يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1191|ئىنكاس: 10

پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Rh (+) A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:

بۇ يازمىنى يازغاچ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئۆز ئىنىمنىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ‹‹ جىددىي خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى ›› دەپ، دىئاگنوز قۇيۇلۇشى ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى مەن قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن ، شۇ تاپتا ئىنىمنىڭ ھاياتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن ، 21ياش دېگەن نېمە ئۇقۇم؟! ئويلاپ بېقىڭ سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟! تولىمۇ ياش ۋاقتى ئەمەسمۇ ؟! …
مەن شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيمەن ، ئاق قان كېسىلىنىڭ خاراكتېرى ، ئاقىۋىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنىمەن ، ئاق قان كېسىلى قان غول ھۈجەيرىسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ توختىماستىن بۆلۈنۇپ نورمال قان ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قاندىكى راك ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ كېتىشى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى ، ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بالدۇرلا يورۇق دۇنيادىن خوشلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى . بۇلارنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە ئېنىق دېمەي ‹‹ ئىنىم تېخى ياش، ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ›› دەپ، تەسەللىي بېرىۋاتىمەن ، چۈنكى ئاپام بۇ دىئاگنوزنى كۇرۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ھازىر ئاكام ، دادام ۋە مەن ئىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمىز ، دادام بۇيىل 64 ياشلار ئەتراپىدا ، ھازىر ئىنىمنىڭ دەردىدە يېندىن ئايرىلماي قاراۋاتىدۇ ، بىر ئاز ئارام ئېلۋالسىلا دىسەكمۇ ئۇنمايۋاتىدۇ ، دادامنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ،ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ، دىيابىت قاتارلىق كىسەللىرى بار ، كۈندە يەيدىغان دورىسى ، ئۇرىدىغان ئىنسۇلىنى بار ئىدى ، ھازىر ئۆزى بىلەنمۇ كارى يوق ، دورىسىنى ، ئىنسۇلىنىنى تاشلاپلا قويدى، نەسىھەت قىلساقمۇ ئاڭلىمايدۇ ، تۇرۇپ ئىنمنىغا قاراپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىپ كىتىدۇ ، ‹‹ ئىنىڭ ساقىيىپ كىتەر ھە؟! … ›› دەپ نەچچە رەت سوراپ كىتىدۇ … ئاھ خۇدا، مۇشۇنداق كېىتىۋەرسە دادام ،ئىنىم ،ئاخرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن… ئۇلۇغ اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ، دادامغا بەرداشلىق بېرىشنى تىلەيمەن . ھېچ كىم ساڭا كەلدى ، ماڭا كەلدى دىيەلمەيدىكەن ، ئۆزىگە كەلگەندە كۆرمەي ئىلاج يوقكەن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە كەلگەن قازايى – قەدەرلەرنى قۇبۇل قىلماق بەك تەسكەن ، اللە ھەر قايسىمىزنى بالا- قازا ، كېلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن ! ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بارلىق كىشلىرىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن!!! …
ھازىر ئىنىم شىنجاڭ تېببى ئونىۋېرسىتېتى قان كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ 1- رايۇنىدا تۇرۋاتىدۇ ، كارۋاتنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن ، كېسەلخانىغا بىر قاتلىما كارۋاتنى سېلىپ ۋاقتىنچە داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىر قان تەكشۈرۈشتە ،ئاساسلىقى ئاق قان دانچىسى بەك يۇقىرى ، قىزىل قان تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەكلا تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) نىڭ قان توختىتىش رولى بار ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) تۆۋەن بولغانلىقتىن تۇيۇقىسىز چىقىپ كىتىپ ، ئىچكى ئەزالار قاناش ، مىڭىگە قان چۇشۇش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى، قان چىقسا قاننى توختاتقىلى بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى خېمىيلىك داۋالاشتا ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەك تۆۋەن بولسا داۋالاشنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، قان پىلازمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدا ھايات قېلىشى بەك قىسقا بولغاچقا قان پىلازمىسى ئادەتتە قان ئىسكىلاتىدا بولمايدىكەن ، پەقەت قان تىپى ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قېنىدىن 血小板 نى ئايرىپ ئېلىپ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سالىدىكەن ، ئاندىنلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئىنىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر كىشىدىن 200ml بىرلىك بويىچە ، 30 ئەتراپىدىكى كىشىدىن قان ئېلىپ، قېنىدىن چىققان قان پلاستىنكىسىنى تولۇقلىغاندىلا ئاندىن داۋالىغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئوخشاش قان تىپلىق بۇنچىلا ئادەمنى تېپىش ئۇنچىلا ئاسان ئەمەسكەن ، دوستلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق ، نەچچىسى ياردەم قىلدىغانلىقىنى ، قاچان دېسە شۇ ۋاقىتتا كېلىدىغان بولدى ، لىكىن يەنىلا كەمچىل بۇلۋاتىدۇ ، ئالدىمىزدا قاتمۇ – قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ ، دېگەن گەپ بار. دوستلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنىمنىڭ ئىسمى: ئابدىراخمان ئىمىن
قان تىپى : Rh (+) A
يۇرتىمىز كۇچا ناھىيسىدىن .
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمىرى: 18909972693 (ئاكامنىڭ)
18909972757 (مىنىڭ )
دوسلارنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ، قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى بېرىشىنى ،ئىنىمغا غەيرەت – شىجائەت ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۈكسەلنىڭ سۆزىمانا بۇ بىر ئاكىنىڭ ئېنىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ، مەن ئەسلى بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ئىدىم ۋە شۇ ھامان ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئۇقۇشقان ۋە ياردەمگە ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا مەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشقان ئىدۇق. كۈتمىگەندە ، بۈگۈن ئىنىسى ئابدۇراخمانجان ئۆزى تېلېفون قىلىپتۇ : ‹‹ ئاكام ماڭا ماس كەلگۈدەك قان تاپالماي بەك تىپىرلاپ قالدى … مۇمكىن بولسا بىزگە ياردەم قىلىسىڭىز، تورداشلارغا مۇراجات قىلىپ باقسىڭىز، قان تىپى ماڭا ماس كېلىدىغان ، ماڭا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان تورداشلار چىقىپ قالسا ياخشى بولاتتى ، سىزگە تېلېفون قىلغىنىمنى ئاكام بىلمەيدۇ ، بىزگە چوقۇم ياردەم قىلسىڭىز … ›› بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنىشى، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشقا بولغان كۈچلۈك تەشنالىقى ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرى – مۇھەببىتى مانا مەنلا دەپ تۇراتتى. ئۆزەمنىڭ بىخۇتلۇق قىلغانلىقىم ۋاقتىدا مۇراجىئەتنامە چىقارمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندىم. ئاللاھىم ، ھلىھەم كېچىكمەسمىز . قېنى كۆپچىلىك ياردەم قۇلۇڭلارنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنغايسىلەر ، بۇ قېتىم پۇل ئەمەس قان لازىم. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى ، ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن ! ئابدۇراخمانجاننىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن، ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرداشلىق ، ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن !
ئاخىرىدا ،  مەزكۇر ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى چامىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ، باشقا تور بېكەت – مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.

ئەسلى مەنبەسى: يۈكسەل بلوگى

Rank: 3Rank: 3

توردا
72 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
O  تىپلىق قان  بۇلامدۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز . كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىيدىغان ئەمەلىيەتكەن . ئاللاھ شىپالىق بېرە ، ئىلاھىم .........

Rank: 4

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
724
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا قانتىپىنىڭ ئۇ تۇرى كەم ئۇچۇرايدىغان قان ````      مېنىڭ قان تىپىم ماس كەلمەيدىكەن ````   تەشۋىق قىلاي  مەن ```

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 3Rank: 3

توردا
114 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
278
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تەستە ئوقۇپ بولدۇم .ئېچىم ئاچچىق  بولۇپ كەتتى .
بۇنى ئوقۇۋېتىپ  قان راكى بىلەن بالدۇرلا ئۇ ئالەمگە  سەپەر قىلغان10 نەچچە ياشلىق  نەۋرە ئىنىم ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنىڭ تۆت يىللىقىنى تۈگۈتۈپ ،ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل قالغاندا مۇشۇ كېسەل سەۋەپىدىن بالدۇرلا كەتكەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئوغلى ......يادىمغا كېلىۋالدى .
پەقەت ئاللادىن  تىلەيمىز . ئاللا بەندىلىرىمگە ئاسانلىق ئاتا قىلغايسەن !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ب قان تىپىدىن، ئاللاھ، شىپالىق بەرگەي!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس مەن ئا ب قان تىپى ئىكەنمەن، مەن ئەتتىراپىمدىكى ئا تىپتىكى دوستلارغا ئىلتىجا قىلىپ باقاي!

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Rh (+) كەم  تېپىلىدىغان  تىپتىن  ئەمەس!!!Rh (-) كەم تېپىلىدىغان  تىپ !!!

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:25:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
O قان تـېپ كۆپ قانلارغا ماس كېلىدۇ .ماس كېپ قالسا مەن بېرىشنى خالايمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:24:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ھەم ماس كەلمەيدىكەن، مېنىڭ ب تىپلىق!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:08 , Processed in 0.053445 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش