يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 765 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1697|ئىنكاس: 8

21 قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان 50ياشلىق قېرى ئوقۇتقۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:48:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21 قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان 50ياشلىق قېرى ئوقۇتقۇچى


شىياڭ فەن شەھرى شىياڭ چىڭ رايۇنى ۋولۇڭ بازىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى لىxxئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 21نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ "نام-ئابروي"نىڭ تۆكۈلىشى ۋە لى xxنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن لى xxنىڭ بۇ ھايۋانى قىلىقى3يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلانغان.

ئائىلە باشلىقى قىزىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغانلىقى توغرىسىدا دېلۇ مەلۇم قىلدى

بۇيىل 50ياشقا كىرگەن لىxx باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى بولۇپ ،ئائىلە باشلىقى قىزىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغرىلىق دېلۇ مەلۇم قىلغاندا شۇ رايۇنلۇق ساقچىلانىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى،ساقچىلار دېلۇ تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىۋىدى لىxxنىڭ جىنايى قىلمىشى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
لى xxنىڭ قىلمىشىنى تاپشۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە،ساقچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 10ئارتۇق ئىكەنلىكى ۋاقىت 3يىلغا سوزۇلغانلىقىنى بايقىدى.

ئۈچ يىل ئىچىدە 21قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلغان

تەكشۇرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە ،2004-يىلدىن 2007يىلغىچە لى xxمەكتەپنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياتىقى ئىچىدە ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ 21نەپەر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان.لىxx داۋامىلىق 2قىزنى چاقىرىپ ئۆزىگە بىر كېچە ھەمرا قىلغان ئاندىن ئىش تۈگىگەندە ئۇلارغا5يۈئەن بەرگەن. 2007-يىل 5-ئايدا ساقچىلار ئەتراپلىق تەكشۈرگەندىن كېيىن دەرس سۆزلەۋاتقان لىxxنى قولغا ئالدى.

قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

سوت مەھكىمىسى لىxxنىڭ جەمئىي 32 قېتىم شىياۋخۇ شىياۋلىڭ قاتارلىق 21قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، ھەمدە تەھدىت سېلىپ باشقىلارغا ئېيتقىلى قويمىغانلىقىنى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 14ياشقا توشمىغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشتى.  
لى xx سوت قىلىش جەريانىدا ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ چاقىرىپ كەلمىگەنلىكىنى ،ئۇ قىز ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۇنىڭ  ياتىققا ئۆزى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ جازانى يىنىكلىتىشنى تەلەپ قىلدى. سوت مەھكىمىسى لىxxنىڭ ئەخلاقى ناچار،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىقى مۇناسىۋىتىدىن پايدىلنىپ كۆپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلغان ،يىتىلىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان،مەكتەپ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان،جىنايى ھەركىتى قەبىھ، جەمىئەتكە كەلتۈرگەن زىينى ئېغىر دەپ جنايەت بىكىتىپ قاتتىق جازالاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.


       مەنبە:       http://news.sina.com.cn/s/2009-03-02/030617314089.shtml

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پاي ئوق بىلەن قۇتۇلىدىغان بوپتۇ-دە ھايۋان، كونا زامانلاردىكىدەك جادۇغا بېسىپ پارچىلاپ ياكى دارغا ئېسىپ قىينىغان بولسا ياكى چەتئەللەرنىڭكىدەك توك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ تازا چىقىرتىپ ئۆلتۈرسە بولاتتىكەن،

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلتۈرۈپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ بۇنداقلارنى .....بىرىنى ئۆلتۈرسە يەنە ئىككىسى چىققان ....

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
778
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلارغا سورىتىپ ، ھىلقى ئىراقلىق ئايالنىڭ ئاستىنقى بەدىنى كۆمۈپ قويۇپ چالما كىسەك قىلغاندەك قىلىپ  .....  يەنە يەنە زىخلارنى يىقىپ  دېگەندەك  قىلغان بولسا  بۇ چوشقىنى

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21 قىز ، 3 يىل ۋاقىت ، ئاشكارلىنىش .
بۇ سۆزلەرنى ئويلاپ باقايلى دوستلار .
1-قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋاقىتتىلا بۇ مەلئۇن جازاسىنى تارتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بالىلارنىڭ كىچىكلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرگە ۋاقتىدا ئېرەن قىلماسلىقى ياكى بىلسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشكارلىماسلىقى سەۋەبىدىن مانا 2-،3-،4-،....21-نەپەر قىزغىچە داۋام قىلدى . ئەگەر بۇ قىزنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى ۋاقتىدا بىلمەي، بۇ ئىشنى بېسىلىپ قالغان بولسا بۇ -چى سان يەنە قانچىلىك داۋام قىلار ئىدى.
ئاتا-ئانا بولغۇچى بىزلەر، ھوشيار بولايلى. بالىلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق خېيىم خەتەرلەر يەنە بارمۇ يوق؟ بالىلىرىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىز قانچىلىك ھېس قىلدۇق.
ئوقۇتقۇچى قوشۇنىدىكى رەھبەرلىرىمىز بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تازىلاش، ئىستىل تۈزەش جەھەتتىن يەنە قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى لازىم.
مانا بۇلار بىزنىڭ ھەقىقى ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ھەمدە جەمئىيەتكە نەپ تىگىدىغان ئوي پىكىرلاردۇر.
يۇقارقى مەلئۇننى تىللاش ئاچچىقنىڭ ئۈستىگە ئاچچىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بىرى مۇمكىنقەدەر تىل ئاھانەت سۆزلىرىنى ئىشلەتمەيلى، مۇنبىرىمىزنى بۇنداق سەت گەپلەر بىلەن بۇلغىۋالمايلى، بۇنداق مەلئۇنلار ئۈچۈن ئەرزىمەيدۇ. دوستلار.

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇنداق گۇي تۇزىلارنىڭ بىرنىمىسىنى زىققا ئوتكۇزۇپ كاۋاپ قىلىپ كويدۇرسە ئىبرەت ئالامدىكىن توڭگۇز بۇلۇپ كەتسىچۇ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايەنىڭ پىكىرلىرى بەكلا ئورۇنلۇق بوپتۇ.
ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئىشلاردا پەرۋاسىز قارىغانلىقى سەۋەبلىك، بالىلار زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:47:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار كوپىيىپ كىتىۋاتىدۇ ھوكىمىتىمىز ھەممە كىشىلەرگە چوچىگۇدەك  جازا بەرسە بۇ ئەبلەخكە .

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 18:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جازا ئاز بوپ قاپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:49 , Processed in 0.067837 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش