يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 9

ياشلىق ئوتى ( ن پولات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىق ئۆمۈر گۈلشىنىنىڭ باھارىدۇر ۋە ھايات قاراڭغۇلىقىنىڭ سەھىرىدۇر.
باھاردا شادلىق گۈللىرى ئىچىلىدۇ ،سەھەردە زوق ۋە ئازادلىقنىڭ ئۈيلىرى يورۇيدۇ.
ئىنىساننىڭ گۈزەل رەنالىقى ياشلىق .ياشلىقدىن سەزگۈر ئەزالارغا قۇۋەت ۋە پۇت- قوللارغا
ئۇنىڭدىن ساقلىق يىتىدۇ. كۆڭۈللەرگە ئىشق تەشۋىشنىڭ چۈشۈشى ياشلىقدىن،گۈزەللەرگە
ئاشىق-بىقارار بولۇش ھەم  ياشلىقدىن.
دوستۇم ،ياشلىقنى غەنىمەت بىل، ئۆزۈڭنى قىرىلىق مۇشەقىتىدىن قۇتۇلدۇر. ئاداۋەت ۋە
ھەسەتتىن ساقلان .چەبدەس يىگىتلەر ياشلىق نەتىجىسىدە مەيداندا ئات چاپتۇرۇپ ،قۇدرەتلىرىنى نامايان قىلالايدۇ. ياشلىق نازنىنلارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئەركىلەشلىرىگە سەۋە
-بچى ،ئاشىقلارغا ئىشىقتىن رەنج-بالا كەلتۇرۈشكە سەۋەبچى.
بالىلىق ئۆتكەندىن كىيىن ياشلىق دەۋرى باشلىنىدۇ، ئادەمنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ھالى نەپىس
ۋە ئەقىلنىڭ كۈچى زور بولسا .ئۇ كىشىنى ياخشى ئىشلارغا باشلايدۇ.
ياشلىقىدا ئەقىل بىلەن دوست بولغانلار خەلىق ئارسىدا ئۈستۈن تۇرىدۇ. نەپىسنىڭ بۇيرۇقى
ئويۇن- تاماشا، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە خاتالىق تەرەپكە باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
بۇنداقلار ئەل ئارسىدا كۆپرەك بولغاچقا خاتالىقلارمۇ كۆپرەك بولىدۇ.
ئەي، دوستۇم....ياشلىق ۋاقتىڭنى غەنىمەت بىل.........ئۆزۈڭنى ۋە يىقىن كىشىلىرىڭنى
يامان ئىشلاردىن نىرى قىل ،شۇندىلا ياشلىق گۈلۈڭ مەڭگۈ پۇرەكلەپ ئىچىلغۇسى......

              ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چىغى،
              تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
             يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
             ياشلىق گۈلىدىن توكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.

                     مەنبە(خاتىرەمدىن)

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

ياشلىغىم ئۆتكۈنچىكەن،

كېتىپ قالغاننى بىلمىدىم .

ياپيېشىل بوستان بىغىم ،

خازان بولغاننى بىلمىدىم .

سەۋدالار چۈشۈپ باشقا ،

ئاقارغاننى بىلمىدىم .

قىسمىتىم رەڭدار ئەجەپ ،

رەڭلەر خىلىنى بىلمىدىم .

سۆيگۈ ۋەسلىنى ئىزدەپ ،

قاناتىم تالدى بىلمىدىم .

قايدا يۈرگەي شۇ نىگار ،

قايدىن تاپارنى بىلمىدىم .

ياشلىغىم ئۆتكۈنچىكەن .


Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبەسسۈمنىڭ ئېسىل يازمىسى، دىلروھنىڭ كىرىشتۈرمە ناخشىسى ۋە شېئىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويلارغا سالىدىكەن، گۈل- گۈلىگە كېلىش دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك، ئېسىل يازمىغا، ئېسىل ئىنكاس!
ھارماڭلار قېرىنداشلار!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە  دىلرۇخ ھەقىقەتەنمۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بولۇپتۇ،ھەمكارلىقىمىز
كۆڭۈللۈك بولغاي......

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا دىلروھ ماۋۇ ناخشىنى كونىرتىۋېتىدىغان بولدۇم، بايامتىن بېرى چاقچاق ئەمەس يەتتە قېتىم ئاڭلاپ بولدۇم، بەك ئېسىل ناخشا ئىكەن بۇ، تېمىغا بۇنچە ماس كەلگەن بارمۇ دەيمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:56:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tabassum333 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:40 دە يوللىغان
رەخمەت سىزگە  دىلرۇخ ھەقىقەتەنمۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بولۇپتۇ،ھەمكارلىقىمىز
كۆڭۈللۈك بولغاي......


سىزگىمۇ رەھمەت چوقۇم كۆڭۈللۈك بولىدۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:48 دە يوللىغان
ئاللا دىلروھ ماۋۇ ناخشىنى كونىرتىۋېتىدىغان بولدۇم، بايامتىن بېرى چاقچاق ئەمەس يەتتە قېتىم ئاڭلاپ بولدۇم، بە ...


ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت مەنمۇ تۈنۈگۈن ياقى ئاڭلاپلا ۋاتىمەن ئاڭلاپلاۋاتىمەن ھازىرغىچە يەنە بىر ناخشا بىلەن قوشۇپ  ئۇنى چ چ رىڭىزغا ئەۋەتىپ بىرەيمۇ

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان نەسىر، دەل جايىدا كىرىشتۈرۈلگەن تەسىرلىك ناخشا  ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدىكەن...رەھمەت.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقىمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن،گەرچە ناخشىنى ئاڭلىيالمىساممۇ

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى ،ئەھمىيەتلىك ئىش قىلايلى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 04:00 , Processed in 0.050689 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش