىنىڭىز بىلەن بۇ پەقەت ۋاقىت ئىسراپچىلىقى،بايلىق ئىسراپچىلىقى، دىلدىكى مەينەتچىلىك،قەلبتىكى غېرىپلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
گۈزەل قىز، ئىسىڭىزدە بولسۇن، گۈزەللىك قەلبتە، گۈزەللىك ئىشچانلىقتا، گۈزەللىك شەرمى ھايادا، گۈزەللىك ئەدەب-ئەخلاقتا،گۈزەللىك پاكىزلىقتا،گۈزەللىك رەتلىكلىكتە،گۈزەللىك ۋاپادارلىقتا،گۈزەللىك سەمىمىلىكتە. قىسقىسى گۈزەللىك تىرناقتا ئەمەس، قۇساقنى ئېچىپ قۇيۇپ يۈرۈشتە ئەمەس.
مەنبە : ئۆزۈم
بىر كەسپدىشىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلدى.

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تەتىل ۋاقتى بولغاچقا ،ئۆيدە  كۆپرەك خېمىرلىق تاماقنى بەك قىلىمەن.( يولدىشىممۇ لەغمەننى ئۈچ ۋاق يىسىمۇ زىرىكمەيدىغانلاردىن) شۇنىڭغا  تىرناقنى ۋاقتىدا ئېلىشقا خېلى دىققەت قىلىمەن. بىر ئاز ئۆسسىلا ئىچىم پۇشۇپ ئېلىۋېتىمەن.  
ئەمما  مەكتەپتە تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس تىرناق ياسىتىدىغان ، تىرناق لاكلىرىنى سۈرگۈزۈپ ئۈستىگە گۈل چەكتۈرىدىغان سىتۇدېنىت  قىزلارنى قەدەمدە بىر  دېگۈدەك كۆرۈپمۇ قالىمەن. ھەي

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:20:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  گەرچە  خېمىر  يۇغۇرمىغان( سىڭلىم يۇغۇرىدۇ ) بىلەن تاماقنىڭ  باشقا  قىسمىنى  مەن  قىلىمەن ......مېنىڭچە  تاماق  ئېتىشنىلا  ئويلىمىغاندىمۇ  تىرناق  ئۆستۈرۈش  ياخشى  ئادەت  ئەمەس ! مەن  بۇرۇندىنلا  تىرنىقىم  سەللا  ئۆسۇپ  قالسا  ئىچىم  پۇشۇپ  قالىدىغىنى ، ئوغلۇممۇ   مېنى  دوراپ  چىقىپتۇ ، تېخى  مەندىن  ئۆتە ...ئالدىنقى  قېتىم  ئۆسمىگەن  تىرناقنى  ئۆسۇپتۇ  دەپ  ئېلىپ  تاس  قالدى  گۆشلىرىنى  قوشۇپ  كەسكىلى  .....تىرناقنى  پاكىز  تۇتۇش  سالامەتلىك  ئۈچۈن كۆپ   پايدىلىق !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە تىرنىقغا چامغۇر سانجىپ يەيدىغانلار يوقتۇ

http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرنىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەر خىل نەرسىلەرنى چاپلاپ سۇنۋۇكۇڭنىڭ كىنۇسىدىكى ئالۋاستىلاردەك بولىۋالغان ئۇيغۇر قىزلارنى كۆرسەم، تىرنىقى بىلەن قوشۇپ شۇ بارماقلىرىنىمۇ كېسىۋەتكۈم كېلىدۇ

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا قىززىپ كىتىپتىغۇ بۇ يە   شۇ مەنمۇ كىچىك ۋاختىمدا ئاپام دائىم تىرنىقىڭنى ئىلىپ تۇر دەيدىغان سەل ئۆسۇپ قالسا تىرنىقىڭدا چامغۇر سانجىپ يەمسەن  يا سەن "::" بولمىساڭ دەپ تەربىيە قىلاتتى

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچى بەك ئەتراپلىق، ياخىشى يېزىپتۇ. مۇشۇنداق ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مىساللار توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشمۇ ناھايىتى ياخىشى. مۇنبەرنى جانلاندۇرۇپلا قالماستىن، بىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىشكە ياردىمى بولىدۇ.
   مەنمۇ ئادەتتە تىرناقنى ئىچىگىچە ئويۇپ ئېلىۋىتىمەن، ئۆستۈرۈشنى ياقتۇرمايمەن. ئەمما تىرناق لاكى سۈرۈشكە ئامراق ئىدىم(ئائىلىدە خېمىر يۇغۇرغاندا 一次性手套 كىيىپ يۇغۇرىمەن ئەلۋەتتە)، ئىككى يىل ئىلگىرى لاك سۈرۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە بىر دوستۇم ”ئاداش، نىكاھلىنىپ بولغان ئاياللار تىرناق لاكى سۈرسە بولمايدۇ، پاكىز ھېسابلانمايدۇ“دېگەنىدى، كېيىنلا چىقىرىۋېتىپ سۈرمەس بولدۇم. شۇنداق چىرايلىق يۈرگىمىز كېلىدىكەن، ئەمما خۇدادىن قورقمايمۇ بولمايدۇ-دە. يېقىندا بەك مەدەنىي يۈرىيدىغان چىرايلىق قىز دوستوممۇ تىرناق لاكى سۈرۈۋاپتىكەن، مەن شۇ گەپلەرنى دەپ بەرسەم، ھە...دەپ يۈرگەن، ئەمما قارىسام دائىملا تىرنىقى پارقىراق، گۈللۈك ھالەتتە. ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسى ئۆزى بىلەن بىللە. باشقىلارنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى قىيىن ئىش. خانىم-قىزلار ئامال بار ئۆزىمىزگە تەلەپنى قاتتىقراق قويغىنىمىز ياخىشى!

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:50:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە نىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن! مەنمۇ ئاتالمىش گۈزەللىك ئۈچۈن دەپ تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈپ يۈرۈيدىغان گۈزەللەرنى كۆرسەم باشقىچە بولۇپ قالىمەن!  كىمگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن شۇنداق ئۆستۈرۈپ يۈرۈيدىكىنتاڭ ئۇلار! بىزنىڭ ئۇيغۇر ئوغۇللىرىمىزغۇ زادىلا ياقتۇرمايدىكەن شۇنداقلارنى!
بىراق تىرناقنى دائىم بەك ئويۇپ ئىلىۋېتىش يۈرەك كېسەللىكى پەيدا قىلىدىكەن! شۇڭا  قىزلارنىڭ دېققەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:08 , Processed in 0.050653 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش