


بىلىقىز سۇلايمان 1983-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتى (ھازىرقى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستېتى) غا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئىزچىل تۈردە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «بالىلار ئەدەبىياتى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، «چەتئەل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ كىچىكىدىنلا شېئىرىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلاشېئىر ئىجادىيىتىنى باشلىغان. تۇنجى شېئىرى: «تاپتىم» ناملىق غەزىلى 1980 – يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى »بېتىدە ئېلان قىلىنغان.
شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوقتىلىق ئەدەبىي ژورناللاردىن «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى»، «تۇرپان»قاتارلىق ژورناللار ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ھەم «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ئۇنۋېرىسال ژورناللاردا شئىرلىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى «تاللانغان
100شېئىر»، «بۇلبۇللار نەزمىسى»، «توي چاچقۇسى»قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ يىغىندىسى بولغان «گۈل لىرىكىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تەييارلاپ، نەشىرگە تاپشۇردى. ئۇ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە»، «‹بىر› سانىنىڭ ئالاھىدە مەنىلىرى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى شەكىلداش قوشۇمچىلار توغرىسىدا»، «شەرت رايىدىكى پېئىللارتوغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى رولى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئەخلاق كۆز قارىشى توغرىسىدا»، « ‹ئۇيغۇر تىلى› دەرسلىك كىتابلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە ئۇنى تۈزىتىش توغرىسىدا»، «ئوقۇش ـــ يېزىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى»، «تاۋار ئېلانچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دىراممىسىنىڭ مۇۋەپپەققىيىتى»، «كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ‹ساخاۋەت› » قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەلگىلىك تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش روھىنى نامايەن قىلدى.
ئاپتورنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق تەجىربە ۋە تەتقىقاتىغا ئاساسەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ئوقۇتۇش تەجىرىبىلىرى ۋە تەتقىقاتىغا تۈزۈپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق دەرسلىك كىتابى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىچكى دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلدى.
ئاپتور يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ھازىرقى جەمئىيەتكە تەدبىقلاش، ھازىرقى جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئاساسىدا توپلىغان تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «ئەخلاق گۈلىستانى»، «مائارىپ باغچىسى»، «ئاياللار دۇنياسى» پروگراممىلىرى ۋە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «تۇرمۇش» پروگراممىلىرىدا مەسلىھەت بېرىپ، كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىدە بەلگىلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
ئاپتور ھازىر ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ دوتسېنتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر
يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما ئاپتورنىڭ ماقۇللىقى بىلەن مۇنبىرىمىزگە يوللانغان، ئەگەر باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئاپتورنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.