يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1092|نەقىل: 13

تاشلاندۇق خاتىرە(دىلەيسەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 13:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشلىك ھاياتتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى، ئازابى ۋە غېمى بولىدۇ، شۇنداق كىشىلەرمۇ باركىن، ئويلىغانلىرىنى جىمجىت بىر جايغا بېرىپ، ئۆزى بىلەن مۇڭدۇشۇش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىدىغان، يەنە بەزىلەر بولسا ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشا- مۇزىكىنى قويۇپ قويۇپ كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋېلىپ خىيال سۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل بۇرۇختۇمىلۇقتىن قۇتۇلىدۇ، يەنە بەزىلەر بولۇپمۇ ئەرلەر توختىماي ھەركەت قىلىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەنمۇ بۇ خىل روھى ھالەتنى يېڭىدۇ. ئەمدى كۆپىنچە كىشىلەرگە ئومۇملاشقا بىر خىل يېنىكلەش ئۇسۇلى بار ئۇ بولسىمۇ خاتىرە يېزىش، ئويلىغانلىرنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈش ئارقىلىق ئىچنى بوشىتىدۇ.
كەمىنە دىلەيسەممۇ قاچانلاردىدۇر شۇنداق بىر قاتتىق قاپلىق خاتىرىگە كۆڭۈل سىرلىرىمنى، يولۇققان مەسىلىلىرىمنى، ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلىرىمنى، تارتقان ئازاپلىرىمنى، دەرتلىرىمنى، مېنى قاقاھلىتىپ كۈلدۈرگەن خۇشاللىقلىرىمنى يېزىپ قويغان ئىكەنمەن، كېيىنچە خىزمەت ھەلەكچىلىكى، تۇرمۇش بېسىمى، جەمىيئەتتىكى  تۈرلۈك ئالدىراشلىقلار تۈپەيلى بۇ خاتىرەم بىر بۇلۇڭدا توپا بېسىپ قاپتىكەن، بۈگۈن ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە بىر نەچچە ئەسلىمىلىرىمنى يوللاش ئويىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

ئەمسە  بۇ يازمىلىرىم ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن!

****يىلى *ئاينىڭ* كۈنى.

بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، مەن ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ يۇرتىمىزدىكى گۈل دۇككىنىغا تېلىفۇن قىلدىم.
-شۇنداق ئانامغا ، 30 تال ئاق ئەتتىرگۈلنى چىرايلىق بىزەپ ماۋۇ ئادىرىسقا يەتكۈزۈپ بېرىڭ!
-بولىدۇ خانىم، مەن نەچچە يىل گۈل دۇككان ئېچىپ ئاڭلىغان ئەڭ ئېسىل سوۋغا بولدى، ئانىڭىز چوقۇم خۇش بولىدۇ.
-رەھمەت!
مەن  پاكلىقنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان، ھەر- بىر دانىسى مېنىڭ يېشىمغا ، ئانامنىڭ جاپارىغا ۋەكىللىق قىلىدىغان بۇ دەستىنى ئانامغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق مېھرىبان ئانامنىڭ مېنى ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان كۈنىگە، مېنى بۇ بەزىدە شۇنداق ۋاپاسىز ۋە رەھىمسىز، ئەمما بەزىدە شۇنداق گۈزەل تۇيۇلىدىغان بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈنىگە سۇنغان ئىدىم، ئاق رەڭ ئانامنىڭ مېنى كېچە- كۈندۈز ئېمىتىپ باققان ئاپئاق سۈتىگە ئوخشايتتى، ئاق رەڭ ئانامنىڭ بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن تارتقان جاپاسىنىڭ شاھىدى بولغان ئاپئاق  چېچىغا ئوخشايتتى، بۇ ئاق رەڭ يەنە مېنىڭ ئانامغا بولغان ۋاپادارلىقىمنىڭ سىمىۋۇلى ئىدى.
تېلىفۇندىن چىققان يېنىڭ مۇزىكىدىن ئانامنىڭ تېلىفۇن قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تېلىفۇننى ئالدىم. قارىشى تەرەپتىن تىتىرىگەن بىر ئاۋاز يەنى ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئانا، مېنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن، توغراق يېشىنى ياشاڭ دىدىمەن، زورىغا كۈلۈپ.
-رە...رەھمەت بالام، ئاللاھ  سېنىڭ ئۆمىرىڭنى بەرسۇن، بەختىڭنى زىيادە قىلسۇن، مېنى بەك خۇش قىلۋەتتىڭ قىزىم.
-سىز خۇش بولغان بولسىڭىز مەن سىزدىن نەچچە ھەسسە خۇش بولدۇم، بۈگۈنكىدەك كۈندە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سوۋغا ئانا.
توغرا ئانىلارنىڭ خۇشاللىقى بىز پەرزەنتلەرنىڭ خۇشاللىقى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى خۇش قىلىش بىز پەرزەنتلەرنىڭ بۇرچى.

****يىلى * ئاينىڭ ** كۈنى

بۈگۈن مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى چوڭ بىر بۇرۇلۇش بولغان كۈن، مەن يېڭى بىر خىزمەت ئورنىغا ئىشقا چۈشتۈم، بۇ خىزمەت ئورنۇمنىڭ مۇھىتىنىڭ ياخشى بولىشىدىن باشقا يەنە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئۇلارنىڭ مېنى تولىمۇ چوڭ بىلگەنلىكىدە بولدى، ئۇلار مېنىڭ قولۇمدىكى تۈرلۈك كېنىشكىلەرنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ رازىمەنلىك بىلەن باشلىرىنى لىڭشىتقان ھالدا ماڭا كۈلمسىرىدى.  مەن يېڭى خىزمەت ئورنۇم بىلەن تونۇشۇپ قايتىم. مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىر كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى، بۇ چۈشۈممىدۇ ئوڭۇممىدۇ، بىر سائەت ئىچىدىلا مېنىڭ تەقدىرىم ئۆزگۈرۈپ كەتتى،ئاپتونۇم رايۇندىكى خېلى نوپۇزلۇق بۇ ئورۇنغا ئۆز تەلىيىمنى سىناپ بېقىش ئۈچۈنلا كىرىپ بۇنداق تېزلا قۇبۇل قىلىنىپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىم.
توغرا ئىزدەنسە، تىرىشسا، جاپاغ ا چىدىسا مېنىڭچە قىغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئەڭ مۇھىمى بەندە بولغۇچى ئۆزىنىڭ كۆرىۋاتقان ھەر-بىر كۈنىگە شۈكرى قىلىش، مۇشۇنداق كۈنلەرنى ئاتا قىلغان ئىگىمىزگە ھەمدۇ سانا ئېيتىشنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك، بەندىچىلىكتە بەزىدە بىلىپ-بىلمەي قاقشاپمۇ قالىمىز، ئاللاھ ئۆزى كەچۈرگەي!
ئەتتىدىن باشلانغان يېڭى تۇرمۇشقا ئۈمىد بىلەن بېقىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك تىرىشىپ ياخشى ياشاش ئۈچۈن ئالغا دىلەيسەم!!!

تاشلاندۇق بۇ خاتىرەمدىكى قۇرلار مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسياتىم ۋە كەيپىياتىم ئاساسىدا يېزىلغان، قىلچىمۇ ياسالمىلىقتىن ئەسەر يوق، شۇڭا بەزىبىر سۆزلىرى تولىمۇ ئاددى بولۇپ قالغان بولۇشى مۆمكىن، ئەمما نىمىلا بولسۇن بۇلار مېنىڭ قەلىب ئۈنچىلىرىم.
دوستلانرىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا تىلەكداشمەن.
داۋامىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ئاناشقا بەرگەن سوۋغا ۋە تىلىكىڭىز ھەقىقەتەن كىشنى سۆيۈندۈرىدىكەن```    خاتىرىڭىزدا يەنە چوقۇم پىچەت نەرسىلەر بار ھە`  داۋامىنى كۈتىمىز`

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:37:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىلىك خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ بەكلا تەسىرلەندىم ھەم ئويلاندىم. ئۆتكەن يىلقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاپامنىڭ ناھايىتىمۇ ئېسىل، نەپىس ئىشلىگەن "جاھازىلىق گۈل" سوۋغىسىنى تاپشۇرىۋالغانىدىم، ئاپام بولسا،"قىزىم، بۇ گۈلنىڭ ئارىسىغا مېنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن كۆڭۈل سىرلىرىم، يۈرەك سۆزلىرىم، مۇڭلىرىم...سىڭىپ كەتكەن، ئوغلۇڭنى باققاچ بۇ گۈلنى ساڭا ئاتاپ كەشتىلىدىم. بىر كۈنلەردە مۇشۇنىڭغا قاراپ ئاپام نېمىلەرنى دېگەن بولغىيتى، بىزدىن نېمىنى كۈتكەن بولغىيتى، قانداق مۇڭلىرى بولغىيتى ...دەپ مېنى ئەسلەپ قالارسەن" دەپ مېنى شۇنچىلىك يىغلىتىۋەتكەن. يولدۇشۇممۇ تەسىرلىنىپ كېتىپ، سوۋغاتنى شۇ كۈنىلا ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ، 5يىل تامدا ئېسىقلىق تۇرغان توي سۈرىتىمىزنى ئېلىۋېتىپ ئورنىغا ئۇنى ئېسىپ قويغانىدى. شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولساممۇ،  ئەمما مەن مېنى تۇغقان كۈنىنى، ناھايىتىمۇ تەستە مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈنىنى مۇبارەكلمەپتىكەنمەن.( گەرچە سەھەردە تېلغۇندا مۇبارەكلىگەن بولساممۇ).ئەمدى ئويلىسام بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. خۇدا بۇيرىسا مېنى بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا، يۇقىرى مۇئاشلىق خىزمەت ئورنىغا، ھەممە نەرسە تەل تۇرمۇشقا، ساغلام بەدەنگە ئېرىشتۈرگەن ئۇلۇغ ئاپامنى تەبرىكلەشنى ئۇنۇتمايمەن. دىلەيسەمنىڭ مېنى ئويلاندۇرغىنىغا ھەم ئويغاتقىنىغا كۆپ رەھمەت!!!

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلروھ سىڭلىم، خاتىرەمدە خېلى نەرسىلەر بار، قېنى دوستلارغا يارامدۇ يوق بۇنى يوللىغاندا بىر نەرسە دەي ماقۇلمۇ ؟

قەھۋە قىزغا يارىغانلا بولسا مەن خۇش، بەزىلەر قىز بالا ئانا بولغاندىن كېيىن ئانىنىڭ قەدىرىگە بەك يېتىدۇ دەيدىكەن، لېكىن بەزىدە ئانا بولغاندىن كېيىن ۋاي بالام دەپ ئانىمىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدىكەنمىز.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:45 دە يوللىغان
دىلروھ سىڭلىم، خاتىرەمدە خېلى نەرسىلەر بار، قېنى دوستلارغا يارامدۇ يوق بۇنى يوللىغاندا بىر نەرسە دەي ماقۇلم ...



ئەمسە كۈندە يوللاڭە ... مەن ھىرىپ قالغاندا ئوقۇي :loveliness: ..........  شۇ شۇنداق يېنىمىزدا بارىدا قەدىرىنى بىلمەي قەدىرىگە يەتكىنىمىزدا يېنىمىزدا يوق ````:(

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
103 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
323
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەمنىڭ  خاتىرىسى  مېنىمۇ  خېلى ئويغا سالدى .....بىرىنجى  كۈندىلىك  خاتىرىنى  ئوقۇپ  كۆزلىرىمگە  ئىختىيارسىز  يىغا  ياماشتى ....
مۇشۇ  كۈنگە  قەدەر ( ئانا  بوپ  تۇرۇقلۇقمۇ ) ھەر  بىر  تۇغۇلغان  كۈنۈمدە  ئاپام  بىرىنجى  بوپ  تۇغۇلغان  كۈنۈمنى تەبرىكلىسە  تەبرىكلىدىكى  مەن  بىر  قېتىممۇ " جېنىم  ئاپا  مېنى  مۇشۇ  گۈزەل  دۇنياغا  ئاپىرىدە  قىلغان  كۈنۈڭگە  مۇبارەك  بولسۇن ، جاپا  چەكتىڭ  " دەپمۇ  باقماپتىمەن :'( :'( ھېلىھەم  بولسىمۇ ، مۇشۇ  يىلدىن  باشلاپ تۇغۇلغان  كۈنۈمدە  ئاپامنى بىرىنجى  بوپ  مۇبارەكلىمىسەم  ھېساپ  ئەمەس!!!
دىلەيسەمنىڭ  ئىككىنجى  خاتىرىسى  ماڭا  تۇنجى  تەقسىمات قەغىزىمنى ئېلىپ ھازىرقى نازارەتكە كىرگەن كۆڭۈلسىز  كۈنۈمنى ئىسىمگە  سالدى :( :( ئۇ كۈنى شۇنچىلىك  كۆڭلۈم  تاتمىغان ،   بىر  خىل  ئېيتىپ  بېرەلمىگۈدەك بۇرۇختۇملۇق  ئىچىدە تەقسىمات  قەغىزىنى  ئېلىپ ئۆيدىن چىقىشقا  تەرەددۇتلىنىۋاتقىنىمدا  دادام : توختا  بالام ، مەن  بىللە  باراي  ، دىگىنىدە  مەن  ئۇنىڭغا  ئۆزەمدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئامال  بار  بىلىندۇرمەستىن " ياق دادا ، بۈگۈندىن  باشلاپ قىزىڭ  ئەمدى مۇستەقىل  ئادەم بولدى  ، ئۆزىنىڭ  ئىشىنى ئۆزى  بىر  تەرەپ  قىلىدۇ ، ھەممىگە  ئۆزى  يۈزلىنىدۇ " دىگىنىم خۇددى  تۈنۈگۈنكىدەكلا  يادىمدا .....دادام بىر  نەرسە  دىيىشكە تەمشەلدىيۇ  " مەيلى ئەمىسە ، بارغىن  بالام  " دىگەندىن  باشقىنى  دىمىدى ، راس تەكىتلەشنى  ئۇنتۇپتىمەن ، دادام مۇشۇ  نازارەتتە ئىشلەيىتتى!
سىياسى  باشقارمىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىگە  كىرگىنىمدە يوپيۇرۇق خېلىلا ئازادە  بۇ  ئىشخانىدا بىر خەنزۇ  يولداش  بىلەن  بىر  قازاق ئاكىمىزنىڭ ئۈستىلى  بىربىرىگە روبىرو  قويۇلغان ھالاتتە  بىرى كومپىيوتۇرغا  قاراپ ،  بىرى گېزىت  كۆرۇپ  ئولتۇراتتى . مەن بىراقلا  خانزۇچە  ئامانلىق سورىدىمدە  كېلىش  مۇددىئايىمنى ئېيتىپ  ھەممە  كېنىشكىلىرىم  بىلەن  بىللە  تەقسىمات  ئۇقتۇرىشىنى چىقاردىم ، خەنزۇ ئاكىمىز مېنىڭ  كېنېشكىلىرىمنى  كۆرۈپ ئەمدىلا " ياخشى ئوقىغان ئىكەنسەن ، سېنىڭ  بۇ  كەسپىڭدىن  قارىغاندا سەن   بىزنىڭ  بۇ يەردە  زايا كېتىسەن " دىۋىدى ، ھېلىقى  قازاق ئاكىمىز  تومتاقلا " كىمنىڭ  قىزىسىز ؟ " دەيدۇ ، مەن  بىر  دەقىقە  تۇرۇپ  كېتىپ " مېنىڭ  كىمنىڭ  قىزى  بولۇشۇم  بۇ  نازارەتتە ئىشلىشىمگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ " لا  دىدىم . ئۇ  چىرايىنى  شۇنداق  بىر تۈرىۋىتىپ ، " بۇ نازارەتتە ئاپىڭىز ئىشلەمدۇ  دادىڭىزمۇ " دەيدۇ ، گەپنى  ئۇزارتقۇم  كەلمىدىدە ، مەن  كىيىن  كېلەي  دەپلا  ياندىم !!!كىيىن ئەلۋەتتە يەنە  شۇ  دادام  بىلەن  بىرگە  كىردىم :( :( ...گەرچە  بۇ  نازارەتتە چوڭ بولغىنىم  بىلەن ،  قەتئى  بۇ  يەردە  ئىشلەرمەن  دىگەن خىيال  يوق  ئىدى ، لىكىن  نە  ئامال  ...تەقدىر  دىگەن  تەقدىركەن ...........

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇلتۇر تۇغۇلغان كۈنىمدە يۇرتتىكى بىر دوستۇمغا ھاۋالە قىلىپ بىر دەستە ئەتتىرگۈل، ئىككى قاپ ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى قاتارلىقلارنى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرەەن ئىدىم، ئاپام تېلىفۇننى تۇتۇپ ئېسەدەپ شۇنچىلىك يىغلاپ كەتكەن ئىدى، مەن بۇرۇندىمۇ ھەر يىلى ئاپا مېنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن دەپ تېلىفۇندا ياكى يۈز تۇرانە دىگەن بولساممۇ تۇنجى قېتىم گۈل سوۋغا قىلىشىم ئىدى، قارىماققا ئاپام بەكمۇ ھاياجانلانغان ئىدى، مېنىڭ ئاتا- ئانام ئالدىدا ياش تۆكۈشنى خالىمايدىغان مىجەزىم بولغاچ ئاپامغا:
-سوۋغا بەرسە بۇنداق يىغلىساڭ، بىلسەم جىممىدە تۇرۋالارمەنكەن، دەپ چاقچاق قىلىپ تۇرۋالغان ئىدىم، ئاپام ئۇزۇندىن -ئۇزۇن دۇئالارنى قىلىپ تېلىفۇننى قويۋەتتى، ئاندىن مەن يىغلىدىم، چۈنكى ئاپامنىڭ ھازىرقى جاپاسىنى ئويلىساملا ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولاتتى، نىمە قىلىپ بەرسەم ئاپام خۇش بولار، قانداق قىلسام ئاپام ئازراق بولسىمۇ رازى قىلارمەن دەپ ئويلايتتىم.
ئەمدى  مېنىڭ ماۋۇ چوڭ قىزىم ئىككى -ئۈچ يىللارچە بولدىغۇ دەيمەن، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ماڭا ئۆز قولى بىلەن ئاتكېرتكا ياساپ مېنى مۇبارەكلەپ خۇش قىلىۋېتىدىغان بولدى.. ئاللاھ قىزلىرىمغا ئىنساپ بەرگەي!!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
60 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
168
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ يىشىمغا كەلگۈچە تۇغۇلغان كۈنۈمنى دوستلىرىم بىلەن خوشال ئويناپ ئۆتكۈسەم-ئۆتكۈزدىمكىن  ،ئاپامغا سوۋغا بىرىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن:( ئاللاھ...
بۇيرىسا مۇشۇ يىلدىن باشلاپ چوقۇم ئۆزەمنى ئەمەس ئاپامنى سوۋغىلار بىلەن ھەم
چۇكقۇر مىھىر-مۇھەببىتىم بىلەن تەبرىكلەيمەن.....:'(

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا توغرىلىق پاراڭلار چىقىپ قاپتۇ دە .
ئانا ھەقىقەتەن بارلىغىنى بالىسىغا بېغىشلايدىكەن بالىسىنى كۆرسە شۇنداق خۇش بولۇپ كېتىدىكەن.
خىزمەت تەقسىماتى بىلەن ئۆز ۋىلايىتىمىزگە قاراشلىق باشقا بىر ناھىيىگە باردىم، يۇرت ئارلىقى، خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن ئىككى ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالاتتىم، ئۆيگە كېلىپ ئۇخلىسام ئاپام ئۆيدىكىلەرنى قاتتىقراق تىۋىش چىقىرىشىقىمۇ ئۇنمايتتى. سىڭلىم مەن كەلسەملا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرۋېلىپ غۇدۇڭشىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىغىمۇ نە ئامال، ئاپامنىڭ " ئاكاڭ ئۇخلاۋاتىدۇ بەك چارچاپ كېتىپتۇ، ئاۋارە قىلما" دەپ چەكلىشى بىلەن خۇشياقمىسىمۇ كىتابىنى كۆرۈپ تاماق ۋاقتىنى كۈتەتتى.
بىر يىلى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خىزمەت ئالدىراشلىقى دەپ ئۆيگە بىرەر ئايدەك بارالمىدىم، توۋۋا، تېلفۇنمۇ قىلىپ قويماپتىمەن.
بىر كۈنى ئاپام ئۆزى تېلفۇن قىلىپتۇ. " ئوغلۇم، ئۆيگىمۇ كەلمەيسەن، مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟ مەندىن رەنجىسەڭمۇ مەن بەرىبىر سېنىڭ ئاپاڭ، ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكىن ھە".
تېلفۇننى قويۇپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق بىئارەم بولۇپ كەتتىم. ئەسلى كەچۈرۈمنى مەن سورىشىم كېرەك ئىدى.
خىزمەت، تۇرمۇش دەپ بېشىمچىلاپ كىرىپ كېتىپ چوڭلارنى يوقلاپ تۇرالمىغان ۋاپاسىز ئوغلۇڭلارنى كەچۈرۈڭلار دىيىشىم كېرەك ئىدى ئەمەسمۇ؟ :L
ئەتىسىلا ئىدارىدىن ئۇنمىغىنىغا ئۇنماي رۇخسەت ئېلىپ بىر كېچە قونۇپ كەلدىم. ئاتام بىلەن ئاپام دايىم " سەن كەلسەڭ بۇ ئۆيدە ھېيت بولىدۇ" دەيدۇ.
ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خىزمىتىمنى يۇرتۇمدا تۇرۇشلۇق ئىدارىگە يۆتكىۋالدىم. مانا ئاللاھ شۇ ئېغىر كۈنلەردىنمۇ بەندىسىنى سىناب، ھەر كۈنى ئۆز ئۆيۈمگە قايتالايدىغان، چوڭلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ تاماق يىيەلەيدىغان بولدۇم.
ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشسەم ئوبدان يىيىشلىك نەرسىلەرنى ياكى مېۋە ئېلىپ قايتىمەن. بۇ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلاندى. ئېسىمنى بىلسەم ئاتام ئەشۇ كونا ۋەلىسپىتى بىلەن ھەر كۈنى بازارغا كىرسە ئازراق بولسىمۇ قۇرۇق يەل يىمىش ۋە مېۋە ئېلىپ چىقاتتى.
بىر ئۆيىدىكى تۆت جان ھەر كۈنى بىرگە تىلىۋىزور كۆرگەچ  مۇڭدىشىمىز، ھەر كۈنى ئاددى بولسىمۇ داستىخان سېلىپ مۇڭدىشىپ كېتىمىز، قەرت ئوينايمىز. . .
ئۇلۇغ ئاللاھتىن جاھاندىكى بارلىق جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىنى، پەرزەنتلەرنىڭ ئىمان ئىنسابىنى تىلەيمەن.
قولغا تېلفۇن ئېلىپ بىر مىنۇت ۋاقىتنى چىقىرىپ ئۆيگە تېلفۇن قىلىش تەس ئەمەس،  بىز ئۇنى مۇھىم دەپ بىلدۇقمۇ يوق، مانا بۇ تۈپكى مەسىلە.

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم، تاشلاندۇق خاتىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمىز................
مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە ئانامنىڭ مېنى تۇغقان كۈنىنى تەبرىكلەپ باقمىدىم. لېكىن ھەر كۈنى بىر قېتىم تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سوراشنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قالمايمەن. تېلېفوننى قىلىمەندە ئانا قانداق ئەھۋالىڭ؟ دىگەندەك بىر قۇر ئەھۋال سورىۋېتىپ قويۇۋېتىمەن. بەزى كۈنلىرى مۇھىم ئىشلىرىم بوپ قېلىپ تېلېفون قىلالماي قالسام، ئەتىسى تېلېفون قىلغاندا ئانامنىڭ مەندىن ئەنسىرىگەنلىكى بىلىنىپ قالىدۇ. ئۆزۈمنى ئىچىمدە تازا تىللايمەن. ھەر قانچە ئالدىراش ئىشىڭ بولسىمۇ ئاناڭغا تېلېفون قىلىشنى نىمىشقا ئۇنتۇيسەن؟ ....................
ئۆيگە بارسام ئانامنىڭ مېنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرگىنىمدە شۇنداق خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ئانامنى پات-پات يوقلاپ، مۇڭدىشىپ تۇرمىغىنىمغا شۇنچىلىك ئۆكۈنىمەن.بۇنىڭىدىن كېيىن دائىم كېلىپ تۇرۇشقا كۆڭلۈمدە ۋەدىلەرنى قىلىپ كېتىمەن. لېكىن تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرى ئاستىدا بۇ ۋەدىلەر نەچچە كۈندىلا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. مەن ئانام ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردىم؟..............

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:34 , Processed in 0.067217 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش