sansiz0903 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:33 دە يوللىغان 
چىمەنگۅل ئاۋۇ (چىمەنقۇش) ھەدىمىزنىڭ قەلىمىگە زور بەرىكەتلەر تىلەيمەن.
حاتالاشمىسام چىمەنگۅل ھەدىمىزمۇ مۇشۇ ...
گۇگۇم پەيتىدە خانەڭدىن قىيا باققىن كۈلۈپ جانىم ،
كىيىكتەك چۈشكىنە يۈگرەپ پاياندازدۇر ساڭا ساچىم .
ئۈزۈلمەس بىر ئۇلۇغ كۈينىڭ ئىزىلمەس ناتىۋانى بىز ،
سېغىنچىڭغا تولۇپ قات-قات چاراسلايدۇ كۆيۈك باغرىم .
لېۋىمدە گۈل سۆيۈپ ئۆتسەم سېنى سۆزلەيدۇ دولقۇنلار ،
دېڭىزنىڭ دەردىنى يۇتقان ئوماقىمسەن مېنىڭ ئاھىم .
سەۋىر سەيناسىدا سەندەك چېچەك ئاچقانلار بار قايدا ؟
ئويۇمدا سەن،دىلىمدا سەن كېچە ئاي ئىزدىگەن چاغىم .
ئۈرۈك پىشقاندا قوشماق دەپ مېغىزنى تەڭ بۆلۈپ يەيلى ،
ۋاپا-دوستلىققا بوي ئەگكەن ئۇنۇتما بۇ ئۆمۈر تاغىم .
سېنىڭ بەختىڭنى پەي قىلسۇن باھار قالغاچلىرى ئەركەم ،
ئارامىڭغا ئارام قاتقاي نى سەۋدالىق ئەزىز باشىم .....
_چىمەنقۇش
[
ئاھۇ بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:52 دە تەھرىرلىگەن. ]