يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 2

35ياشتىن بۇرۇن ئۈزىڭىزنىڭ باي ئادەم بۇلىشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئىلاۋە:بۇ دەستۈرنى قايسىدۇر بىر توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى بار دەپ قاراپ تورداشلارغا سۇندۇم.
…….كەمبەغەل تۇغۇلغان كىشىنىڭ بىر ئۆمۈركەمبەغەل بولۇشى ناتايىن،پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىلەش كۈچىنى يوقاتمىسىڭىزلا!…….


35ياشتىن بۇرۇن ئۈزىڭىزنىڭ باي ئادەم بۇلىشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئۇنداقتا چۇقۇم مۇنۇ قائىدىلەرنى ئىسىىڭىزدىن چىقارماسلىق بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مىزان ھەرىكەت قىلىشىڭىز تۇلىمۇ زۈرۈردۇر!
1- قانۇن: نىشان بولۇشى كېرەك.
نىشانسىز يۈرگەن كىمە،قانداق شامالغا ئۇچرىسىمۇ ،ئۇنىڭغا تەتۈر شامال بىلىنىدۇ!
1.سىز نىمە ئۈچۈن نامرات ؟ چۈنكى سىزدە باي بولۇش نىشانى تىكلەنمىگەن!
2.كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى يادرولۇق نىشانىڭىز نىمە؟
تالانت ئىگىسى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەھىيەتلىك پەرقى تالانت ۋە پۇرسەت بولماستىن،بەلكى نىشانىنىڭ بار يوقلۇقىدىدۇر!
3.بىر قەدەمنى بالدۇر ئالسىڭىز،تۇرمۇشىڭىزدا بىر قەدەم يوغان چامدىيالايسىز.كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇۋاپىقىيەت نىشان تۇرغۇزۇشتىن باشلىنىدۇ.
4.كېپكىنس خىلىدىكى كىشىلەر مەڭگۈ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ.
نىمە ئۈچۈن زور كۆپچىلىك كىشىلەر مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ؟چۈنكى ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان كىشىلەر ئاران % 5 كىشىلەردۇر،قالغىنى بولسا ئۆز نىشانىنى تاشلىغانلاردۇر ياكى قۇرۇق خىيالغا پاتقانلاردۇر.
5.ناۋادا 35 ياشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، 25 تىن 30 ياشقىچە مەزگىلدە كىشىلىك نىشانىڭىزنى تۇرۇغۇزۇپ بولۇشىڭىز كېرەك.
6.ھەر كۈنى،ھەر ئاي،ھەر يىلى شۇنى ئۆزىڭىزگە سۇئال قىلىڭكى:«مەن ئۆز نىشانىمغا يەتتىممۇ؟»

2-قانۇن:مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئىككى ئاساسى
توغرا ئورۇندا تۇرۇپ،كەيپىياتنى تەڭشەپ،تىرىشىپ ئىلگىرىلىسىڭىزلا،35 ياشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز!
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىمىز
1. ئەر كىشى كەسپنى توغرا تاللىشى كېرەك،ئۇنداقتا سىزنىڭ ھەقىقىي رىقابەت كۈچىڭىز زادى نىمە؟
2. مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئامال ئىزدەيدۇ،مەغلۇبىيەتچىلەر باھانە ئىزدەيدۇ.
3. ھەر خىل كەسىپ ئىچىدىن ئۆزىڭىز سۆيگەن كەسىپنى تاللاڭ.ھەر قانداق كىشى ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ،ئەما ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپىقىيەت تىكلىيەلىشى ناتايىن.
4.ئۆزىڭىزنىڭ ئالتۇن ئورنىڭىزنى تېپىۋىلىڭ.
مەڭگۈلۈك ھەقىقەت:تەدبىر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ،35 ياشتىن ئىلگىرىكى تەدبىرىڭىز ئۆمۈرلۈك تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
1. ھازىرقى ھالىتىگە قايىل بولمىغان كىشىلا باي بولالايدۇ.
2. ئارزۇغا باي،ئارزۇغا جۈرئەتلىك بۇلۇش كېرەك،بۇ دۇنيا مەڭگۈ ئۆز ئارزۇسىنى قوغلاشقانلارنىڭ ئىلكىدىدۇر.
3. 35 ياشتىن ئىلگىرى قورقماڭ،35 ياشتىن كىيىن پۇشمان قىلماڭ.
4.كەمبەغەل تۇغۇلغان كىشىنىڭ بىر ئۆمۈركەمبەغەل بولۇشى ناتايىن،پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىلەش كۈچىنى يوقاتمىسىڭىزلا!
5. ئاكتىپ پىكىرچىلەردىن بولۇڭ.
6.چۈشكۈن ھالىتىڭىزگە ئۇتتۇرۇپ قويماڭ.
بەزىلەر سىزدىن 1000 ھەسسە باي،ئەمما ئۇلار سىزدىن 1000 ھەسسە ئەقىللىقمۇ؟!ئۇنداق ئەمەس،ئەمما ئۇلارنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتى سىزدىن 1000 ھەسسە ئارتۇق.
كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىيىن،سىز ھەرگەىزمۇ باشقىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويمايسىز،پەقەت چۈشكۈنلەشكەن ئۆزىڭىزگە ئۇتتۇرۇپ قويىسىز!
7. مۇۋاپىقىيەتچىلەرنىڭ ئورنىدىن تۇرغان قېتىم سانى سىزنىڭ يىقىلغان سانىڭىزدىن بىر قېتىملا كۆپ خالاس.
8. سىرتتىكى تامغا ئۈسۈشكە رازى بولۇڭكى،ئۆيىڭىزدىكى تامغا ئۈسسىمەڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇبىيىتىينى يېڭىڭ،پاسسىپ كەيپىياتىڭىزنى يوقىتىڭ.
(1) ناماز ئوقۇڭ،سەھەر تۇرۇڭ،پاكىزە يۈرۈڭ،كىتاپ كۆرۈڭ.
(2) ئۇسۇل ئويناپ ياكى ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈڭ.
(3) دوستىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ.
(4) ئاكتىپ ھەرىكەتلىنىڭ.
3- قانۇن: ئۇچ خىل ماھارەت
1. ۋاقىتنى باشقۇرۇڭ:ۋاقتىڭىز قەيەردە بولسا،مۇۋەپىقىيىتىڭىزمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
بىر سائەتنى 60 قا بۆلۈپ قارىغان كىشى،بىر سائەت دەپ قارىغانلاردىن 60 ھەسسە ئىشنى ئاتۇق قىلالايدۇ.
2. بايلىقىڭىزغا كارىڭىز بولمىسا،بايلىقنىڭمۇ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ.
3. ئۆزىڭىزنى باشقۇرۇش ماھارىتى
(1) ئىگىلىك تىكلەشتە دەسمايىنىڭ كەملىكىدىن قورقماڭ،كاللىڭىز جايىدا ئىشلىسىلە بولدى.
(2) بىر خاسلىققا ئىگە دۇكان ئېچىپ كۆرۈڭ.
(3) باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان تىجارەتنى قىلىپ كۆرۈڭ.
4-قانۇن: تۆت خىل تۇرمۇشنى قانونىيىتى
35 ياشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزگە خاس كىشىلىك خاراكتىر تىكلەپ بولۇڭ.
1.ئادەم بولۇش ئىش قىلىشتىن مۇھىم.
ئىش قىلىپ مەغلۇب بولسىڭىز قايتا كەلگىلى بولىدۇ،ئەمما ئادەم بولۇشتا مەغلۇپ بولسىڭىز قايتا كىلەلمەيسىز!
(1) مەرت،دادىل كىشى بولۇش كېرەك.
(2) مەڭگۈ ئاھ ئۇرماسلىق ،بەل قويىۋەتمەسلىك لازىم.
2. كەڭ قورساق ئەرلەرنىڭ بايلىق ئامىتى بولىدۇ،خۇشپېئىل ئاياللارنىڭ ئەرلىك ئامىتى بولىدۇ.35 ياشتىن ئىلگىرى توي ئىشىڭىزنى ھەل قىلىپ بولۇڭ.
3.ساداقەتمەنلىك پىرىنسىپى:35 ياشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزنىڭ ساداقەتمەنلىك ئابرويىڭىزنى تىكلىيەلمىسىڭىز،بۇ ئاجىزلىق سىزنى بىر ئۆمۈر ئاۋارە قىلىدۇ.
4. كىچىك ئىشنى ئىنچىكە قىلىڭ،ئەمما ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.
دۇنيادا چوڭ ئىش قىلىشنى ئويلايدىغانلار بەك كۆپ،ئەمما كىچىك ئىشنى ئىنچىكە،مۇۋەپىقىيەتلىك قىلالايدىغانلار بەك ئاز.
5- قانۇن: % 50 تەلەي
بىل.گاتىس مۇنداق ئېيتقان: كىشىلىك تۇرمۇش ئادالەتسىزدۇر،ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇڭ.
1. تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن تەلەيلىك كىشىلىرىمىز بار،«ئەجىر قىل،ئەجرىڭىنى دەرياغا سال،ئاللاھتىن تىلە» دىگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
2. پۇرسەت دائىم تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ،ئەمما ئاشۇنداق چىڭ تۇتقان كىشىلەرگىلا مەنسۇپ بولىدۇ.
3.كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ.پۇرسەت ھامىنى قۇشقا ئوخشايدۇ. 4.ئەقىللىق ھەمىنى ناداندىن بىر قەدەم ئالدىدا تۇرىدۇ.
6-قانۇن: 6 خىل تەلەپ
1.ئەقىل
(1) باشقىلار ھەممە نىمىڭىزنى ئېلىپ كىتەلەيدۇ،ئەمما ئەقلىڭىزنى ئېلىپ كىتەلمەيدۇ.
(2) ئەقلىڭىزدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىڭ.
(3)ئەقىل دانا بىلەن ناداننىڭ پەرقىدۇر.
2. جاسارەت
(1) جاسارەتنىڭ قۇدرىتى سىزنى بەزىدە «ئالاھىدە ئادەم»گە ئايلاندۇرالايدۇ.
(2) قولدىن چىقىرىشقىمۇ جاسارەت بولۇشى كېرەك،ئېلىشنى ھەم قويۇشنى بىلىش كېرەك.
3.ئۆزىڭىزنىڭ «باشقۇرۇش قابىلىيىتى ۋە رەھبەرلىك سۈپىتى»نى يىتىلدۈرۈڭ.
(1) باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈڭ.
(2) رەھبەرلىك خاسلىقىڭىزنى يىتىلدۈرۈڭ.
(3) باشقۇرۇش قابىلىيەتنى بەلگىلەيدۇ.
(4) كىشىلىك خاراكتىرىڭىزدىكى سېھرى كۈچنى يىتىلدۈرۈڭ.
4. يېڭىلىق يارىتىش روھى: قائىدىگە بېقىنغان كىشى بولماڭ.
25-35 ياش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋىر،نۇرغۇن مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلارمۇ مۇشۇ دەۋردە بارلىققا كىلىدۇ.
5. ئاقىلانىلىق
(1) ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى،كەمچىلىكىنى بىلىڭ ھەمدە ئۇلارنى مەقسەتلىك يىغىنچاقلاپ چىقىڭ.
(2) ئامال بار ئۆزىڭىز بىلىدىغان ساھەلەردە تىرىشىڭ.
6. مەڭگۈلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ: ئۆزىڭىز تاللىغان ساھەدە 10 يىل بوشاشماي تىرىشسىڭىز چوقۇم يىڭىسىز!
7-قانۇن: % 70 ئۈگىنىش
1. بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ.
2. 35 ياشتىن ئىلگىرى ئۆز كەسپىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق بىلىملەرنى ئۈگىنىپ بولۇڭ.
(1) ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈڭ.
(2) قايسى كەسىپتە بولسىڭىز شۇ كەسىپنىڭ سۆزىنى قىلىڭ.
3. كىتاپپۇرۇشلۇقنى بەك قىلىپ كەتسىڭىز ،ئاخىرىدا قارا ئىشچى بولۇپ قالىسىز.
4. ئويلىنىش،ئەمەلىيەتتە سىناش،يەنە ئويلىنىش ،يەنە سىناش.
8-قانۇن: % 80 كىشىلىك مۇناسىۋەت
دوستىڭىز كۆپەيسە،يولىڭىزمۇ كۆپىيىدۇ.
1.ئەقلى ئىقتىدار بەكمۇ مۇھىم،روھىي كەيپىيات ئىقتىدارىمۇ بەك مۇھىم،35 ياشتىن ئىلگىرى كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىزنى شەكىللەندۈرۈپ بولۇڭ.
2. كىشىلىك مۇناسىۋەت بايلىق مۇناسىۋىتىدۇر.
3. دوستلىشىش پىرىنسىپىنى چۈشىنىڭ.
4. ئالاقىگە ماھىر بولۇڭ،35 ياشتىن ئىلگىرى سۆزلەش قابىلىيىتىڭىزنى يىتىلدۈرۈڭ.
9- قانۇن:% 90 ئادەتلىنىش
ئادەتلىنىشنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قىلىدۇ،35 ياشتىن ئىلگىرى يىتىلدۈرگەن ئادىتىڭىز مۇۋەپىقىيىتىڭىزنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
1. ئاكتىپ تەپەككۈر قىلىدىغان ياخشى ئادەت.
2.يۇقۇرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ئادىتى
(1) ئىشخانا
(2) تۇرمۇشتا كىچىك ئىشلارغا ئېسىلىۋالماڭ،ئەمما خىزمەتنى ئىنچىكە قىلىڭ.
(3) ئاڭلاشنى ئۈگىنىش،باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك
3. بەدەن چىنىقتۇرۇش ئادىتى
4. كەڭ دائىرىلىك قىزىقىش ئادىتى
5. تېز سۈرەتتە ئىش قىلىش ئادىتى
10-قانۇن:% 100 ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ
1.ئىشەنچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ روھىي تۆۋرۈكى
2.ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەندىلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيسىز.
3.ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش قىممەت يارىتىشىنى ئاساس قىلغان بولسۇن.
4.ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن:
(1) نىشانىڭىز بولسۇن.
(2) پىلانىڭىز بولسۇن.
(3) ئارتۇقچىلىقىڭىز جارىي قىلدۇرۇلسۇن.
(4) ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلماڭ.
(5) يىنىكلىك بىلەن ۋاز كەچمەڭ.
(6) ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.
(7) ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.
11-قانۇن: 11 خىل قىلتاقتىن نېرى تۇرۇڭ.
1. تۆھپىڭىز بولسۇن،قۇرۇق مىننەتتىن نېرى تۇرۇڭ.
2. مۇۋەپىقىيەتنى ساقلىماڭ،پۇرسەتنى قوغلىشىڭ.
3. تېز سۈرئەتتە باي بۇلىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ.
4. پۇل ئۈچۈن ئىشلىمەڭ،پۇل سىز ئۈچۈن ئىشلىسۇن.
5. ھەممە ئىشتا قارىغۇلارچە باشىلارغا ئەگەشمەڭ.
6. بايلىق ئاز بولسىمۇ،ساز بولسۇن،شۈكرى قانائەتنى بىلىڭ.
7. خاتالىقنى تۇنۇڭ،ئۇنى يۇشۇرماڭ.
8. ھەر قەدەمنى مەزمۇت ئېلىڭ،خالىغانچە ئىش قىلماڭ.
9. نىيەتنى بۇزماڭ،ئىشەنچلىك ئىش قىلىڭ.
10. شاختىن-شاخقا قونۇپ،كەسىپ تاللاپ يۈرمەڭ.
11. نەزەرىڭىز ئۈستۈن بولسا،ھەركىتىڭىزمۇ شۇنىڭغا ماسلاشسۇن.
12. ۋاستە تاللىماڭ،بىرنى تۇتۇپ كۆرەش قىلىڭ.
12-قانۇن:% 120 تىرىشىڭ.
1. كىچىكى مۇۋەپىقىيەت ئەمەس،چوڭى مۇۋەپىقىيەت ئەمەس،كىچىكتىن چوڭىيالىغىنىلا مۇۋەپىقىيەت ھىساپلىنىدۇ.
2. جۇڭگو جەمئىيىتىگە ماس كىلىدىغان تىئورىما:
ئەپچىل ئىش قىلىش + قىلىشقا جۈرئەت قىلىش + ئەمەلىي ئىش قىلىش= مۇۋاپىقىيەت .
3. تىرىشىپ سىناپ كۆرسىڭىزلا،مۇۋەپىقىيەتتىن ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.
4. ھەر قانداق ئىشتا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشىڭ.
5.ھەر قانداق ئىشنى كەسىپ دەپ بىلىپ قىلىڭ.

مەنبە:
http://uyghuracademy.com/?p=13188

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىلۋە رەھمەت!
ھەرقانداق بىر ئادەم كۆرۈپ تەپەككۈر قىلىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك تېمىكەن.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ شۇنداق خۇش بۇلدۇم ، خۇددى مەن ئۈچۇنلا يوللىغاندەكلا - !!!
جىلۋە  سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئىيىتسام بۇلار كىن - ھە ! !!

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 01:50 , Processed in 0.048650 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش