خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:40:37

بالىڭىزنى يارامسىز قىلىپ تەربىيلىمەكچىمۇسىز ؟


پەرەنىتلەر ئاتا – ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى ، دۇنيادا قايسى ئاتا –ئانا پەرزەنىتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئۈمىت قىلمايدۇ ؟ ئۆز باللىرىنىڭ كەلگۈسىدە بىكار تەلەپ ، لايغەزەل بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا – ئانا بارمۇ ؟ لىكىن قانداق قىلغاندا بالىلارنى جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىلىگىلى بولىدۇ ؟ ئامرىكىنىڭ بىر مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى ‹‹ قانداق قىلغاندا يارامسىز بالا تەربىلەپ چىققىلى بولىدۇ ›› ناملىق ماقالە يازغان بولۇپ يارامسىز بالا تەربىلەشنىڭ 12 تۈرلۈك ئۇسۇلىنى مىسالغا ئالغان ، ئاتا – ئانىلار يارامسىز بالا تەربىلەۋاتامدۇ – يوق ، سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ .
1 . بالىڭىز بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى ئىلىپ بىرىڭ .
2 . ئۇ سەت گەپ قىلغاندا توسىماڭ ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتى تىز ئاشىدۇ –دە ئىككى ئىغىزگەپ بىلەن جىنىڭىزنى ئىلپ يىنىڭىزدا قويىدۇ .
3 . بالىڭىزغا روھى جەھەتتىن ئازار بەرمەي دىسىڭىز ، خاتالىق ئۆتكۈگەندە بىلمەسلىككە سىلىڭ . شۇندىلا ئۇ كەلگۈسىدە ئوغرىلىق قىلىپ ياكى باشقا سەۋەپلەردىن قولغا ئىلىنغاندا ،ھەممە ئادەم ئۆزى بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقاندەك ، ئۆزىنى بولسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالغاندەك ئويلايدۇ .
4 . بالىڭىزغا مەڭگۈ ئەخلاق تەربىسى ئىلىپ بارماڭ ، ئۇ ئۆز مەيلىچە چوڭ بولسۇن  ، ئىشلارنى ئۆزى بىلگىنىچە بەلگىلىسۇن .
5 . ئۇ قالايمىقان تاشلىغان نەرسە - كىرەكلەرنى كەينىدىن تىرىشىپ يۈرۈڭ ، بۇ ئۇنىڭدا بارلىق مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ چىقىدۇ .
6 .ئۇ قانداق كىتاپنى كۆرسە ئارلاشماڭ ، بالىڭىزنىڭ كاللىسى قانچىلىك ئەخلەتكە تولۇپ كەتسىمۇ كارىڭىز بولمىسۇن .
7 . ئە – خوتۇنلار گەپ تالىشىپ قالغاندا سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىڭلار ، بالاڭلارنىڭ يىنىڭلاردا بار – يوقلۇقى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن .
8 . بالىڭىز پارچە پۇل سورىسا كۆڭلىنى قايتۇرماڭ ، ئۇ ئۆزى ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپمىسۇن ، پۇل ئىقتىساتمۇ قىلمىسۇن . بالىلار ئاتا – ئانىدەك جاپا تارىتسا بولمايدۇ – دە !
9 . بالىڭىزنىڭ يىمەك – ئىچمىكى ئىنتايىن موھىم ، شۇڭا نىمە يەيمەن دىسە نىمە ئىچىمەن دىسە ئىلىپ بىرىڭ ، ئۇ خاپا بولۇپ قالسا ئىش چاتاق بولىدۇ .
10 . بالىڭىز قوشنە – قۇلۇملار ، ئوقۇغۇچىلار ياكى ساقچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا ، ئىككىلەنمەستىن بالىڭىز تەرەپتە تۇرۇڭ ، بالىڭىز ئاتا – ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئادالەتسىزلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالمىسۇن .
11 . بالىڭىز سىرىتتا چاتاق تىرىپ قويغاندا ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ : مەن بالىغا ئەزەلدىن ئامال قىلالمايتىم ، مۇشۇ گىپىمنىڭ ئۆزىنى كەچۈرىم سورىغانلىق دەپ بىلسەڭلار قانداق ، دەڭ .
12 . بالىڭىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆڭۈل بۆلۈشكە ، ئەندىشە قىلىشقا ، قايغۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ چۈنكى سىز يارامسىز ۋە پىچاق ئاتىدىغان بالىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىلەپ چىقتىڭىز .

مەنبە: ھاياتلىق .

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:21:12

مانا بۈگۈن مەن بۇ ياغاچ قۇلاقلارغا توپ- توغرا ئىككى سائەت يىغىن ئاچتىم، ئاندىن ئانىرىم ئۆگىتىپ قويغان مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ئەتىدس باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كېلىشىپ قول قويغۇزۇپ كەچلىك تاماقنىڭ ئالدىدا بىكار بوپتىمەن، ئىشقىلىپ مېنىڭ بۇنداق جىددى يىغىنلىرىم ئارلاپ- ئارلاپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ، بالىلىرىم بۇ تەربىيىلىرىمنىڭ ھەممىسىنىلا ئېسىدە ساقلاپ دېگەن يېرىمدىن چىقمىسىمۇ پۈتۈنلەي  ئاللاھقا مىڭ شۈكرى ھەر ھالدا ياخشى، مېنىڭمۇ ئويلايدىغىنىم شۇ بالا كىچىك ۋاقتىدا تەربىيىنى قانچە جىق قىلسا، ئورۇنسىز تەلەپلىرىنى قاندۇرمىسا، كىچىكىدىن ئاق-قارىنى بىلدۈرەلىسەك، ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشلارغا بۇيرۇپ قىلدۇرۇپ ئۆگەتسەك................................ كېيىنكى پۇشايمانلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، ھازىرقى جىق گەپ قىلغىنىمىز بالىلارنىڭ كېيىنكى ياخشى كۈنلىرىگە ئاساس بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن، ھازىر بالىلارنىڭ كۆڭلىگە قارىساق چوڭ بولغاندا مېنىڭچە يۇقۇرقىدەك كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن.

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:24:56

كۈيۈش كىرەك ، لىكىن كۈيۈشنىڭ ئۇسۇلى ۋە شەكلىگە دىققەت قىلىپ ئاندىن بالىلارغا يەتكۈزۈش كىرەك .

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:27:59

توغرا دەيسىز خۇشچىراي، مېنىڭ نەزىرىمدىمۇ بالىغا مېھرى- مۇھەببەت بىلەن قاتتىق قوللۇقنى تەڭ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن:loveliness:

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:59:49

بالىنىڭ تاتلىقلىقىنى بالىلىق بولغاندا تېخىمۇ ھېس قىلارمەن ھەقىچان . ئەمما مەن كىچىك بالىغا بەك ئامراق بولۇپمۇ بوۋاقلارغا شۇنداق ئامراقلىغىم كىلىپ بۇدرۇققىنە قوللىرىنى، پۇتلىرىنى ئاغزىمغا سېلىۋالغۇم كېلىپ كىتىدۇ. :lol  
مەن كىچىك بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق بىر روھىي دۇنياسى بارلىقىنى بۇ روھىي دۇنياسىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ چوڭلار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
بالىلاردىمۇ قىزىقىش، ئېتقاد، نۇمۇس ۋە شان شەرەپ، يۈز ئابروي، غورۇر قارىشى شۇنداقلا بىزمۇ ئىشەنمەيدىغان بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى باركەن .
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا توشقان 6 ياشلىق بالىڭىز تولىمۇ گۆدەك، ئىش ئۇقمايدىغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما سىز ئىككى ياشلىق بوۋىقىڭىزنى چوڭ بالىڭىزغا ئوينىتىپ تۇرۇشقا بەرگىنىڭىزدە دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئۇ خۇددى سىزدەكلا ئۇكىسىغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايپىتەك بولىدۇ، ئۇنىڭغا توختىماي سۆزلەپ ئۇنى كۈلدۈرىدۇ. كىچىكى خاتا ئىش قىلسا چوڭى ئۇنى ئەيىبلەپ ئالدىرماي چۈشەندۈرۈپ كىتىدۇ .
قاراڭ مانا بۇ مەسئۇلىيەت، مانا بۇ بالىلاردىكى بىز "ئېتراپ" قىلمايدىغان غورۇر .
مەن بالىلارغا سۆزلىگەندە مۇمكىنقەدەر چوڭلارغا سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن . ھەر بىر ئېغىز سۆزنى توغرا، تولۇق قىلىپ سۆزلەيمەن. مەينەت نەرسىنى " ئىششا " ، سۇنى " ھۈممە"، قاراڭغۇنى " ئۈجۈ" دىمەيمەن .
بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلى بەلكىم بىزنىڭ چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىدەك كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا تېز ھەم قۇبۇل قىلىشچانلىقىنىڭ تېزلىقىغا ئىشىنەيلى. ئۇلارغا توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەيلى . بۇ بالىنىڭ تىلىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە پايدىلىق.
ئۇندىن باشقا بالىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى قېزىپ چىقىشىغا ياردەم قىلايلى. خۇددى سىز بوۋاقنىڭ ئالدىغا بىر دانە قونچاقنى قويۇپ قويسىڭىز ئۇ ئوڭ قولى بىلەن ئالامدۇ ياكى سول قولى بىلەن ئالامدۇ دىگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىڭ، بوۋاق ئوڭ ياننى بېسىپ ياتامدۇ ياكى سول ياننى بېسىپ ياتامدۇ؟ مانا بۇلار بالىنىڭ كەلگۈسىدە سولخاي ياكى ئوڭخاي بولىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. سىز خالىسىڭىز مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزگەرتەلەيسىز.
خۇددى يۇقۇرقى بىشارەتتەك، بالىنىڭ بىر قىزىقىشى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ مۇزىكا سېزىمى قانداق؟ جۇشقۇن ناخشا مۇزىكىلارغا قارىتا ئۇنىڭدا قانداق ئالامەت بولىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە 2،3 ياشلاردىكى نۇرغۇن بالىلاردا تېلىۋىزوردىكى ئېلانلارغا قارىتا قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بولىدىكەن. دىمەك، ئۇلار رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. سىز ئېرىشكەن كىچىككىنە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ بالىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى قېزىپ چىقىڭ ۋە بۇ جەھەتتىن ئۇنى يىتەكلەڭ.
بالىلاردا ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېتقادى بولسا نەرسىلەرگە ئاسان كىرىشىپ كىتەلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنۋېرسال بىلىملەر تەمىن ئېتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى كۆپرەك ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ تۇرساق ئۈنىمى مېنىڭچە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بالىغا ئۆزىنىڭ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر مۇستەققىل ئەزاسى ئىكەنلكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولامدۇ يوق دىگەن مەسىلىدە مەن ھازىرغىچە تەھلىل ئېلىپ بېرىۋاتىمەن . ئۆزىنىڭ ئىسمى دادىل دىيەلەيدىغان بالىلار بىلەن ئىسمىنى سوراپ بولغۇچە قورقۇپ، خىجىل بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالىدىغان ئوخشاش ياشلىق بالىلاردىكى پىسخىك پەرق زادى قەيەردە؟
بالا تەربىيلەشتە ئەلۋەتتە ھەددىدىن زىيادە غايىۋىلىشىپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقىمىزدە ئەلۋەتتە .

neyime يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:13:25

سايە خۇددى نەچچە بالنىڭ دادىسدەك گەپ قىلپتۇ ،مىنىڭچە بەزى دادىلار سايە چىلىك باللىرىنى چۇشەنمەسلىگى مۇمكىن ...
مىنىڭ قىزىم كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچە ئامراق ،كۈندە دىگىدەك كىتاپ ئوقۇپ بېرىمەن ،لىكىن ھەدەمنىڭ قىزى (مىنىڭ قىزىم بىلەن 1ياش 2ئايلىق پەرىق قىلىدۇ،ھەدەمنىڭ قىزى چوڭ . )پەقەتلا كىتاپ ئوقۇمايدۇ ،بەلكى مىنىڭ قىزىمنىڭ ئوقىۋاتقان كىتابىنى يىتىۋىتىدۇ ھەتتا قىزىمغىمۇ كۆرسەتمەي ئۆزىمۇ ئوقۇماي تاشلىۋىتىدۇ  ،شۇنىڭغا قاراپ ئاتا -ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ، بالىلارنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركەتلىرىگە بەك دىققەت قىلالىساق ،بالىلاردىكى  نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق ۋە ناچار ئادەتلىرىنى بالدۇر كۈزىتىپ تۈزەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن ....
ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق سەبىي ئۇماق باللىرىمزنىڭ بەختىنى بەرگەي!!!!

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:39:51

كىمنىڭمۇ بالىسىنى يارامسىز قىلىپ تەربىيلگۈسى بار دەيسىلەر ؟

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:54:39

سايە، بەزىدە ئىنكاس يېزۋاتقان ئادەمنىڭ سەن ئىكەنلىكىڭگە سەل گۇمانلىنىمەن جۇمۇ:lol .
سېنىڭ ئىنكاسلىرىڭنى ئوقۇپ شۇنچىلىك سۆيۈندۈم، ئەمما شۇ نەرسە مېنى بەك قىينايدۇ مۇشۇ كىتاپتا دىيىلگەن نەرسىلەرنى رېئال تۇرمۇشقا تەدبىقلىسا نېمىشقا ئۈنىمى ياخشى بولمايدۇ؟
مەسىلەن: كىتاپلاردا بالىلار بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىڭ، ئۇنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۇنىڭغىمۇ ئەركىنلىك بېرىڭ..............................ئىشقىلىپ بەك نۇرغۇن، مەن مانا ئاللاھ خالىسا ئۈچ بالىنى تەربىيلەپ ئولتۇرۇپتىمەن، بەزىدە چارچىغىنىمدىن يىغلىۋېتىشكە تاس- تاس قالىمەن، مۇشۇ بالىلار ئۈچۈن بالىلارنىڭ گۆدەك قەلبىدىكى سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرىم قالمايدۇ، مەن شۇنچە قىلغانسىرى شۇنى ھېس قىلىپ قالىمەن بالىلىرىم ئىلگىرلەشنىڭ ئەكسىچە ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدۇ، مەن سەل چىڭ تۇتقان چاغدىكى تەشەبۇسكارلىق، تېتىكلىك، ئاكتىپلىقلىرى يوقاپ ئورنىنى ئېزلەڭگۈلۈك، ھەدىدىن ئاشقان ئەركىلىك، ئورۇنسىز تەلەپلەر ئىگلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئىككىمىزنىڭ بېشى قېتىپ كېتىدۇ، زادى قانداق قىلساق ياخشى بولىدىغاندۇ دەپ.
شۇڭا، مەن تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم كىتاپتا يازغاننىڭ ھەممىسىنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ نەتىجىسىنى چىقىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن.
بەت: [1]
: بالىڭىزنى يارامسىز قىلىپ تەربىيلىمەكچىمۇسىز ؟