يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 9

تۇل خوتۇن دەپ...( ي. ئىبراھىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:54:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇل خوتۇن دەپ

ياسىنجان ئىبراھىم

مودا قىلىپ ئۆزىچە دائىم رەڭلىك سورۇننى،
ئاجىزەنى پەس كۆرۈپ تىكلىۋېلىپ بويۇننى،
دەز كەتكۈزۈپ تۇرمۇشقا ئۆزى ئويناپ ئويۇننى،
شۇنچە ئىللىق ئۆيىگە باشلاپ تەتۈر قۇيۇننى،
ئەر ئەمەسمۇ بۇرادەر تۇل قالدۇرغان خوتۇننى.

تانالمايمىز بىزدىمۇ شاللاق ئايال يوق ئەمەس،
قىز-ئايالنىڭ ھەممىسى مىشچان،نايناق "شوق" ئەمەس،
تۇل ئايالنىڭ ھەممىسى سېسىغان بۇزۇق  ئەمەس،
تالاپ-چىشلەپ تارتىشقا دائىم ئۇلار "لوق" ئەمەس،
بىر تاياقتا ھەيدەمدۇق كۆرۈپ بىرلا يوچۇننى.

دىيانەتلىك مېھرىبان ئانىلار بار تۇل قالغان،
ۋىجدانىدىن ئىماندىن قەلبلەرگە ئىز سالغان،
كۆيۈپ پەرزەنت ئوتىدا ھىممىتىدىن زوق ئالغان،
مۇشەقەتتىن ۋايسىماي پاك ياشاشنى تاللىغان،
ئۆرنەك قىلىپ ئۆزىگە ئەجدادىنى يوسۇننى.

ئۇلۇقلايمىز ئانىنى ھەر بىر ئوغلان سۈت ئەمدۇق،
تۈزەلمەي ئۆي-ماكاننى ئۆزىمىزنى ئەر دەمدۇق،
ناپاك بولسا شۇ ئايال ھارام دىمەي ئاش يەمدۇق،
قوغدالمىساق بىر ئۆينى باش كۆتۈرۈپ يۈرەمدۇق،
كۆرۈپ قالماق ئۆلۈمدۇر گۈلىمىزدە قۇزغۇننى.

يوقمۇ بىزدە ئايالنى خارلىغانلار "قۇل" قىلىپ،
قوغدىماستىن قوغلىغان كوچىلارغا تۇل قىلىپ،
كۆز-كۆز قىلىپ ھەر جايدا تەشتەكتىكى گۈل قىلىپ،
ھەتتا نومۇس قىلماستىن رەستىلەردە پۇل قىلىپ...
ئىشلەتتۇقمۇ بارچە ئەر ۋىجدان ئاتلىق سوپۇننى.

بىر ئائىلە بىر ۋەتەن ئەرگە تالىق قىسمىتى،
روناق تاپقاي ياشنىغاي بولسا چەكسىز ھىممىتى،
ئەرگە بېقىپ ئاشمامدۇ ئايالنىڭمۇ قىممىتى،
ھايا-نومۇس ئىنساننىڭ پەزىلىتى زىننىتى،
ئاش سورىما ئايالدىن تەييار قىلماي ئوتۇننى.

تۇل خوتۇننى كۆپەيتىپ ۋايسىمايلى ئەر بولساق،
چاقناتقىنى ۋاپادار شۇ خوتۇندۇر  زەر بولساق،
تەڭ ئۈلىشى بىزدە بار نۇقسانلارنى دەر بولساق،
تەڭ بولىمىز ئاقىۋەت ئار-نومۇستىن يەر بولساق،
پاك بولسىلا بىگۇناھ  تۇل قىلمايلى خوتۇننى...

  مەنبە: ئۆزۈم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپالماي قالدىڭىزمۇ قانداق بەك كېچىكىپ كەتتىڭىزاااا
شېئىرىڭىزنى ئاشۇنداق ئەرلەر بىر ئوقۇسا ئىدى، ئەپسۇس ئەنە ئەشۇنداق كۆرۈشكە تېگىشلىك ئادەملەر كۆرمەيدۇ ، بۇنداق ئېسىل تەنبىھلەرنى، قولىڭىزغا دەرت كەلنىسۇن ياسىنجان

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:14:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000 نومۇرغا لايىق شئىركەن ....

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل يىزىلغان شئېر ئىكەن .....قەلەم تۇتقان قوللار غا رەھمەت....

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئىرنى ئوقۇپ ناھايتىمۇ ھاياجانلاندىم ،ھازىر جەمىيىتىمىزدە مەسئولىيەتسىز ئەرلەر
كۆپەيگەنسىرى جەمىيەت قالايمىقانلىشىپ ھەممە نەرسە ئۆز قەدىر قىممىتىنى يوقاتماقتا،
ھەر قانداق بىر ئەر سىزدەك ئاشۇنداق ئويلىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!!!
مەنچە ھەرقانداق بىر ئاجىزە ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمايدۇ،پەقەت
چىدىغۇچىلىكى قالماي ئامالسىز قالغان ۋاقىتتىلا شۇنداق بولمىسا............
كونىلاردا << ئەر يەكلىگەننى ئەل يەكلەيدۇ >> دىگەن گەپ بار،شۇنىڭ ئۈچۈن
<ئەرلەر.......ھەرگىزمۇ زىمىمىزدىكى ئەرلىك مەسۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى،ئاشۇ
ئاجىزەلارگە كۆڭۈل بۆلەيلى،چۈنكى ئاللاھ....ئاجىزەلەرنى سىلەرنىڭ قورىغاڭلاردىن
ياراتغان>....مەن ئۇلۇغ ئاللاھ...دىن ئەرلىرىمىزگە ئىنساپ ئاياللىرىمىزغا ئىمان تىلە
يمەن..<ئامىن>....

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:35:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 25/1/2011 09:59 PM دە يوللىغان
..... ئەنە ئەشۇنداق كۆرۈشكە تېگىشلىك ئادەملەر كۆرمەيدۇ..........


ئۇنداق ئەرلەرگە "ماۋۇ مۇنبەردە تۇل خوتۇنلار بار ئىكەن" دېسىڭىز  كېلەمدىكىن.....

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرلۈك  سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇل قېلىۋاتقان ئاياللىرىمىز كۆپەيمەكتە. ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ "بۇزۇق" لار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ بار. بىر قانچە سورۇندا خېلىلا ئۇقۇمۇشلۇق بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداق سۆزلەر چىقىپ قالدى. شۇ سەۋەپ تۈپەيلى  ئاددى خەلىق تىلى بىلەن بۇ شېئىرنى يازدىم. تورداش قېرىنداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقىدىن خۇرسەنمەن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ بىر ئائىلىنى باشقۇرۇشتىكى يۈكى ئەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، تۈرلۈك-تۈمەن بېسىملار ئاياللارنى ئاسانلا چارچىتىپ، بەزى ۋاقىتلاردا ئاددىي ئىشلارغىمۇ ئاچچىقىلىنىدىغان قىلىپ سالىدۇدە ئەرلەرنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.  مۇشۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇردۇم،ھەممە ئادەم سىزدەك ئويلىغان بولسا جەمىيەت تۈزىلەتتىمىكىن !

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !داۋاملىق ئىسل يازمىلىرىڭزنى ئوقۇشقا تەييارمىز !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:49 , Processed in 0.051425 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش