يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 651|ئىنكاس: 1

ماشىنىنىڭ سۈرئىتى 120 دىن ئاشقاندا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنىنىڭ سۈرئىتى 120 دىن ئاشقاندا سىز نىمىنى ھىس قىلىسىز؟ سىزدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولامدۇ؟  بىز نىمىشقا ھاياتىمىزنى قەدىرلىمەيمىز؟ ھاياتلىق بىز ئۈچۈن ئەرزىمەس نەرسىمۇ؟
        بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش شۇنداق تەسمىدۇ؟ قىزىل چىراقتا ماڭمىسا، زادىلا بولماسمۇ؟ ئۈزەم قاتناشتا ئىشلىگەچكىمىكىن، گەرچە ماشىنا ھەيدەشنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، مۇشۇ ئەتراپىمىزدىكى قاتناش ھادىسىلىرىگە دىققەت قىلىمەن. تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە داڭلىق ناخشىچىمىزنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپات بۇلۇشى، ئۇندىن باشقا كۈندە ئاڭلاپ تۇرىدىغان قاتناش ۋەقەلىرى كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. بىز ھاياتنى قىسقا دەيمىز، ھاياتنى چەكلىك دەيمىز، چەكلىك ھاياتنى چەكسىز مەنىگە ئىگە قىلايلى دەيمىز. دىمىسىمۇ، قۇياش، ئاي، يەر جاينىڭ ئۆمرىگە قارىغاندا، ئادەمنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا، بىراق، بۇ قىسقا ئۆمرىمىزگە ئۆزىمىز يەنە ئىكەك بولساق ۋە ئىكەك سالساق، بۇنى ئەقلىيلىكتىن يىراق دىسەك بولىدۇ، چۈنكى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش،ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، چارچاپ ماشىنا ھەيدەش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ماشىنا ھەيدەش، ماشىنىنى قالايمىقان توختىتىش، توختاتقاندا ئاگاھلاندۇرۇش چىراقلىرىنى ياندۇرماسلىق، بەلگىلەرنى قويماسلىق، يولدىن كېسىپ ئۈتۈش، ماشىنىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرماسلىق، تۇرمۇز، چىراقلىرى نورمال ئىشلىمەسلىك، ماشىنا ھەيدىگەندە يول تالىشىش، قوغلىشىپ مېڭىش، يانداش يولىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىگەللىۋېلىش.....مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى جانغا زامىن  ئىشلاردۇر. بەلكىم، بۇلارنى بەزىلەر كىچىك ئىشلار دىيىشى مۇمكىن، لېكىن، قىلدىن قىيىق كېتىپ، ھادىسە چىققاندا، ھىچكىممۇ بۇلارنى كىچىك ئىشلار دىيەلمەيدۇ، سىز بىرلا ئادەم بىلەن كەتسىغۇ مەيلى، بىراق، سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز، ئايالىڭىز، باللىرىڭىز، ئۇرۇق تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىزغا بىر تالاي ھەسرەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىسىز. يېقىندا ئۆلىمالار مۇنداق پەتىۋا بەردى: « ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى 120 دىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، ۋەقەت چىقىپ قازا بولغۇچىلار، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋانلىق بىلەن باراۋەر »   (ئۈرۈمچى،جىگدىلىك مەسجىتى ئىمامىنىڭ جۈمئە تەبلىغىدىن ئېلىندى). ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش چوڭ گۇناھ بۇلۇپ، بۇنداق ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.   
    بىز ھىچقاچان ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز، بۇ ئېنىقلىكى ئېغىر پاجىئە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش قەتئى توغرا ئەمەس، مەڭگۈ توغرا ئەمەس، بۇ ئەركەكلىككە، يىگىتلىككە خاس ئىش ئەمەس، ھىچكىمنىڭ بۇنداق بالدۇر ئۆلگۈسى يوق، بۇلۇپمۇ، ياشلار بالدۇر ئۆلۈشنى خالىمايدۇ، ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۈرۈشنى، كۈننىڭ سېرىقىنى ئۇزۇنراق كۈرۈشنى، ھاياتىدىكى ئون گۈلنىڭ بولسا ئون گۈلىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىيۇ، بىراق، يەنە مۇشۇ ماشىنا ھەيدەشكە كەلگەندە ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدەيدۇ،  ئاشۇرۇپ ھەيدىسە، خۇددى خۇماردىن چىقىدىغاندەك، ۋەقە چىقمايدىغاندەك، ئاسماندا ئۇچىدىغاندەك، شەنى ئالىدىغاندەك، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك. ئەمما سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش ئۆزىنىڭ بوينىغا ئۆزى پىچاق ئۇرغان بىلەن باراۋەر، چۈنكى، ئادەمنىڭ تېنى گۆش، ماشىنا بولسا، تۈمۈر قەلەيدىن ياسالغان، تۈمۈر قەلەي ھامان گۆشنى تېشىپ ئۈتۈپ كېتىدۇ، قىيما چىيما قىلىۋېتەلەيدۇ. پىچاق تۇتۇپ باققان، گۆش توغراپ باققان، گۆش كىسىپ باققان يىگىتلەر بۇنى بىلمەيدىغان جايدا ئەمەس. گېرمانىيەدە يىگىتلەرنىڭ قىز دوستىغا مۇنداق تەلەپ قويىلىدىكەن، يىگىتى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەيمەن دىسە، ماشىنا ھەيدەتمەسلىك، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىسە، ئۇنى توسۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىش تەلىۋى قويۇشتەك تەلەپ قويۇلىدىكەن.دىمەك، يىگىتلەردىن باشقا، يىگىتلەرنىڭ لايىقىغىمۇ تەلەپ قويۇلىدىكەن، ئادەم ھاراق ئىچكەندە كاللا قىزىيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە توغرا، نورمال ھۈكۈم چىقىرالمايدۇ، شۇ چاغدا لايىقىنىڭ ئۇنى يىتەكلىشى، بۇ ئاقىلانە تاللاشتۇر.
     ماشىنا ھەيدەش ياخشى ئىش، بىراق، چۇقۇم، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ ھەيدەيلى، ھاياتلىق بىزگە بۇ دۇنيادا بىر قېتىملا نىسىپ بولىدۇ، ئۇنتۇپ قالمايلى، بىز پەقەت بىزگىلا تەۋە ئەمەس، ئائىلىمىز بار، ئاتا ئانىمىز بار،  پەرزەنتلىرىمىز بار، پەرزەنتلەرنى يىتىم قىلىشنىڭ ئورنى يوق، ئاتا-ئانىلارنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ، بىزنىڭ يەنە بالدۇر كېتىۋېلىشنىڭ، بالىلىق، پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلمايلا بۇ دۇنيادىن ئىزسىز يۇقۇلۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، قىسقىسى ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى 120 دىن ئاشۇرۇپ، تاساددىپى ۋەقە بىلەن قازا قىلسىڭىز، دوزاققا ئۇتۇن بولىسىز، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىسىز. باللىرىڭىزنى يىتىم قىلماقتىن، ئايالىڭىزنى تۇل قىلماقتىن باشقا ئىش يوق خالاس.
      تەتىل مەزگىلىدە قىزىم دائىم مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلىنى كۆرىدۇ، قانالنىڭ ئارىسىدا بىرىدىغان بىر ئېلان بار، ئېلاندا مۇنداق كۈرۈنۈش بار بۇلۇپ، ئۇنىڭدا، قىزىل چىراق يېنىقلىق، ماشىنىلار ئۈتۈشۈپ تۇرغان ۋاقىت، يول بويىدا ئىككى چوڭ ئادەم، بىر كىچىك قىز تۇرغان بۇلۇپ، ئىككى چوڭ ئادەم يېشىل چىراق يانماستىنلا، يۈگرەپ ئۈتۈپ كېتىدۇ، كىچىك قىزچاق بولسا، يېشىل چىراق يانغاندا ئاندىن يولنى كېسىپ ئۆتىدۇ،ئۇندىن كېيىن ئىكراندا مۇنداق  بىر جۈملە كۈرىنىدۇ، يولنى كىسىپ ئۆتىدىغان ئاق سىزىقلىق ئادەملەر ئۈتۈشۈش يولى ھەرگىزمۇ يۈگرەش سىزىقى ئەمەس.
    مۇشۇ پىيادە يول يۈرگۈچىلەرمۇ ئۈتۈشكە تىگىشلىك جايدىن ئۈتەيلى، قىزىل چىراقتا يولنى كىسىپ ئۆتمەيلى، بىر مىنۇت، يېرىم مىنۇت، چارەك مىنۇت ساقلىغانغا بىز ھىچنىمە بۇلۇپ قالمايمىز، بەلكى، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن ساقلىنىپ  قالالايمىز، ماشىنا ماڭىدىغان چاغدا ماشىنا ماڭسۇن، ئادەم ماڭىدىغان يشىل چىراقتا، بىز ماڭايلى، يول تالاشمايلى، تالاشساق، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، ھالەك بولىمىز ياكى مېيىپ بولىمىز، ياكى باشقىسى بولىمىز. ئىشقىلىپ، بىخەتەرلىك ئېڭى ھاياتنى سۈيۈش ئېڭى قىسقىسى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئېڭى ھەر ۋاقىت كاللىمىزدا بولسۇن.
    بەزىلەر دەيدىكەن، مۇشۇ قارامايغا بارىدىغان يول   邪路 ، مېنىڭچە يولدا چاتاق يوق، يولدا ئەيىپ يوق،  قۇتۇبىدىن قارامايغا بارىدىغان بۇ يول، بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما، باشقا دەرىجىلىك يوللارغا قارىغاندا يۇقۇرى، چۈنكى، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايرىش بەلبېغى بار، ئۇتتۇردىن كېلىدىغان ماشىنا يوق، يول بويىدا يول بەلگىلىرى ئېنىق قۇيۇلغان، ماشىنا سۈرئىتىنىڭ قانچە بۇلۇشى ئېنىق يېزىلغان، ئەگەر ماشىنىلار مۇشۇ يول بەلگىلىرى بويىچە ماڭسا، ماشىنا سۈرئىتى يېزىلغان سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتمىسە، باشقا ماشىنىلار قالايمىغان توختىتىپ قۇيۇلمىسا، چارچىغاندا ئارام ئېلىپ ماڭسا، ياندا ئارقىدا ئولتۇرغانلار شوپۇرنىڭ دىققىتىنى بۇزمىسا، ھادىسە چىقىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ياكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
     يىگىت، ئەر بولسىڭىز،  ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ، يىگىت بولسىڭىز، ئۆلىۋالماي، ئائىلىڭىز ئۈچۈن، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىڭ. باشقىلارنى ھەسرەتكە دۇچار قىلماڭ. قىسقىسى سۈرئەتنى قەتئى ئاشۇرۇپ ھەيدىمەڭ. سۈرئەت مۇھىم ئەمەس، ھاياتلىق مۇھىم.
   
مەنبە: ئۆزەم

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يولدۇشۇم بىللەن تۇنجى قېتىم سىرىتقا چىققاندا ، كىچىك تاۋۇز گازىرىنى ئالغان ئىدى ، كۆڭلۈمدە ماڭا ئالدى دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن . ماشىنىغا چىققاندا <ماشىنا ھەيدىگەچ شىمىشكا چاقىمەن  > دەپ ، مېنى خىيالىغا كەلتۇرۇپمۇ قويمىغان . ئۆزەمچە ئويلىغانلىرىمنى دەپ بەرسەم ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتكەنتۇق .
قىرىنداشلىرىمىزغا سەمىمى تېلەكلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 07:09 , Processed in 0.045903 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش