يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1641|ئىنكاس: 21

يېڭىلىق: يەتتە قىزلىرىمنى تەشۋىق قىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
724 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:08:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
   يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى. ناۋادا «يەتتە قىزلىرىم تورىنىڭ كوزېرى نېمە؟» دەپ سورالسا، كەمىنە قىسمەت يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، نۆۋەتتىكى تېخنىكى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «يەتتە قىزلىرىم تورىنىڭ كوزېرى ئوت يۈرەك ئۇيغۇر بۇرادەرلىرى» دېگەن جاۋابنى ئىككىلەنمەي تۇرۇپ بېرەلەيمەن. مۇشۇ پۇرسەتتە كەمىنە قىسمەتنىڭ ئەرزىمەس رەھمىتىنى قۇبۇل ئەتكەيسىلەر !
   سالامدىن سوڭرە ئەينى مۇددىئا شۇكى، كەمىنە مۇنبەرگە تېما، ئىنكاس يوللىمىساممۇ، لېكىن مۇنبەر ئەھۋالىغا ھەردائىم دىققەت قىلىپ تۇرىمەن.
   بۈگۈن ئەتىگەن مۇنبەرگە كۆز يۈگۈرتسەم، تۈنۈگۈن (2011-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى) مۇنبەرگە بىرلا ۋاقىتتا كىرگەن ئادەم سانى 119 نەپەرگە يېتىپ، رېكورت يارىتىلىپتۇ.
   بۇ ئەھۋالدا مەن يەنە قاراپ تۇرالمىدىم. گەرچە خىزمىتىم ناھايىتى ئالدىراش (مەن ئادەتتە كۈنىگە 16-18 سائەت ئىشلەيمەن) بولسىمۇ، يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىققا باھانە تاپالمىدىم. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن بىر يۈرۈش پىلان تۈزۈلدى. بۈگۈن كەچ بىر ئاز ۋاقىت ئاجرىتىپ، مۇشۇ پىلاننىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابىدا مۇنبەرگە يېڭى بىر ئىقتىدار قوشۇپ قويدۇم. بۇنىڭ بىلەن يەتتە قىزلىرىمنى سۆيىدىغان ھەربىر كىشىگە مۇنبەرنى تەشۋىق قىلىش پۇرسىتى يارىتىلدى. سىز كۈندە 10-20 مىنۇت سەرپ قىلسىڭىزلا يەتتە قىزلىرىم تەشۋىق قىلىش، يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
   خالىغان بىر تېمىنى ئاچسىڭىز، تېما ئۈستىدە « ‹ ئۇلانما تورى › دا تەۋسىيە قىلىڭ » نامىدىكى يېشىل رەڭلىك كۇنۇپكىنى ئۇچرىتىسىز. بۇ كۇنۇپكا سىزنى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىكى نادىر تېما-يازمىلارنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «ئۇلانما تورى» غا باشلاپ كىرىدۇ. سىز ئۇلانما تورىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەزا بولۇپ، يەتتە قىزلىرىم تورىدىكى ئېسىل يازمىلارنى تەشۋىق قىلسىڭىز، ھەم يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ھەم ئېسىل يازمىلارنى ئۇيغۇر تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان بولسىز.
   ۋاقتىڭىز كۆپرەك چىقسا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن يەتتە قىزلىرىمنى تەشۋىق قىلغايسىز، ۋاقتىڭىز يېتىشمەي قالغان چاغلاردا http://www.ulanma.com تورىغا كىرىپ، يەتتە قىزلىرىمدىن (يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئورگان تور بېكىتى www.xjcfan.com مۇ نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىنمىغاي) تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى «پەچەت» دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ قويسىڭىز، يەتتە قىزلىرىم تېمىلىرى چوققىلىنىدۇ-دە، يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن زىيارەتچى كۆپەيتىش، يەتتە قىزلىرىم تەرەققىياتىغا كېسەك قويۇش مەقسىتىگە يەتكەيسىز.
   خۇلاسە كالام، يەتتە قىزلىرىم ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش مانا مۇشۇنداق ئاددىي. مۇمكىن بولسا، ئېسىل تېما، ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزنى بېزىگەيسىز. بەك بولمىسا يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بىلەن مۇنبىرىمىزنى تەشۋىق قىلغايسىز. كونىلار دېگەندەك «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» ...

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
   1. ئامال بار ئېسىل تېمىلار تەشۋىق قىلىنغاي، باشقىلارغا «توڭ تاۋۇز» نى سۇنۇپ سالمايلى.
   2. بىر تېما تەكرار تەۋسىيە قىلىنمىغاي، باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويمايلى.

   بۇ ھەقتە چۈشىنىكسىز نۇقتىلار بولسا، تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېمىلارنى تەۋسىيە قىلىپ قويايلى!
"يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس" دەپتىكەن. قول تۇتۇشۇپ بىرلەشكەندە، ئەمگىكىمىز مېۋە بەرگۈسى!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
218
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى...........قوللايمەن.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە بۇ تەكلىپ بەت يۈزىنىڭ ئازادىلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، مېنىڭچە مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ رولى باردەك قىلىدۇ، مەنمۇ قوللايمەن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتكام قوشۇلسا يەتتە قىزنىڭ بىكەت تۇغىنى، ئانا تۇپراق مۇنبىرىنىڭ ئۇلىنىش بېتىگە ۋە باش بەت ئاستىدىىكى دوستلۇق ئۇلىنىشىغا قوشۇپ قويۇشقا ياردەمدە بولسام.

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۈگۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە كىرىۋاتىمەن. تېما كۆرۈۋېتىپ يۇقىرىدىكى تەكلىپكە كۆزەم چۈشتى. يېڭى ئىقتىدار قوشۇلۇپتۇ-دە، دەپ ئويلىدىم ھەم ئىقتىدارنى ئىشلىتىشكە كۆنەپلا كەتتىم. مۇشۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ قىلغىنىغا مىننەت قىلىپ ئەمەس، بۇ ئىقتىدار قوشۇلمىغاندىلا، خېلى بۇرۇنلا ھەر قېتىم تېما كۆرگىنىمدە ئامال بار ئادرېسنى دوستلار، ساۋاقداشلار، تونۇش-بىلىش ۋە تورداشلارغا يوللاپ قويۇشنى ئادەت قىلغانمەن. نېمە ئۈچۈندۇر، بۇ مۇنبەرنى خۇددى ئۆزۈم قۇرغاندەك، ماڭا ناھايىتى كۆپ پايدا-مەنپەئەت تىگىدىغاندەك توختىماي باشقىلارغا ئادرېس يوللايتىم. باشقىلارنىڭ بولسا كۆپرەك بۇ مۇنبەر بىلەن تونۇشىشىنى، ئەزالارنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىت قىلغان ئاساستا شۇنداق بىر ھېسسىيات بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان. (ئەمما يېقىنقى بىر مەزگىلدە كاماندىروپكا ۋە خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كېتىپ ۋاقتىدا  كىرىپ ھەم تەشۋىق قىلىپ بولالمايۋاتىمەن...) شارائىت يار بەرسىلا داۋاملىق تەشۋىق قىلىشقا تىرىشىمەن!
    قىسمەت ئەپەندىمنىڭ مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلغار پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:18 دە يوللىغان
مەن بۈگۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە كىرىۋاتىمەن. تېما كۆرۈۋېتىپ يۇقىرىدىكى تەكلىپكە كۆزەم چۈشتى.  ...


خۇددى  مەندەكلا
ماڭا  بۇرۇندىن  بىرەر  مۇنبەردە ئۆزەم  ياقتۇرىدىغان  تېمىلار  ئۇچرىسا كوت كوتتىكى  بارلىق  دوسلۇرۇمغا  ئادىرىسىنى يوللاپ  قويۇش  ئادەتكە  ئايلانغان ! مەن   مۇشۇ  مۇنبەر  بىلەن  ئاقىللار مۇنبىرىدە پىقىراپ  يۇرىمەن !يېقىنننىڭ ياقى  ۋاقتىم بولسىلا مۇشۇ مۇنبەردىن   چىقمايدىغان  بولدۇم !مەنمۇ  بۇ  مۇنبەرنى شۇنچىلىك  ياخشى  كۆرىمەن ~ئۇنىڭ  كۈلىشىنى ، يايرىشىنى  ، ھەر  ۋاقىت  شاتلىققا  تولىشىنى ئارزۇ  قىلىمەن ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
745 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2201

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sansiz0903 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:36 دە يوللىغان
قىسمەتكام قوشۇلسا يەتتە قىزنىڭ بىكەت تۇغىنى، ئانا تۇپراق مۇنبىرىنىڭ ئۇلىنىش بېتىگە ۋە باش بەت ئاستىدىىكى دوستلۇق ئۇلىنىشىغا قوشۇپ قويۇشقا ياردەمدە بولسام.


سەنسىز ئىنىمىزنىڭ كۆڭلىنى قۇبۇل قىلدۇق، ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئورۇنغا ئۇلىنىش قىلىپ قويغايسىز.

__ قىسمەتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يېزىلدى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېلىقى QQ  بوشلۇقىدىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بوشلۇق-بلوگلاردىكى تەۋسىيە ئۇلانمىسىغا (转到) ئوخشاش كۇنۇبكا ئىكەن ھە؟ بەلەنكەن...

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .بۇ تەكلىۋىڭىزگە يېقىدىن ئاۋاز قوشىمىز .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:07 , Processed in 0.049335 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش