
ئەمدىلا تۇغۇلۇپ تاشلىۋىتىلگەن قىز بوۋاقنىڭ بەدىنى قۇرتلاپ كەتكەن بولۇپ، ليۇجۇ شەھىرى ليۇدوڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ئادەم ئاياغ دەسسىمەيدىغان تاغ باغرىدىكى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىلگەن. بۇ قىز بوۋاق بايقالغان چاغدا نەپىسى ئارانلا قالغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ قىسمەن جايلىرى سېسىسقا باشلاپ، قۇرۇتلاپ كەتكەن. دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ، جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھاياتى خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن.

بوۋاقنى شۇ تاغلىق يېزىدىكى بىر كىشى بايقاپ قالغان بولۇپ، بوۋاق يوپۇرماقلار بىلەن كۆمۈۋىتىلگەن ئىكەن. بۇ كىشى دەسلەپتە بوۋاقنى ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ساقچىلارغا تېلىفون قىلغان. ساقچىلار كىلىپ بوۋاقنىڭ ناھايىتى ئاجىز نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن 120 گە تېلىفون قىلىپ بوۋاقنى جىددى قۇتقۇزغان. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تېنىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، ئوڭ قۇلاق ۋە ئوڭ تەرەپ يۈزى قىزىرىپ ئىشىپ كەتكەندىن باشقا، قۇرتلاپ سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. كۆكرەك ۋە پۇتىدىمۇ بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. بوۋاقنىڭ تېنى ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ، ياللۇغلانغان، ئېغىر دەرىجىدە قۇۋۋەت بولمىغانلىقتىن بۆرىكى زەئىپلىشىپ كەتكەن.دوختۇرلار ئۇنى تازلاپ يۇيىۋاتقاندا، قۇرتلار ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى، بۇرنى ۋە ئېغىزلىرىدىن ئۆمىلەپ چىققان. خادىملار بالىنى بىر سائەتتىن ئارتۇق تازلىغان بولۇپ، قۇرتلار بالىنىڭ قاپىقى، قۇلىقى ۋە ئېغىزىنىڭ كۆپ جايلىرىنى يارلاندۇرغان. 30 نەچچە يىل دوختۇرلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان بالىلار بۆلىمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى «بۇ مەن 30 يىل بالىلارنى داۋالاپ تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال!» دېگەن. بالىنى تازلىغان سېستىرالارمۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن...
نۆۋەتتە بۇ بوۋاق دوختۇرخانىدا داۋاملىق داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل ئانىلار بالىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا سۈت ۋە لازىملىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ بەرگەن. ھەتتا بەزى ئانىلار بوۋاقنى ئۆزىنىڭ ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. بىراق بوۋاقنىڭ بۆرىكى زەئىپلىشىپ، ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلانغانلىقتىن يەنىلا خەتەردىن ئۆتۈپ كېتەلمىگەن.
نەچچە كۈن جاپالىق داۋالاش نەتىجىسىدە بوۋاق ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلگەن.


مەنبە: نۇر تورى