خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:37:44

ئاشلىقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى


  
بۇغداي ئۇنى  شىپالىق رولى: ھەر قانداق مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇغداينىڭ تەرىپى ھەققىدە ھەكىم سۇلتان ئەلى دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن ئىكەن: غىزانىڭ ئوبدىنى ئاپەت تەگمىگەن پاكىزە بۇغداي ئۇنىدىن يېقىلغان ناندۇر.
قوناق ئۇنى
تەبئىتى:  قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ماينى پارچىلايدۇ. قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. گۆش - ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە تولىمۇ ياقىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بار كىشىلەردە مەيدە ئىچىشىش، سۇ يىنىش، ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مومكىن. ئۇندىن باشقا بۆرەك، مەزى بېزى كېسىىلى بىلەن ئاغرىغان، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
گۈرۈچ
تەبئىتى : قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: گۈرۈچ تائاملىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ياخشى خىلىت ۋە ياخشى قان ھاسىل قىلىدۇ. چىرايىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرىدۇ. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان كېسىلى بارلار ، بۆرەك، دوۋساقتا تاش بار بىمارلار ئىمكان بار گۈرۈچ تائاملىرىدىن پەرھىز تۇتقىنى ياخشى.
ئارپا ئۇنى
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: يەل ھەيدەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ. قان بېسىمنى نۇرماللاشتۇرىدۇ. چىرايىنى پارقىرتىدۇ.
سۈت بېزى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، جىگەر ياللۇغى، دىئابىت بىمارلىرى ئارپا ئۇنىدىن قىلىنغان غىزالارنى ئىستىمال قىلغان ئەبزەلدۇر.
تېرىق ئۇنى
تەبئىتى : قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: سۆڭەكنى چېڭىتىدۇ. ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:41:58

پايدىلىنىش قىممىتى بولغان تۇرمۇش بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلغان خۇشچىراي خانىمغا رەھمەت:handshake

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:45:48

ئاشلىقلارنىڭ دېگەن خەتنى،ئاشىقلارنىڭ دەپ ئوقۇپتىمەن توۋا:lol

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:40:00

بۈگۈن تېخى خۇشچىراي مۇنبەردە يوق ئىكەن نىمىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەسلى بىزلەر ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنۋاتقان ئىكەنسىز رەھمەت .

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:40:39

ئاھۇ بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:45 دە يوللىغان http://7qiz.com/images/common/back.gif
ئاشلىقلارنىڭ دېگەن خەتنى،ئاشىقلارنىڭ دەپ ئوقۇپتىمەن توۋا:lol
مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن چاتاق چىققان چىغىۋا:L

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:44:04

توۋا  بۇنداقمۇ  ئوخشاشلىق  بولامدۇ:D :D

مەنمۇ  "ئاشىقلارنىڭ " دەپ كۆرۈپ  كىرىپتىمەن ;P ;P
كىرگەنگە  چۇشلۇق مانا  بىر  نەچچە  ساۋاتلىق  بوپ  قالدىم ، رەخمەت  ، ئەجرىڭىزگە ................

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:36:00

پانا ماۋۇلارنى ۋوي جامائەت................... ئاشىق تېمىسىغا ئۇنچە زار بوپ كەتمەڭلار دەيمەن.:lol

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:49:13

ھى ھى ھى ھى ، بۈگۈنمۇ  شۇنداق  كۆرۈندى كۆزۈمگە:lol :lol بىزنىڭ  كۆزدە  ئەمەس  گەپ  ،گەپ  مۇشۇ  تېمىدا  جانىم ;P ;P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:14:09

مەنمۇ ئاشىق دەپلا  كۆرۈۋېلىپ ئىتتىك كىرگەنىدىم، نېمە بولۇۋاتىدۇ ئادەم مۇشۇ كۈندە.:P

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:15  دە تەھرىرلىگەن. ]

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 13:25:08

<<ئاشلىقلارنىڭ  >> دەپ شۇنچە يوغان تۇرسا ، كۈزۈڭلارغا بارىكاللا .
بەت: [1] 2
: ئاشلىقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى