يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: دىلەيسەم

قايتا نىكاھلىنىش شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
53 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
321
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزتارىم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:48 دە يوللىغان
مەن قايتا نىكالىنىشقا قارشى ،مۇمكىن بولغاندا بىر نىكا بىلەن ئوتكەن ياخشى .


تېمىدا سىزنى چوقۇم ئاجرىشىپ، چوقۇم قايتا نىكاھلىق بولۇڭ دېمەپتۇ، بولسا تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئەستايدىل ئوقۇپ باقسىڭىز بولغىدەك، مېنىڭچە تېما ئىگىسى بۇ يەردە ئاجرىشىپ بولغانلارنىڭ قايتا تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە يازغاندەك قىلىدۇ بۇ تېمىنى

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 19:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەرەققىياتلار بىزگە ئالەمشۇمۇل خوشاللىقلارنى ئەكەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلمىدى دەپ ئېيتالمايمىز.
توغرا لىكىن بىز نىمە ئۇچۇن ئىككىنجى قىتىملىقنى ئويلىشىمىز ، نىمە ئۇچۇن بىرىنجى قىتىملىقنى ياخشى ساقلاشنى خالىمايمىز ، تەرەققىياتنى ئائىلە تۇرمۇشىغا ماسلاشتۇرمىزمۇ ئەمدى .  
بۇ ئىشلار شۇنداق كىتىۋىردىغان بولسا ، بەزەن ياشلىرىمىزنىڭ كاللىسى تەرەققى قىلىپ ئامرىكا تۇرمىشىغا يىتىپ مۇ  قالامۇ .........

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھتا مەغلۇپ بولۇشنى ھىچ كىشى خالىمىسا كىرەك ..لكىن بىلىپ بىلمەن قىلىپ قالغان بەزى ئىشلار نىكاھنىڭ قاتلى بۇلۇپ قىلشى مۆمكىن .... ھەممىز ئۈمىزدىن باشلاپ سەۋەپسىز ۋە سەۋەنلكىن پەيدا بولغان نىكاھ بۇزغۇنچىلقىنى تۈگــــتەيلى.....

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىزلەر ، پېقىرنىڭ ئەرزىمەس تېمىسىغا بارلىق دوستلارنىڭ چىن يۈرىكىدىن ئاۋاز قوشقانلىقىغا، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىغا تەشەككۈر!
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ھازىرقى ئاجرىشىش سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم ،بىلمىدىم قېرىنداشلىرىم مۇشۇيلارنى ئوقۇدىمۇ يوق، مۇشۇ تېمىدىن كېيىن بىر نەچچە دوستىمىز يەنە ئىنكاس يېزىپتۇ نېمىشقا بىرىنچى تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشمايمىز دەپ، ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم بىرىنچى تۇرمۇشتا غەلبە قىلىپ بارلىق مېھرى مۇھەببىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قەدىناس بوپ كەتسە بۇنى كىم قوللىمايدۇ، دىمەك مېنىڭ بۇ يازمامنى بەزىلەر ئىككىن چى تۇرمۇشنى تەرغىپ قىلدى دەپ خاتا چۈشەنگەن.
ئەلۋەتتە مەن ھازىرقى ئاجرىشىش سەۋەپلىرىنى بىر قاتار ئوتتۇرغا قويۇشۇممۇ دەل باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويماسلىق ئىدى.
مېنىڭ بۇ يەردە قايتا نىكاھلىنىش ياخشى دىگىنىم بولماستىن ئەكسىچە دەل يۇقۇرقىدەك نۇرغۇنلىغان سەۋەپ ۋە ئامىللار تۈپەيلى ئاجرىشىپ كېتىپ، تۇنجى قېتىملىق نىكاھنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن قورقۇپ شۇ قورقنۇچ ئىسكەنجىسىدە يا بۇرۇنقى جۈپتىلىرى قايتىدىن يارىشىشتىن ئەنسىرەپ، ياكى  قايتىدىن تۇرمۇش يولىنى باشلاشتىن قورقۇپ دېگەندەك دىلغۇللۇق ئىچىدە ئولتۇرغان ياشلىرىمىز ساماندەك ھازىر.
بۇلاردىكى قورقۇنۇچنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە يىغىنچاقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
1-بىرىنچى قېتىم تۇرمۇشتىن مەغلۇپ بولغانلار نەزىرىدە بولدىلا تۇرمۇشنىمۇ كۆردۈم، ئەر دېگەننىمۇ كۆردۈم دىسە ئاياللار، ئايال دېگەنگىمۇ قارامدىغان كىشى دەيدۇ ئەرلەر ، ئەمەليەتتە بۇ شۇ چاغدىكى كەيپىيات، بىر دەملىك ئاچچىقتا دىيىلگەن گەپلەر، نەدىمۇ مەڭگۈ يالغۇز ئۆتۈپ كەتكىلى بولسۇن.
2- ئىككى تەرەپتە بالا بولسا ھەر ئىككى تەرەپ قارىشى تەرەپنىڭ بالىلىرىنى قۇبۇل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە جىق ئويلىشىدۇ، چوڭلار قۇبۇل قىلغان بىلەن ئەشۇ بالىلار قۇبۇل قىلامدۇ يوق، <قوي ئۆگەيلىمەيدۇ، قوزا > دېگەن گەپ بار كونىلاردا، شۇڭا قايتا نىكاھلىنىشتا چوڭلارنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدىغان ۋە بۇ تۇرمۇشقا قەدەم بېسىشتىن قورقۇپ بالىلىرىغا ئىللىق ئائىلە ھازىرلاپ بېرەلمەيۋاتقان، ئۆزلىرى تېخى قىينىلىپ، بالىلىرى تېخى قىينىلىپ يۈرگەن ئەر- ئاياللار تېخىمۇ جىق، ئاللاھ ھەر بەندە ئۆز بالىلىرىنى دەقەمدە تۇرۇپ باقاي.
3-بۇرۇنقى تۇرمۇش ئىسكەنجىسىدىن چىقالماي، ھە دېسە بۇرۇنقى ئېرى ۋە بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ، يا ئىككىسى قايتىدىن بىر- بىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەلمەي(سەۋەبى پەقەت شۇ ئىككىسىگىلا ئايان ئەلۋەتتە)، يا باشقا بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرالماي ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە زېھنىنى زايە قىلۋېتىپ بارغانلار تولا، ئاندىن بارا- بارا ئەرلىرىمىز رەڭلىك سورۇندا تونۇشقا بىرى بىلەن بىر نەچچە كۈن ئارلىشىپ بېقىپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپ ، ئاياللىرىمىز ئائىلىسى بار بىرەرسى ئازراق كۆيىنىپ قويسا بارلىقىنى شۇ ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان، باشقىلارنىڭ نىسۋىسىگە قول سوزۇپ ئاخىرىدا تۈگىمەس ئازاپلارغا دۇچار بولماقتا.
كونىلاردا مۇنداق گەپ بەر: <خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى بولمىسا يەردە> دەپ ، مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم دەل يۇقۇرقىدەك قالايمىقان يۈرگەندىن لايىقىدا بولسا قايتا نىكاھلنىپ بىر-بىرىگە مەسئۇل بولۇپ، بالىلارغا ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھرىنى بېرىپ، بۇرۇنقى قىلغان ئەشۇ خاتالىقلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرسا بولمامدۇ دىمەكچى.
  
قېنى ئەمدى يەنە باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قارىتا داۋاملىق ئۆز قارىشىمنى ئىنكاس سۈپىتىدە يازىمەن.

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھىچكىمنىڭ ئوزئائىلىسىنى ۋەيران قىلغۇسى يوق ،بۇنىڭدا مەلۇم بىرتەرەپ تىنچ خاتىرجەم ئۇتىۋاتقان ئائلەتۇرمۇشىدىن  كوڭلى يېرىم بۇلۇپ ئائلىسىنى بۇزۇشقائۇرۇنىدىكەن.
مىنىڭچە دۇنيادىكى بارلىق ئاياللارنىڭ  كوڭلىگە ئمان دىلىغا ئنساپ ئاتاقىلسا ، ھايا نۇمۇسنى
ئوز ئەرلىرىگە سادىق بۇلۇشنى دىلى ھەم  ھەركىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋىجدانى بىلەن
كاپالەتلىك قىلسا ،ئەرلەر ئۇنداق ئاياللارغا يامان كوزدە ئەمەس بەلكى ھورمەت بىلەن قارىغان
بۇلاتتى ،بەزى ئاياللار ئوزىنىڭ  ئائلىسى بار ئەرلە تەرپىدىن ئەخمەق قىلىنىۋاتقانىغىنى
بىلمەمدىغاندۇ ؟ئاتا -ئانىلار بىگۇنا نارسىدىلەرنى  ئويلاپ بولسىمۇ ئوتتۇرىمىزدىكى ئاجىز
نىكاھنى مۇستھكەملەيلى،  ھەرگىزمۇ ئۇنداق نىكاھ دۇشمەنلىرىگە تەسلم بولمايلى!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1008

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:21:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچى بۇ تېمىدا پەقەتلا بىرىنچى قېتىملىق نىكاھتىن مەغلۇب بولغانلارغا قانداق چىقىش يولى بارلىقى، قورقۇپ كەتمەسلىكى، قايتىدىن تۇرمۇشىنى باشلاش كېرەكلىكى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش مەقسىتىدە يوللىغان، بۇنىسى چۈشىنىشلىك.
     ئامال بار ھەر قانداق ئەر-ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغۇسى، بالىلارنى خار قىلغۇسى يوق. ئەمما ئاز ساندىكىلەر ئۆزھېسسىياتىغا بېرىلىپ، ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، بالىلار ئەتراپلىق تەربىيىدىن مەھرۇم بولىۋاتىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى، ساپاسى، شۇنداقلا ئېتقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.        
     كېيىنكى تۇرمۇشقا كەلسەك، شۇنداق ئامىللار تەسىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەر كېيىنكى تۇرمۇش يولىنى تاللاشتا ھەقىقەتەن كۆزى قورقىشى مۇمكىن. بۇ ئىشلارنى شۇلار ئۆزلىرى ئەتراپلىق كۈزىتىپ، تەجىرىبە يەكۈنلەپ، ئاندىن قارار چىقىرىپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىشى ياكى يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىشى مۇمكىن. بىز بۇ يەردە پەقەت ئاشۇنداق تەقدىرلەرگە يولۇققانلارغا ھېسداشلىق قىلالايمىز ۋە كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئوڭۇشلۇق تىلىيەلەيمىز، خالاس!

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم گە : شۇنچە ئەتىراپلىق چوڭقۇر پىكىر بېرىپسىز ،مەنمۇ شۇ بىرىنجى تۇرمۇشنى ئامال بار قوغداپ قىلشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ،لىكىن ھەممىلا ئىش ئۇنداق بولمايدىكەن ،نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرىنىڭ شۇنچىلىك خورلىشىغا بالىلارنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن چىداپ ئۆتۇپ كىتىدۇ ،بەزى ئاياللار ئۆزى ياخشى كۆرسىمۇ بالىنىڭ كەلگۇسىنى دەپ ئاجىرشىپ كىتىدۇ (ئەلۋەتتە بۇنى شۇ ئائىلە ئۆزى بىلدۇ ،خۇددى ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مور بىلگەندەك )،بۇنىڭدا ئەرلەر كوپىنچە سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ ،مەن شۇنداق تىڭىرقاپ قالغان ئاياللارنىڭ ئىككىنجى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ....بەلكىم مىنىڭ پىكىرىمنى قۇبۇل قىلمايدىغانلار چىقىشى مۇمكىن ،بۇنى توغرا چۇشىىنىمەن ....قانداق پىكىر بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ ...

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنىڭ نىكلايىڭ دەل سېنىڭ  تەغدىرىڭ دېگەن گەپ بار .دەل شۇ نىكاھتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۇرمۇشىمىزغا  كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئەكىلىۋاتىدۇ . .يىلاندىن  كۆرقۇپ كەتكەن ئادەم  ئارغامچىدىنمۇ قورقۇدۇ  دېگەن گەپ بار دەل  شۇنداق  بولغاچقا ئىككىجى قىتىملىق نىكاختىن  ئەنسىرەيدۇ. يەنە بىرسى  بىرىنجى قىتىمقى  نىكاھتىن  پەشۋا يىگەنلەر ئىككىنجىسىگە كەلگەندە ئۆزلىرىنى تەجىربىلىك  دەپ ھېس قىلىشىپ مەسلەن بىرىنجى ئەردە ئايرىم  پۇل ساخلىمەپتىكەنمەن ئەمدى ساخلايچۇ .ئەمدى كېيەيچۇ دەيدىغانلارمۇ   بولىدۇ .يەنە بەزىلەر بىرىنجىدىن كەلمىگەن ۋاپا ئىككىنجىدىن كېلەمدۇ  دەپ   ب ۇ نىكاھقا شۇنداقلا قارايدۇ ... ۋاكازالار    شۇنداق  ئاڭ بولغانلارنىڭ  ئىككىنجى ئەمەس ئونىنجى  نىكاسىمۇ  ياخشى بولمايدۇ،
نىيەت مەخسەت  بىر بولسا  يەنىلا  بىرىنجىنى ساخلاپ  قالغۇلى  بولىدۇ .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا قاياتا نىكاھلانماقچى بولغانلارنىڭ يېشى ۈىرقەدەر چوڭ بولغاچقا، ئەسلىدىكى ئايالى(ئېرى) بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا يېتىلدۈرۈۋالغان ئادەتلىرىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچەلمەيدۇ، مۇشۇ سەۋەپلىك خاراكتىر پەرقى كۆپىنچە جىدەل- ماجىراغا سەپ بولۇپ قالىدىغۇ، دەيمەن!

مەن ئۇخلاۋاتقاندا، باشقىلار كىتاپ كۆرىدۇ

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆپچىلىكنىڭ بايانلىرىدىن خېلى نەرسىلەرنى چۈشىنۋالدىم،دىمىسىمۇ تۇنجى نىكاھ بىلەن ئۆمۈرلۈك بولغانغا يەتمەيدۇ ،لېكىن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى كۆرمەيمۇ  ئامال يوق ،مېنىڭ بىر خىزمەتدېشىم ئايالى ھامىلدار چاغدا ئۇنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك قىلالمىغانلىقىدىن  نارازى بۇلۇپ يۈرگەندە توردىكى بەزى بىر پۇرسەتپەرەس ، ئېرى ۋە بالىسى تۇرسىمۇ باشقىلاردىن مۇھەببەت ئىزدەپ يۈرۈيدىغان بىر ئايال بىلەن چ چ دا تۇنۇشۇپ قېلىپ ئۇنىڭ شېرىن شىكەر گەپلىرىگە ئالدىنىپ  ئۇنىڭغا غايىۋانە ئاشىق بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن توردا مۇھەببەتلىشىپتۇ ھەمدە ئارلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي ھەر ئىككىسى ئائىلىسىدىكىلەردىن يۇشۇرۇن نەچچە يۈز كىلومېتىر يولنى بېسىپ  بىر بىرىنى ئىزدەپ كېلىپ كۆرۈشۈپ مەڭگۈ بىر بىرىدىن ئايرىلماسلىققا ۋەدىلىشىپتۇ ،خىزمەتدىشىمنىڭ ئايالى تۇغۇتلۇق ياتقان چاغدا بولغان بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ كۆڭلى قاتتىق زەربە يىگەن بولسىمۇ لېكىن ئېرى ۋە ئىككى بالىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئالدىدا ئەرگە  ئۆيىنى تۇتۇپ قېلىشقا يىغلاپ يالۋۇرۇپ يارىشىپ قالدى ،تاس قالدى ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكىلى .بۇنداق ئائىلىسىدىكىلەر ۋە پەرزەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى يوق كىشىلەر ھەقىقەتەن كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ .
شۇڭا دەيمەن ھەر كىم ئۆز قۇلىدىكى مۇھەببەت ۋە بەخىتنى قەدىرلىشى ، پۇرسەتپەرەس ،نىكاھنى ئۇيۇن ئورنىدا كۈرىدىغانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلشى كېرەك .

[ nafisa بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:15  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:39 , Processed in 0.040708 second(s), 12 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش