يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 5045|ئىنكاس: 29

قايتا نىكاھلىنىش شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:19:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار!
    بۈگۈن مەن بۇ يەردە مۇنبەردىكى خانىم- قىزلار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر يىگىتلەر ۋە ئاتىلار بىلەن مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ئورتاقلاشماقچىمەن.
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەرەققىياتلار بىزگە ئالەمشۇمۇل خوشاللىقلارنى ئەكەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلمىدى دەپ ئېيتالمايمىز.
مەن بۈگۈن بۇ يەردە جەمئىيىتىمىزدە، ئەتراپىمىزدا، ئارىمىزدىكى دوستلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر مەسىلە يەنە ئاجراشقاندىن كېيىنكى قايتا نىكاھلىق بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئورتاقلاشماقچى.
     نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ئىككىنجى قېتىملىق نىكاھنىڭ غەلبىلىك بولۇش نىسبىتى بەك تۆۋەنمىش، بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە %30 بولارمىش، ئەمدى مەن ئويلايمەن، نېمىشقا ئارىمىزدىن مۇشۇ %30 ، %50 ياكى ئۇنىڭدىمۇ يۇقۇرى پىرسەنتكە كۆتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلار چىقمايدىغاندۇ؟ بۇنىڭدىكى تۈپ مەسىلە زادى قەيەردىدۇر؟ سىزنىڭچە قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇش شۇنچە قورقۇنۇچلۇقمۇ ؟
    قېنى مەن دوستلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئاددى كاللامدا ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.


[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:56  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىلامۇئەلەيكۇم ياخشمۇسىز ،مەن مۇنبەرىگە يېڭى قەدەم تەشىرىپ قىلىدىم شۇنداق بولسمۇ بۇ مۇنازىرىگە قارىتا ئۆزەمنىڭ كۆز قارشنى ئوتتۇرىغا قويماقچمەن ،ئادەتتە ئەرلەرنىڭ قايتا نىكاھلنىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ .ئاجىرشش ئەھۋالىمۇ شۇنداق شۇڭىلاشقا بۇ مەسلىگە قارتىمۇ ھەممە ئەرلەر ئوخشاش كۆز قاراشتا بولمايدۇ ،مەن ئۆزەمنى ھىساپقا ئېلىپ ئۆتسەم مەنغۇ بىرەرسى بىلەن توي قىلغانمۇ ئەمەس ،ئەگەرىدە توي قىلىپ ئايالمغا شۇنىچە قىلىپ قىلغنمنى بىلمەي ئاجىرشىمەن دەپ تۇرۋالسا ئاجىرشىمەن ھەمدە كېين بىرەرسى بىلەنمۇ توي قىلمايمەن ،ئەگەرىدە سىز نېمە ئۈچۈن دەپ سورسڭىز نۇرغۇنلغان ئەرلەر بولسا بىر قېتىم ئۈمۈدسىزلنىپ ئاخىرىمۇ شۇنداق بولۇپ قېلشنى خالمايدۇ ،شۇڭىلاشقا مەن شۇنداق ئويلايمەن ،

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 03:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىشاھمۇ شۇنداق ئويلامدۇ.... 7-8 نى ئالماي؟

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز مەنمۇ ئۆزەمنڭ قارشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي :بۇنىڭدا بىر قىتىم تۇرمۇشتىن مەغلۇپ بولغان ئادەم ئىنىقلا ئىككىنجى قىتىممۇ مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقىدۇ ،بۇنىڭ 60% ،80%پىرسەنتكە چىقمقى بەكلا تەس ،ئەگەر ئۇنداق يۇقىرى نىسبەتكە چىقىپ كەتسە ئاجىرشىدىغانلار ھازىرقىدىنمۇ جىقلاپ كەتمەمدۇ ؟ئۇ چاغدا يىتىم بالىلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئېشىپ كتەرمىكىن ،خۇلاسە ئامال بار ئاجىراشماي ئۆتۇپ كەتكۈلۈك چىداپلا زادى ......

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما خانىم-قىزلار ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان تېما ئىكەن. مۇنبەردىكى خانىملىرىمىز بۇ تېما ئۈستىدە ئەتراپلىق بىر پىكىر قىلىپ باقايلى!
تۇنجى قېتىملىق نىكاھ، ئەر-ئايال ئۈچۈن قەدىرلەيدىغان، بىر-بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان نىكاھ بولىدۇ. چۈنكى تۇنجى قېتىملىق نىكاھتا ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ تۇرمۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ.
تۇنجى نىكاھتا كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتسە، كېيىن قايتا نىكاھلىنىشتىن قورقىدىغان بىر خىل كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ.
قايتا نىكاھلانغانلارنىڭمۇ بەخىتلىك بولدىغانلىرى نۇرغۇن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 13:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام دىلەيسەم !
مەنچە تۇنجى تويدىن بەختتى كەلسە ، بۇ تەلەي-ئامىتىڭىزنىڭ كەلگىنى شۇ .بۇ دۇنيا ئۇنچىلىك رەھىمدىل ۋە كەڭ قورساق ئەمەسكەن . ئاجىرشىش دىگەن پاجىئەلەرمۇ بېشىغا كېلىدىكەن . بۇنى تەغدىر دەيمىز .
ئەمما ئاجىرشىپ قايتا توي قىلىش ئۇنداق بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق ئەمەس ، < خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى ، بولمىسا يەردە ياخشى > دىگەن گەپ بار ، يالغۇز  ئۆتكەن دوسلىرىمىزغا دەيدىغىنىم ، چوقۇم بىر ئەرنىڭ تەرىتىگە سۇ بېرىپ ،  توي قىلىپ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىغىنى ھېس قىلسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە مەن .
قايتا نىكاھلانغاندا ،  سىز تۇنجى تويدىن تەجىربىگە ئېرىشىپ ، مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىڭىز چوڭقۇرلىشىدۇ . قايتا نىكاھلىنىشتا مۇستەكەم ، چوڭقۇر مۇھەببەت يەنىلا بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇدۇ . شۇنىڭغا باغلىنىپ ئىقتىساد ، ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتى ، ئاتا-ئانا مۇناسىۋىتى ، ئىجتىمائىي ئالاقە دىگەنلار بىللە كېلىدۇ . مانا سىز مۇشۇ مەسىلەرنى ئىغىر بىسىق بولۇپ ئەستايىدىل ھەل قىلسىڭىز ، بۇ تۇرمۇشمۇ خاتىرجەم بولىدۇ . قايتا نىكاھ كۆرۈنۈشتە تۇنجى قەدەمنىڭ كارتىنىلىرى ساقلاپ قالغاندەك بولسىمۇ ، ئەمما ئىككى تەرەپ بۇ ئەمىلىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بۇ بەختلىك ئائىلەنى بىللە قۇرۇپ ، ئاچچىقىق-تاتلىقنى تەڭ تېتىيمىز دىگەچكە  .توي قىلىپ بىر ئائىلەگە كىرىدۇ .
يەنە دەپ كەلسەك ئائىلىدە چوڭقۇرمۇھەببەت مۇھىم دىدۇق ، بۇ مۇھەببەتتە بىر-بىرىنى سۆيگەن ئادەملەر ، ئەنە ئاشۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە بىر- بىرىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ئۆز- ئارا ئەپۇچانلىق ، مىھرىۋانلىق كەيدا بولىدۇ . يۇقۇردىكى  مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ  . شۇ مۇھەببەت ، ئورتاق ھېسىيات ، بىر-بىرىگە يول قويۇش بولمىسا ، بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ چىگىشلىشىپ تۇنجى قەدەمنى يەنە باسىسىز دىگەن گەپ .
شۇڭا قايتا نىكاھلانغا قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغاقلارنى دەپ كەلسەك  ، ئۆز-ئارا كۆتۇرۇشچان ، ئېغىر بېسىق ، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك ، بۇنى يەنە تۇنجى تۇرمۇشقا ياتقۇزساقمۇ بولىدۇ ، نۇرغۇن مەڭگۈ بىللە ئۆتكەن ئاتا- ئانىلىرىمىز ئەنە شۇ كۆتۈرۈشچانلىغى ، مىھرىۋانلىقى ، ئەپەچانلىقى ، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن بۇ گۈزۈل بەختلىك ھاياتنى ياراتقان .

[ Jilwe بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:58  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:42:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەئىمەگە:
سالام نەئىمە، سىزنىڭ پىكىرىڭىزدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى سىزمۇ بەلكىم تۇرمۇشتا گاڭگىراپ قالغان بىر ياش ئانىدەك قىلىسىز، ئەلۋەتتە يۇقۇردا دىيىلگىنىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ جەمىيئەتتە ئۇنداق- بۇنداق سەۋەپلەر بىلەن نى ئارزۇ ئۈمىدتتە قۇرغان ئاشۇ بەخىتلىك ئائىلىلەر، ئىللىق ماكانلار ۋەيران بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ ۋە كەلدى، نۇرغۇن ياشلىرىمىز داغدۇغۇلۇق توي مۇراسىمى ئۈچۈن، مەنمەلىك قىلىش، سەندىن مەن قالامتىم دېگەن ئاشۇ قۇتراقتۇ خىياللار تۈرتكىسىدە گەدەنگىچە قەرىز بىلەن توينى قىلىپ تويدىن كېيىن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىقتىساد كىرزىسىگە دۈچ كېلىپ ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەي قايمۇقۇپ يېڭىلا قۇرغان بۇ بەخىتلىك ماكاننى مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە، قورقۇنۇچلۇق قەپەزگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا .
ئەلۋەتتە، ھېچقانداق كىشى تويدىن بۇرۇن سىز بىلەن مانچە يىل ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ تۇرۇپ توي قىلمايدۇ، ھەر قانداق بىر جۈپ توي قىلغاندا مەڭگۈلۈك بولمىىز دەپ كۆڭلىگە نۇرغۇن شېرىن ئارزۇ ئۈمىدلەرنى پۈكۈپ بۇ قەدەمنى باسىدۇ، يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بۇ شېرىن ئارزۇ- ئارمانلارنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھەببەتلەشكەندە شۇنداق ئامراق قىز- يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىكى بەزىبىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاساسلىقى يول قويۇشنى بىلەي، باراۋەرلىكنى ھەدىدىن زىيادە تەرغىپ قىلۋېلىپ ئاخىرىدا قەبىھ دۈشمەنلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ...........
ھازىرقى جەمىيئەتتىكى توي قىلغانلار نىسبىتىنىڭ ئاجراشقانلار  نىسبىتىدىن تۆۋەن تۇرۇشى، ئاجراشقاننى ئانچە ئېغىر ئالماسلىق بىز ناھايتى كۆڭۈل قويۇپ ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئەلۋەتتە.
بۇرۇنلاردا قىز- ئوغۇللىرى ئاجراشسا ئاتا- ئانىلارمۇ مەھەللىدە يۈزىنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، مەھەللە ئىچىدە توي تۆكۈن بولسا خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە بارالمايدىكەن، يۇرتتىن قاچىتىكەن، ئەمما ھازىرچۇ، دەل ئۇنىڭ ئەكسى يەنە شۇنداق بىر ئاتا- ئانىلار باكى پەرزەنتلىرى قارىشى تەرەپتىن ئۆتكەن سەۋەنلىكنى ئېيتىپ دەرت تۆكۈپ بارسا، ھېچ ئەيمەنمەستىن:
-قويۇۋەت ئۇنداق خوتۇننى، ساڭا يەنە قىز ئېلىپ بېرىمىز دەيدىغان ئاتا- ئانىلارمۇ يوق ئەمەس.
-ۋايجان، بىزنى نىمە كۆرۈپ قاپتۇ بۇ خەق، ئۇنداق قەلەندەرگە قىز بەرگەنگە خۇش بولماي تېخى، زادى باشتىلا قوشۇلمايتتىم بۇ تويغا، بوپتۇ مۇ شۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئاجرىشىپ كەت، مەن پالانى باشلىق دوستۇمنىڭ ئوغۇلىغا تونۇشتۇرۇپ قويىمەن، دەيدىغان نۇمۇسسىز، مەسۇليەتسىز، پۇل- مال دۇنيا ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختىنى ئويلاشمايدىغان ئانىلارمۇ يوق ئەمەس.
ئەمدى مەسىلىنى ئاشۇ ئائىلىنىڭ تۆرىكى بولغان ئەرلەردىن ئىزدەيدىغان بولساق، ھازىر نۇرغۇن بېسىلار ئەرلەرنى باش كۆتۈرگىسىز قىلىۋېتىپ بارغان بۇ جەمىيئەتتە ئائىلە ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن، ئايالى ۋە جەمىيئەت ئۈچۈن تىنىم تاپماي تەر ئاققۇزۋاتقان مەسئۇليەتچان ئەرلەرمۇ بار، شۇنىڭغا يانداپ خوتۇنىنىڭ يانچۇقىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۋاتقان، يانچۇقىغا تۆت تەڭگە كىرسە قاۋاقخانىغا يۈگرەيدىغان، بىر كۈنى ئۆتسە ئاللاھقا مىڭ شۈكرى دەپ ئەتىسىنى ئويلىمايدىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيدىغان ۋە كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىغان جاھاننىڭ رەپتەرىغا كىرىۋالغان مەسئۇليەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئېتى ئەر ۋۇجۇدىدا ئەرلىكتىن ئەسەر يوق ئەسكى پالازدەك سۆرۈلۈپ، ئۆزى بىلەن نۇرغۇن ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ياشلىقىنى قۇربان قىلغان ئەشۇ ۋاپادار ئايالىنى، ئاتىلىق مېھرىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئەشۇ پەرزەنلەرنى ئويلىماي ياشاۋاتقان ھايۋان كەبى ئەرلىرىمىزمۇ بار.
يۇقۇرقىدىن باشقا يەنە خىروئىن ئاتلىق بۇ قان شورىغۇچ بىرنىڭ ياشلىرىمىزنى، بەردەم يىگىتلىرىمنى، قىران ئاتىلارنى، سۇمباتلىق قىزلىرىمىزنى نابۇت قىلماقتا، ۋەيران كوچىلىرىغا تاشلىماقتا. مانا شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ئاياللىرىمىز تۇل خوتۇنلۇق كوچىسىغا، بالىلار يېتىملىق كوچىسىغا كىرمەكتە، يۇقۇرقىدەك بۇرۇختۇمۇلۇق ئىچىدە ياشىغان ھەر- قانداق بىر ئايال ئاجرىشىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ دەپ ئويلايمەن.(ئاللاھ بارلىق بەندىلىرىگە ئىنساپ، ئىمان ۋە دىيانەت، تەۋپىق ئاتا قىلغاي، ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆزە بېقىپ قاتارغا قوشۇپ، جەمىيئەتكە بەخىتلىك ئائىلىەرنىڭ بەخىتلىك مەھسۇللىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا نىسىپ قىلغاي !)
ئەمدى بىزنىڭ ئاشۇ سۇمباتلىق قىزلىرىمىز ۋە نازىنىن ئاياللىرىمىز ئۈستىدە توختالغاندا، مەنمۇ بىر ئانا ۋە ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشتىكى تەجىربەم ۋە كۆرگەنلىرىم ئۈستىدە تۆۋەندىكلىدەك توختالماقچى:
بىلمىدىم ، كىنۇلاردا كۆرگەندىمەنمۇ ياكى كىتاپتا ئوقۇغاندىمەنمۇ ۋە ياكى كىچىك چاغلىرىمدا كۆز قارچۇقلىرىمدا قېتىم قالغان ئانىلار ئوبرازىمۇ ئەيتاۋۇر، ھەر قېتىم مودا توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا، كوچا ئايلىنىپ دەۋىر ئېقىمىغا ئەگىشىپ چىقىۋاتقان مودا كىيىملەرگە قاراپ، بىزدىن بۇرۇنقى قىزلارنى ئانىلارنى ئويلايمەن، گەرچە ئۆزۈممۇ دەل ھازىر بازادا سېتىلىۋاتقان تار ئىشتان ۋە تار كۆينەكلەردىن مۇستەسنا ئەمەسمەن.
ئەمدى بىز خانىم- قىزلارنىڭ ئاجرىشىشقا قوشۇۋاتقان تۆھپىمىز يوقمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، <چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىقىدۇ>ئەمەسمۇ؟
بىز ئەڭ ئاۋال بىر ئايال، ئاندىن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەڭ ئاۋال نىمىنى ھېس قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كەمىنەمۇ ئەمدىلەتتىن ھېس قىلىۋاتىمەن.
ھازىرقى جەمىيئەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىپ، تەڭ پۇل تېپىپ، بىر ئائىلىنى تەڭ بېقىىشتەك بۇ خىل ئەھۋال بۇرۇنقى ئايال كىشى دېگەن ئەرگە ئىسسىق بىر قاچا تاماق ئېتىپ ئالدىغا قويسا، بالىلارنى ياخشى تەربىيلىسە بولدى دەيدىغان قاراشنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەر- ئايال باپ-باراۋەر دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كاللىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورنىتىۋەتتى. بۇنىڭلىق بىلەن ئاياللارىمىزدە ھەممىلا ئىشتا باپ- باراۋەر بولۇشتەك خاتا قاراش شەكىللكىنىپ بەزبىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا، مەسىلەن:
سورۇنلاردا ئەرلىرى بىلەن ھېيىقماستىن ھاراق سوقۇشتۇرىشى، تاماكىنى قىرلاپ چېكىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشلىرى ئادەمنى ئەيمەندۈرىدۇ، ئەمدى بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىدىيىسى بەك غەرىپلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارغا گەپ قىلماسمۇ ياكى يەنە باشقا سەۋەپ بارمۇ بۇ ئائىلىنىڭ ئىشىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ.
ئەمدى، يەنە شۇنداق ئەرلىرىمىزمۇ باركىن ئاياللىرى ھاراق ئىچىش ياكى تاماكا چېكىش تۇرماق كىيىم- كېچەكتە ئازراق كەتكۈزۈپ قويسا، بېرىش- كېلىشتە ئازراق خاتالىق سېزىپ قالسا شۇ ھامان رەدىيە بېرىدىغان، بۇ خىل رەدىيە بەزىدە سىلىق بەزىدە قوپال ئۇسۇللار بولۇپ قېلىشى مۆمكىن، ئەمدى بۇ خىل رەدىيەنى قۇبۇل قىلغان بىر دەملىك ھېسياتقا بېرىلىپ قالغان ئەقىللىق ئاياللىرىمىزش بۇ خىل خاتالىقنى قايتىلاپ سادىر قىلماي ئائىلىسىنى تەڭ قوغداپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمما بەزى ئاياللىرىمىز بولسا ئائىلىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئەشۇ يۈرۈش- تۇرۇشى ۋە بېرىش كېلىشىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق ئاياللاردىن، بۇنداق ئانىلاردىن ھەمىمىز نەپىرەتلەنمەي تۇرالمايمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلە كىرىمىگە قارىماستىن چىقىمنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئائىلىدىكى ئىقتىسادى بېسىمىنى كۈچەيتىۋېتىپ ياخشى بىر ئامال- چارىلەر تېپىلماي ئىقتىسادى جىدەل توغۇرلۇق ئائىلە ۋەيران بولۇش.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئىززەت ئابرويىغا تاقىلىدىغان گەپ- سۆزلەردە دىققەت قىلماي ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىش، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى دەستەك قىلىپ ئۇنى كەمسىتىش، چۈشۈرۈش، دوست- بۇرادەرلىرى ، ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئالدىدا كەمسىتىش، بىشەملىك قىلىش، ھازازۇللۇق قىلىش ئارقىلىق ئەرنى ئۆز ئالقىنىغا كىرگۈزنى ئويلايدىغان ئاياللار...... قاتارلىق يامان خۇلۇقلۇق ئاياللاردىن ئەرلەر تېزلا بىزار بولۇپ كۆڭۈل خۇشىنى سىرتتىن ئىزدەپ ئاخىردا ئائىلىنى ۋەيران قىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ.

يۇقۇرقىلار كەمىنەنىڭ تۇرمۇشتىن ھېس قىلغانلىرىم، پەقەت ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا خاتا جايلىرىنى دوستلارنىڭ كۆڭلىگە ئالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەئىمەگە:
كەچۈرۈڭ مۇھىم ئىشىم چىقىپ قېلىپ قايتا نىكاھلىنىش توغرۇسىدا سىز بىلەن ئورتاقلىشالمايدىغان بولدۇم ، سەل تۇرۇپ كېلىپ ئۆز قارىشىمنى يازاي!

Rank: 4

توردا
216 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
765
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:12:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كېلىن بىلەن قىينىئانا چىقىشالمايدۇ دەپ ئاڭلىغان ```   قىينئاتىسى پاتتۇرىماي گەپ تىپىپ  ئاجىراشتۇرۋىتىدىغانلارمۇ كۆردۈم `` توۋا ````````  `

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قايتا نىكالىنىشقا قارشى ،مۇمكىن بولغاندا بىر نىكا بىلەن ئوتكەن ياخشى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 06:24 , Processed in 0.050492 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش