يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2295|ئىنكاس: 85

مۇنبەردىكىلەرگە چاغانلىق يۇمۇر كەتتى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 12:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرىگە:

مەرۋەرى بىر كۈنى بانكىغا كىرىپ نەچچە يىل ئامانەت قويغان پۇلنى چىقىرىپتۇ ۋە بانكىنىڭ يۇمشاق ئورۇندىقىدا ئولتۇرۇپ، پۇلنى تازا ئەستايدىل سانىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە ئامانەت قويماقچى بولۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن بانكا خادىمى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
-خانىم بۇ نىمە قىلغىنىڭىز، ھېلىلا ئالغان پۇلنى يەنە قايتا قويامسىز؟
- ئۆزۈمنىڭ پۇلىنى ساناپ باقسام بولمامدىكەن؟- دەپ خاپا بولۇپتۇ مەرۋەرى.


سايىگە:

سايە بىر كۈنى شەھەرگە كىرىپ چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا مەست قىلىش ئوكۇلى ئۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن سايە دەررۇ يېنىدىن ھەميىنىنى چىقىرىپتۇ.
- پۇلنى ھازىر تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،- دەپتۇ دوختۇر.
- مەن پەقەت سىز مېنى مەست قىلىشتىن بۇرۇن ھەميىنىمدا قانچە پۇل بارلىقىنى بىلۋالماقچى،- دەپتۇ سايە.


سامسىپەزگە:

سامسىپەز سامسىنىڭ بازىرى تازا ياخشى بولمىغاچقا تاماكىنى بەكمۇ كۆپ چېكىدىكەن، بىر كۈنى ئۇ قاتتىق يۆتۈلۈپ دوختۇرغا بېرىپ ئۆپكىسىنى رېنتىگىنگە ئالغۇزۇپ، دوختۇرنىڭ يېنىغا كىرىپ، دوختۇرغا دەپتۇ:
-دوختۇر كۆڭلۈمنى ئايىماي راست گەپ قىلسىڭىز.
دوختۇر: سىز نىمىنى بىلمەكچى؟
- سىز ئۆپكەمدە داغنىڭ بارلىقىنى بايقىدىڭىز شۇنداقمۇ؟
دوختۇر: مەن ھېچنەرسىنى كۆرمىدىم.
- راستمۇ؟
دوختۇ: راست، ئۆپكىڭىز قاپقارا بولۇپ كېتىپتىكەن، ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدىم.

قالغانلارغىمۇ داۋاملىق بار،

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ھېساۋاتلىق دوست مەڭڭۈ ئايرىلماس" دېگەن بىر گەپ بولىدىغان ،مەرۋەرە بىلەن سايە  خېلى ئەستايىدىل،چىڭ  باللاركەن ھە .
سامسىپەزگە نىسپەتەن تاماكا ئىسى ئىس بولامدۇ ؟ تونۇر ئىسى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تۇرسا .
گۈلسەنەم خېنىم بايراملىق سوۋغىلىرى خېلى قاملىشىپ قاپتۇ ،قوللىرىغا دەرد بەرمىسۇن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلسەنەمگە:

گۈلسەنەم  100 مېتىرغا بەك يۈگرەپ قويىدىكەن،  ئەمما پونىمۇ ئانچە-مۇنچە  ئېتىپ قويىدىكەن.
  بىر كۈنى مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىپتۇ:
ــــ سىز 100 مېتىرغا بەك يۈگرەيدىكەنسىز، بۇنىڭدا بىرەر سىر بارمۇ؟
ــــ باشقا سىرمۇ يوق، شۇ  بۇرۇن بەك چىرايلىقتىم، يىگىتلەر بەك قوغلىشاتتى... شۇلاردىن تولا  قېچىپ مۇشۇنداق يۈگرەك بولۇپ كېتىپتىكەنمەن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنەمجان ئايرىمچىلىق قىلمايلى جۇما ماڭا يوقكەن تېمىغا باشقا ئىنكاس يازمايمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرىگە:

  مەرۋەرى QQ  دىكى ئېتىزىغا بەكلا ئامراق بولۇپ، ئېسى-يادى شۇنىڭدىلا ئىكەن.  بىر كۈنى كەچلىك ئىسمىنىغا چىقىپ، بىمارلارغا دورا تارقىتىۋاتقان مەرۋەرىنىڭ ئېسىگە يەنە ئېتىز-قوتانلىرى كېلىپ قاپتۇ  ۋە بىر بوۋاينىڭ دورىسىنى تەييارلاپ ئۇنى ئويغۇتۇپتۇ:
ــــ بوۋا، ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ، سەي ئوغۇرلايدىغان ۋاقت بولدى...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:24:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەزنىڭ يۇمۇرى..............

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق جىددى خىزمەت بېسىمى ئىچىدىن ئانچە مۇنچە يۇمۇر ئوقىسىمۇ كىشى يەڭگىللەپ قالىدىكەن ھە بولۇپمۇ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك يۇمۇر ئوقۇسا.   .

گۈلسەنەمگە قايتۇرۇپلا بىر يۇمۇر  ھە

بىر كۈنى گۈلسەنەمنىڭ يولدىشى يۇتۇپ كىتىپتۇ. ئۇ " سايە شەخسىي رازۋىدچىك" ئورنىغا كېلىپ يولدىشىنى تېپىپ بېرىشنى سوراپتۇ.
سايە: بىز يۇتۇپ كەتكەن ھەرقانداق ئەر ياكى ئايال بولسۇن تاپالايمىز، بىزگە ئازراق ئۇچۇر بېرىڭ، مەسىلەن يولدىشىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكى دىگەندەك.
گۈلسەنەم: يولدىشىم شۇنداق كېلىشكەن،ئىگىز بوي، ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق، مۇلايىم ، ماڭا شۇنداق كۆيىنىدۇ، تۇرمۇش ئىقتىدارىمۇ شۇنداق ياخشى . . .
گۈلسەنەم دەل شۇلارنى دەپ تۇرغىنىدا خوشنىسى مەرۋەرىمۇ ئېرىنى ئىزدەتكىلى كېلىپ قاپتىدە.
مەرۋەرى: ۋىيەي گۈلسەنەم، ئېرىڭىز نەدە ئۇنداق؟ شۇنداق سىمىز، ھاراقكەش، ئۆيگە كۆيىمى يوقلا بىر ئەرتىغۇ ئۇ.
گۈلسەنەم مەرىمگە ئالىيىپ قويۇپ، سايەگە سۆزلەپتۇ:
گۈلسەنەم : ئوھھھوش، كارىڭىز بولمىسۇن بۇ خوتۇن بىلەن، ئىشقىلىپ مەن بايام دىگەندەك ئەرنى تېپىپ بەرسىڭىز، بولدى ئۆيىدىكىنى ئالمىساممۇ ئالماي !!

سامسىپەز بىلەن جۇلالىققا بىرلەشتۈرۈپلا بىر يۇمۇر

مۇنبەرنىڭ مېھرىمۇ ئەيتاۋۇر سامسىپەز بىلەن جۇلالىق تۇرمۇشلۇق بولۇپ شۇنداق بەخىتلىك ئەر خوتۇنلاردىن بولۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناۋايلار بىرلەشمىسىنىڭ سامسىپەزنى ئامىرىكىغا سامسا مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىۋېتىپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن سامسىپەزمۇ قايتىپ كەپتۇ، ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئەر خوتۇنلار بولغاندىكىن كۆز دىگەندە قان ياشتە. ۋاي ئەنبەر پۇرايدىغان ئايالىم دىسە، ۋاي تاتلىق پىيىزىم دىگەندەك.
ئەر خوتۇن مۇڭدىشىپ كەچرەك يېتىپ قاپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا تۇيۇقسىز ئۆينىڭ سائىتى سەۋەبسىزلا سايراپ كېتىپتۇ دە. سامسىپەز ئۇيقۇچىلىقتىلا كۆزنىمۇ ئاچماي ئالدىراش كىيىملىرىنى كىيىپ " ئېرىڭىز كەلدىمۇ نىمە؟" دەپلا تۇرۇپ كېتىپتۇ.
جۇلالىقمۇ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ " ئۇنداق ئەمەستۇ، ئۇ ئامىرىكىغا كەتكەن تۇرسا ... "

جاھاندار بىلەن "ئۆتكەن كۈنلەر"گە ھەم بىر يۇمۇر

"ئۆتكەن كۈنلەر" بىلەن جاھاندار غىرىق مەس بىر كوچىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. "ئۆتكەن كۈنلەر" بەك مەست بولۇپ كېتىپتۇ دە، يول بويىدىكى بىر ئەينەككە قاراپ :
- ۋوي ۋوي ما ئاداشىنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەنغۇ، ھە !
جاھاندار مۇنداق قىلە مەن قاراپ باقاي دەپ بىر قاراپ :
- ھېي قاپاقباش، مېنىمۇ تونىمىدىڭمۇ !

دىلروھ بىلەن ئۇلۇغبەگكە قوشلاپ بىر يۇمۇر

ئۇلۇغبەك دىلروھنىڭ ئاكىسىكەندە ، بىر كۈنى ئۇلۇغبەك تاماكانى پۇرقىرىتىپ چېكىپ ئولتۇرسا دىلروھنىڭ تولا سۇئال سورايدىغان خۇمارى تۇتۇپ كېتىپتۇ دە، يىراقتىن ئىس چىقىرۋاتقان مورنى كۆرسىتىپ:
- ئاكا، ئېۋۇ ئىس چىقىۋاتقان نىمۇ؟
- ئىس چىقىرۋاتقاننى مور دەيمىز ئۇكام.
- ھە، بىلدىم، ئەمىسە سېنىڭ بۇرنىڭنى نىمىشقا مور دىمەيمىز


ئانارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر يۇمۇر

ئانارنىڭ شۇنداق ئۇماق، ئەقىللىق بىرىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىكەن. ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىمى سىنىپتىكى ئۇماقلارغا  " ئادەم" دىگەن سۆزگە ئاددى جۈملە تۇزۇشنى ئېيتىپتۇ.
ئانار   ئورنىدىن تۇرۇپلا جۈملە تۈزەپتۇ
- سايە ئادەم ئەمەس !

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىۋىشقا چۆچۈيدىغان يۇمۇردىن بىرنى

بىر كۈنى تىۋىشنىڭ مىجەزى يوق مەكتەپتىن يېنىپلا دوختۇرغا كىرىپ كۆرىنىپتۇ، دوختۇر ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ:
- تىۋىش خانىم، سىزگە خۇش خەۋەر..
- مېنى تىۋىش خېنىم دەڭ، مەن تېخى توي قىلمىغان.
دوختۇر: ئوۋ، ئۇنداقتا تىۋىش خېنىم سىزگە بىر شۇم خەۋەر . . .


باغرىمنىڭ تەتۈرلىكىگە بىر يۇمۇر

باغرىممۇ ياشىنىپ قالدى، سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى دوختۇرغا بېرىپتۇ دە ، ئوڭ پۇتىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ، مەرىم دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ :
- دوستۇم، بۇ پۇت دىگەنمىچۇ ياشقا باغلىق، سىز قېرىغاندىكىن مانا بۇ پۇتمۇ ئاغرىيدىغان گەپ.
باغرىمنىڭ ئاچچىقى 80گە چىقىپتۇ دە :
- ۋىيەي، دوستۇم، ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، ئوڭ پۇتۇم بىلەن سول پۇتۇمنىڭ يېشى تەپمۇ تەڭ، ئەمىسە نىمىشقا سول پۇتۇممۇ ئاغرىمايدۇ.


ئەركمان بوۋايغىمۇ بىر يۇمۇر ئەمدى .

ئەركمان ئاكىمىزنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ دۇنيا كەلگەن ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا مۇنداق بىر ئىش بوپتىكەن.
ئۇ ۋاقىتلار قەھۋەنىڭ شۇ دوختۇرخانا تۇغۇت بۆلىمىدە ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرى ئىكەندە. بىر كۈنى ئەركمان ئاكىمىزنىڭ تۇنجى پەرزەنتى تۇغۇلىشى بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولغان قەھۋە بالىنى يۆگىكى بىلەن ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپلا ئوپىراتسىيەخانا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپتۇ " سالامەت تۇغۇلدى، ساق سالامەت تۇغۇلدى" .
ئەركمان ئاكىمىز يۈگۈرگەن پېتى كېلىپ : قىزمىكەن ئوغۇلمىكەن. توختاڭ دىمەي تۇرۇڭ ئۆزۈم بىلەي ھە" دەپلا قولىنى بالىنىڭ يۆگىكىنىڭ ئىچىگە تىقىپلا:
- ۋاھ . ئوغۇلكەن ، ئوغۇلكەن. ھاھاھا
قەھۋا ئەركمان ئاكىمىزغا ئالىيىپ قارىۋېتىپ:
- نەدىكەن شۇ ئوغۇل، بارمىقىمنى قويۋىتىڭە ئاكا، ئاغرىتىۋەتتىڭىز!


قالغان يۇمۇرلارنى باشقىلارغىمۇ ئەپ قوياي .

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 19:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا ... ئەمەلىيەتتىمىغۇ ئوغلۇم ئەركمان ئوغۇل ئىدى

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇيۇۋۋۋۋ قىزىپ كېتىپتىغۇ بۇ يۇمۇرلار
بوپتۇ ئەمسە قېپ قالغان بىر نەچچە دوستلارغا يۇمۇر كەتتى.
جۇلالىققا :
بىر كۈنى جۇلالىق ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ يولىدىشىنىڭ ئىشتىن كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئىشىك قوڭرىقىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جۇلالىق يۈگرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ، يولدىشىغا قاراپ:
-سۆيۈملۈكۈم ، مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق، ئەڭ چىرايلىق ئايال شۇنداقمۇ دەپتۇ.
ھېرىپ- ئېچىپ ئاران كەلگەن ئەر، جۇلالىققا قاراپمۇ قويماي:
-مەن باشقا ئاياللار بىلەن ئۆي تۇتۇپ باقمىسام سېنىڭ ئەڭ ئوماقلىقىڭنى قانداق بىلمەن، -دەپتۇ.


دەرتمەنگە:

دەرتمەننىڭ تۆتىنجى دوختۇرخانىدا  ئىشلەۋاتقان مەزگىلى ئىكەن، قانداق بولغان سايە بۇ يەرگە كىرىپ داۋالىنىپتۇ، بۇرۇنقى مۇنبەرداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ دەرتمەن سايىگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپتۇ.
بىر كۈنى دەتمەن ئىشتىن چۈشۈش ئالدىدا سايىنى بىر يوقلاپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ كىرسە، سايە كارۋاتتا دۈم يېتىۋېلىپ سالام خەت يېزۋاتقۇدەك.
-كىمگە خەت يېزۋاتىسەن سايە؟
-ئۆزۈمگە يېزىۋاتىمەن.
بۇنى ئاڭلىغان دەرتمەن قىزىقىپ يەنە سوراپتۇ:
- ئەمسە خەتتە نىمىلەر يېزىلغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرەمسەن،- دەپتۇ.
- ۋۇي كالۋا، مەن تېخى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالمىسام، نىمە يېزىلغانلىقىنى مەن نەدىن بىلىمەن دەپتۇ، ناھايتى خاپا بولۇپ.

قەھۋەگە:

مۇشۇ قەھۋە ياش ۋاقىتلىرىدا (ھازىرمۇ قېرى ئەمەس ) يىگىتلەر بەكلا قوغلىشاتتىكەن، بىر كۈنى بىر يىگىت قەھۋەنىڭ ئالدىغا كېلىپلا تىزلىنىپتۇ:
-قەھۋە، مەن سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، ماڭا ماقۇل دېمىسىڭىز.................... دەپ بىر مۇنچە يالۋۇرۇپتۇ.
قەھۋە ناھايتى ئاچچىقلانغان ھالدا:
- مېنى ياخشى كۆرگەن ئادەم قايسى كۈنى باغچىدا بىر قىزنىڭ ئالدىدا تىزلانغىنىڭىزنى قانداق چۈشىنىمەن،- دەپتۇ.
- ئۇ چاغدا مەن سىزگە قانداق تىزلىنىشنى مەشىق قىلىۋاتقان دەپتۇ.


باغرىمغا:

باغرىمنىڭ تازا سەمىرگەن ۋاقىتلىرى ئىكەن، يولدىشى ئۇنىڭغا تۆۋەنرەك  قەۋەتتىن ئۆي ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ ئۆي ئىزدەپتۇ. يولدىشى بىر ئۆينى مۇۋاپىق كۆرۈپ سۆزلەشمەكچى بوپتىكەن، باغرىم دەرھاللا:
-قەدىرلىكىم، بۇ ئۆينىڭ پەردىسى يوقكەن، مېنى خوشنىلار كۆرۈپ قالسا قانداق قىلىمەن، -دەپتۇ.
- خاتىرجەم بولۇڭ قەدىرلىكىم،  سىزنى بىر كۆرگەن خوشنىلار ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆيلىرىگە چوقۇم پەردە تارتىۋالىدۇ،-دەپتۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ بىر چاقچاق ئېغىر ئېلەپ قالماسلىقىڭلارنى سورايمەن.
داۋامى يەنە بار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:28 , Processed in 0.055087 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش