يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1889 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2379|ئىنكاس: 10

نامراتلىق كىشىگە بەخت ئېلىپ كەلمەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇل نىجىس نەرسە ئەمەس


     
     بۇرۇن بىر بانكىر دىگەن كۆپ قىسىملىق كىنونى كۆرگەن، ئۇنىڭدا پارىژ ئىنقىلاۋىنىڭ (ئىسىمدە شۇنداقراق قاپتۇ) مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلار  نۇرغۇن جايلارنى كونتىرول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىقتىسادى ئۇرۇنلارنى مەسىلەن، بانكا، مالىيە دىگەندەك ئۇرۇنلارنى كونتىرول قىلمىغان، ئۇلارنى ئىگەللەشكە، ئىشغال قىلىشقا، كونتىرول قىلىشقا سەل قارىغان، نەتىجىدە، غەلىبە قىلىشقا ئاز قالغاندە يەنىلا مەغلۇپ بولغان، چۈنكى، پۇل بولمىغاچقا، ئۇنى كونتىرول قىلمىغاچقا، قورال ۋە ياكى يىمەكلىككە ئوخشاش نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمەيتى، باشقىلاردا پۇل بولغاچقا، ئىقتىسادنى كونتىرول قىلغاچقا، ئۇلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان، ئەگەردە پارىژ ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلغان بولسا، سوتسىيالىزىم يېرىم ئەسىر بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولاتتى.....
     يۈسۈفجان سەمەتنىڭ پۇل ھەققىدە ئويلىغانلىرىم دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر جۇملە سۆز بار، ئامېرىكا، قايسى بىر جاينى( يەنى خەرىتىدىن قارىسا كاناداغا تەۋە بىر جاي، لېكىن، رەڭگىگە قارىسا، ئامېرىكىنىڭ رەڭڭى بىلەن ئوخشاش،) قورالغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى، پۇلغا سېتىۋالغان.
    پۇلى بار بۇلۇش يامان ئىش ئەمەس، يامانلىقى دەل تاپقان پۇلنى توغرا جايغا ئىشلەتمەسلىك، ئۇنى بۇزۇپ چېچىش، يوغانچىلىق قىلىش.
      ھازىر پۇل تېىپىش تەس بۇلۇپ كەتتى، لېكىن، پۇل ھەرگىزمۇ نىجىس نەرسە ئەمەس، پۇلدا گۇناھ يوق،  پەقەت ھالال يول بىلەن پۇل تاپمىغانلار، ئېتىقادىنى يوقاتقانلار، ئىپپىتىنى يوقاتقانلار، باشقىلارنى يامان يول ئارقىلىق پۇل تىپىشقا سېلىۋاتقانلار، مەجبۇرلاۋاتقانلار، زەھەر سېتىپ، كىچىل بالىلارنى ئالداپ سېتىش  ئارقىلىق پۇل تاپقان كىشىلەر نىجىس ۋە رەزگىلەردۇر، دوزاققا مەھكۇمدۇر، لەنەتگەرلەردۇر.
     ئارىمىزدا شۇنداق ياخشى كىشىلەر باركى، ئۇلار پۇل تاپتى، تاپقان پۇلىنى ياخشى، ساۋابلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ، خەلققە ۋە جەمئىيەتكە ياخشى ئىجتىمائى ئۈنۈم ياراتتى. مەسىلەن: نۇرتاي ھاجىم، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يېتىم-يىسىرلار مەكتىۋى قۇرۇپ، ئۇقۇشسىز قالغان نامرات ،يىتىم بالىلارنى ئوقۇتتى ، ئەگەر نۇرتاي ھاجىمدا پۇل بولمىسا، شۇنداق قىلىشقا قۇربى يىتەمتى؟ قەشقەردىن چىققان ئوغلانىمىز سېلىمھاجى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇپ، كىچىك ياش نوتىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىلەپ، خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بارلىق تەرگەن تاپقىنىنى ئەۋلاتلارنىڭ چېنىقىشى ۋە تەربىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارمان شىركىتى ۋە ئىخلاس شىركىتى نۇرغۇن ئىشىسزلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن، نامرات ۋە ياكى ئىختىسادى ئارقىدا قالغان جايلارغا مەكتەپ سېلىپ بەردى، ئەگەر ئۇلاردا پۇل بولمىسا، ئىختىساد بولمىسا، ئۇلار شۇنداق قىلالامتى؟ دۇنياغا مەشھۇر كىلاسسىك مەدەنيەت مىراسىمىز بولغان مۇقامنى ۋ س د،دۋد  قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن، دولەت قانچىلىق پۇل ۋە ئىختىساد، تېخنىكا كۈچى ، ئادەم كۈچى ئاجراتتى ؟ پۇل بولمىسا، ئۇلارنى روياپقا چىقىرىپ، دۇنياغا تۇنۇتالامتۇق؟
يەنە مىسال : دۆلىتىمىزدە ۋە رايۇنىمىزدا ئاۋستىرالىيە ۋە فىنلاندىيەدىن كەلگەن بىر نەچچە ساخاۋەت جەميىتى بار، ئۇلار بىلەن بىز تۇققان ئەمەس، ئۇلار بىزنى تۇنۇمايدۇ، لېكىن، ئۇلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نامرات جايلاردىكى خەلقنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا كۈڭۈل بۈلۈپ، نۇرغۇن مەبلەغ ، ئىختىساد، ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ،ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا بىزدىن ھىچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت ئىختىسادى كۈچى ئارقىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتىدۇ، بۇنداق ياردەم پەقەت بۇ يەردىلا بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىمۇ بار، بۇلارنى نامرات دۆلەتلەر قىلالمايدۇ، بەلكى، ئىختىسادى ياخشى دۆلەتلەرلا قىلالايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىسا، ئۇلار شۇنى  قىلالامتى؟ داۋاملاشتۇرالامتى؟ ..
   رايۇنمىزدا، قەشقەردىكى تۈمەن دەرياسى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇھىتى شۇنداق بۇلغانغان، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نىمە كېرەك بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىختىساد كېرەك بولار؟ ئۇندىن باشقا، دولىتىمىز تارىم دەرياسىغا يىلدا نەچچە مىليۇن پۇل ئاجرىتىپ ئېكېلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا پۇل، ئىختىساد كېىتىدۇ. چوڭ بازار ۋە سەنشىخاڭزىغا بارساق، نۇرغۇن كىچىك ،مەكتەپكە ئوقۇشقا تىگىشلىك بالىلارنىڭ مايلامچىلىق قىلىۋاتقىنىنى كۈرىمىز، بۇلار نىمە ئۈچۈن مايلامچىلىق قىلىدۇ، بىر سوم ئۈچۈنغۇ؟ پۇل ئۈچۈنغۇ؟ ئىختىساد ئۈچۈنغۇ؟ مۇنبەردە نۇرغۇن مۇراجىئەتنامىلارنى كۆردۇق، ھەممىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ،داۋالىنىشقا پۇل يىتىشمەيۋاتقانلار، ئۇلارغا 1000000000 لىغان «شىپالىق بىرەر» دىگەن سۆزگە قارىغاندا بىر كوي پۇل ئەۋزەل.
     پۇل نىجىس ئەمەس، نامراتلىك كىشىگە بەخت ئېىلپ كەلمەيدۇ، ئىختىساد ياخشى بولسا، ياخشى كىتاپ سېتىۋالالايمىز، ياخشى بىلىم ئالالايمىز، قايسى دولەتلەرگە چىقىپ ئوقۇيمىز دىسەك ئوقۇيالايمىز، ئەۋلاتلارنى ئوقۇتالايمىز، زاۋۇت،كان كارخانا قۇرۇپ، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ نەتىجە قازىنالايمىز، بۇنىڭغا ئىختىساد كېرەك، ھەرگىزمۇ نامراتلىق كېرەك ئەمەس.
    دولىتىمىزمۇ ئىختىسادى قۇرۇلۇشنى   مەركەز قىلغان ئاساستا ئىسلاھات ئېىلىپ بېرىپ، ئالامشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەل پۇلىنى ئالماي ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتىدۇ، كوپلىگەن يول كۆۋرۈكلەرنى سېلىپ، بۇرۇن نەچچە كۈندە بارىدىغان جايلارغا ھازىر بىر كۈن ئىچىدە، نەچچە سائەت ئىچىدە بارالايدىغان بولدۇق، شۇنداق بولسىمۇ، نۇرغۇن جەھەتلەردىن كەملىك بار،مەسىلەن:  كانادا دا 18 ياشقىچە ھەقسىز داۋالايدۇ، چۈنكى، ئۇلاردا ئىختىساد بار، پۇل بار، دولەت قۇدرەت تاپقان. ئەگەر دۆلىتىمىزمۇ قۇدرەتلىك بولسا، بۇنداق ھەقسىز داۋالاش، ۋە ھەقسىز مائارىپ بىر كۈنلەردە بىز كۈرەلمىسەك، باللىرىمىز، ھىچ بولمىغاندا نەۋرىلىرىمىز شۇنداق ئوقۇيدۇ، بۇ مۇقەررەرلىك، پەقەت ئىىختىساد بولسىلا، قۇدرەتلىك ۋە باي بولسىلا.
      ئىختىسادىمىز گۈللەنسە ، بىزمۇ چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش باشقا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلالايمىز، ساياھەت ئىزلىرىمىز مىسىرنىڭ ئەلئېھرامدا، ھىىندىستاننىڭ تاج ماخال مەقبەرىسىدە، دۇبەيدىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر بولغان 7 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا، ئامرىكىنىڭ سودا مەركىزى بار جاينىڭ خارابىسىگە، پارىژدىكى ئېفىر تۈمۈر مۇنارىغا ، رىمدىكى گىلادىئاتور مەيدانىغا ، سىدنىيدىكى دۇنياغا مەشھۇر تىياتىرخانىغا ، دىيارىمىزدىن تۇرپان ئىمىن ۋاڭ مۇنارىغا، ئالتايدىكى قاناسقا، غۇلجىدىكى ئىلى دەريا بويلىرىغا، كۈنەس يايلاقلىرىغا، بورتالادىكى سايرام كۆلىگە، قەشقەردىكى ھىيېتكاھ مەسجىتى، ئاتۇشتىكى جاي پەچچىم، سۇلتان سۇتۇق مازىرى، كۇچادىكى قەدىمى يادىكارلىقلار .....بار جايلارغا بارالايمىز،ساياھەت قىلالايمىز،  شۇ يەردە ئىزلىرىمىز قالىدۇ، ساياھەت قىلىش يامان ئىش ئەمەس، دۇنيانى ئايلىنىش يامان ئىش ئەمەس، پۇل بولغاندىلا ، ئىختىساد بولغاندىلا شۇ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا، ئۆزىمىزدىن ئېشىنىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلالايمىز، قېرىنداشلىرىمىزدىن باشقا بىزمۇ فىنلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ئوخشاش ئۇرۇنلارنى بىزمۇ قۇرۇپ، بىزمۇ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ، باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلالايمىز، پەلەستىن، ئىراقلىق مۇساپىرلارغا ياردەم قىلالايمىز،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىختىساد بىلەن بولىدىغان ئىشلار. پۇل بىلەن روياپقا چىقىدىغان ئىشلار.
         دىمەك، پۇل ھەرگىزمۇ نىجىس ئەمەس، بىز نامراتلىققا مۇھتاج ئەمەس، نامراتلىق بىزگە بەخت ئېلىپ كىلەلمەيدۇ، شۇڭا بىز توغرا بولغان ئىختىساد ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزايلى، ھىچ بولمىسا، باللىرىمىز ۋە كەلگۈسىدە باللىرىمىزنىڭ ۋە نەۋرىلىرىمىزنىڭ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ۋىجدانىمىزنى يوقاتماي، ئېتىقادىمىزغا شەك كەلتۈرمىگەن، قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا ، پۇل تاپايلى،  ئىختىسادىمىزنى گۈللەندۈرەيلى. مېىھنەت تەرىمىز بىلەن ئەقلىمىز ۋە 2 بىلىكىمىزگە تايىنىپ، جاپاغا چىداپ ،ھالال يول بىلەن پۇل تاپساق، بىز چۇقۇم بىر كۈنلەردە قۇدرەتلىك ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيمىز، ھەرگىزمۇ نامراتلىق بىلەن ئەمەس.
   
مەنبە : ئۆزۈم (قايتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ يېزىلدى)


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توغرا  پۇل گۇناھسىز ، گەپ پۇلنىڭ قانداق نىيەتلىك ئادەمگە چۈشۈپ قالغانلىقىدا ......   شۇنداق بىر ياخشى ئىش پىلانى بار ياخشى پىلانلىق كىشلەرنىڭ قولىغا پۇل كىرگىنىدە پۇل ئۆز رولىنى ئاجايىپ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئۆزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خوشال قىلالايدۇ ..

ئەمما بىزدە قانداق كىشلەر كۆپ ؟؟؟؟  يوقسۇل ۋاقىتلىرىدا كىشلەردىن ياردەملەرنى سوراپ يۈرگەن بەزى كىشللىرىمىز قولىغا پۇل كىرگەندە ئۆز ۋاقتىدا شۇ ياردەملەرنى بەرگەنلەرنى ئۇنتۇيدۇ ۋەياكى قارىمايدۇ ...........

يەنە بەزىللىرىمىز شۇنداق بىر  كۆرەڭلەپ كېتىمىزكى جاھاندا بىزدىن باشقا ئادەم يوقتەك```  شۇنداق ياخشى دىگەن بەزى كىشللىرىمىز يانچۇقىغا توم بولۇپ قالسا  ئوينايدىغان چىكىدىغان جىدەل ماجىرا بار يەردىن كىتەلمەيدۇ ```  

ئاندىن پۇلنى تىللايدۇ  ئۆزىنى تىللىماي ```

پۇل ياخشى  ئەلۋەتتە  ياخشى ئىشلىتىپ ياخشى خەجلەشنى بىلسە```

نامراقتلىق كۆپىنچە كىشلەرنى چۈشكۈنلەشتۇرۋىتىدۇ```

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
198 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ـــــ پارىژ كوممۇناسى نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان؟
ـــــ داجەيدىن ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن...
....
بۇ مەن بىلىدىغان ئەڭ كونا يۇمۇرلاردىن بىرى. بۇ يۇمۇرنى بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ مۇنبەردە؟

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:02:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پۇلنى قايسى يولدا تېپىپ، قانداق ئىشلىتىش بەك مۇھىم.
سامسىپەز بۇ قىسقا يۇمۇرنى راست گەپ قىلسام مەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم:loveliness:

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل يازمىڭىزدىن بەھرىلەندۇرگىنىڭىگە تەشەككۇرلەر ...مۇنبەردىكىلەر  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىجادى ،نادىر تىمىلىرىڭىزنى كۇتىدۇ ...

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 3Rank: 3

توردا
103 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
323
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرۈپ بىزنىڭ خەنلەرنىڭ  مۇنۇ سۆزى "钱不是万能的, 但没有钱是万万不能 " ئېسىمگە  كەلدى :P :P ھەقىقەتەن  يىراقنى ئەمەس  ئۆز كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىك ئىشلارنى ئېلىپ  ئېيىتساق ، پۇل بولغىنىدا ئاتا  ئانىمىزغا كۆيۈمچانلىغىمىزنى  تېخىمۇ  ياخشى يەتكۈزەلەيمىز ، تۇققانلىرىمىزغا  ياردىمىمىزنى يەتكۈزەلەيمىز ، ياردەم  كېرەك دوسلىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايمىز ، ئېغېر كىسەلگە  مۇپتىلا  بولغان  قېرېنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزالايمىز ، ئوقۇشسىز  قالغان نارەسىدىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتالايمىز ..........مۇشۇنىڭغا ئوخشاش   ئىشلارنىمۇ  پەقەت  پۇل  بولغىنىدىلا  قىلالايمىز ....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:20 دە يوللىغان
ـــــ پارىژ كوممۇناسى نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان؟
ـــــ داجەيدىن ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن...
....
بۇ مەن بىلىد ...



داجەي دېگەن نىمە > ؟

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ئۆزى قەغەز بولسىمۇ، بەكلا چىرايلىق كۆرىنىدىغان شەيتان نەرسە.
مۇشۇ 4-5 يىلنىڭ مابەينىدە بىزنىڭ خوتەن دىيارىدىن قاشتېشى كۆپلەپ چىقىشى بىلەن ئىقتىساد خېلى زورىيىپ قالدى. شۇنچە نامرات كىشىلەر بىر كۈندىلا مىليونىرغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان، يەنە مىليونىرلار بىر كۈندىلا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قەلەندەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
تېزلا بېيىپ كەتكەن شۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تاپقان پۇلىنى ياخشى يەرگە ئىشلەتكەنلەرمۇ خېلى كۆپ بولدى. بىراق، پۇللىرىنى ناشايان ئىشلارغا بۇزۇپ-چېچىپ، بەتخەجلىك قىلىپ نەچچە ئايغا قالمايلا ۋەيران بولغانلار ياخشى ئىش قىلغانلاردىن كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
دىمەك، پۇل قولۇڭغا كىرگەندە ئۇنىڭ مېھرىدىن ئۈمۈدۈڭنى ئۈزەلمەيسەن، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلتىشكىمۇ جۈرئەت كېتىدۇ.

Rank: 1

توردا
13 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈن مەنىۋى بايلىق ئەڭ مۇھىم !:victory:
1.مەنىۋى بايلىق    2.تىرىشچانلىق    3.....      4. ....    5.پۇل

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
207
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىمۇ  پۇل دىگەن  نەرسە   كىملەرنى  نىمە  كويلارغا  سالمايۋاتىدۇ؟ ھەمىمىزگە  مەلۇم  كىشلەرنىڭ  يۇقىرى ئىستىمالغا ئىھتياجى كۇنسرى ئىشىۋاتقان يىقىنكى مەزگىلدىن بۇيان ھەتتا  موھەببەتمۇ  پۇلنى ئىقتساتنى نىشان قلغان ئاساستا  تەرەققى  قلماقتا...

بولۇپمۇ  ھازىرقى  دەۋىردە پۇل  بولمىسا  كوپ ئىشلارنى ھەل قلماق  بەكمۇ  تەس  ھەتتا  پۇلى  يوق  كىشلەرگە قىلنۋاتقان موئامىلمىزمۇ ئىنىق بولماقتا..................................................................

دىمەك پۇل كىشلىك ھاياتتا  كەم بولسا بولمايدىغان لازىمەتلكنىڭ موھىم بىر قىسمدۇر...
كونلاردا .....( ئەتە ئولدىغاندەك ئىبادەت قل_مەڭگۇ ئولمەيدىغاندەك تىجارەت قل) دىگەن ماقال  تەمسىلنىڭ كۇچلۇك ئاساسى بار.....
شۇڭا توغرا يول بىلەن كوپلەپ پۇل  تىپىپ  ئوزمىزنى.ئائىلمىزنى.ئاتا ئانا قىرىنداشلرمىزنى.يۇرتنى دولەتنى ..گۇللەندۇرۇشكە ئازراق  بولسمۇ ئىشلىتەلىسەك يۇقۇردا تلغا ئىلنۋاتقان ئاتالمىش پۇلدىن ئىبارەت بۇ  سىرلىق نەرسىنىڭ ئۇنچۇۋلا چوڭ نەرسمۇ ئەمەسلگىنى ھىس قلالايمىز.....


بۇ   ياخشى تىمكەن .ئىلھامىڭىزغا  بەركەت تىلەش بىلەن  بىرگە ( يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئوقيالمىدىم بەلكىم ئېنگىلزچە ئوخشايدۇ)...تىنڭزگە سالامەتلىك  يىزىقچلىق سەپىرىڭىزگە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.....






كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:13 , Processed in 0.265131 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش