بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك قائىدە
بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك قائىدەقايسى قائىدىلەر بالا تەربىيلەش قوللانمىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى سېلىنا جېننى"بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك قائىدە"نى خۇلاسىلەپ چىقتى ۋە مۇناسىپ تەكلىپلەرنى بەردى.
1.خۇشاللىق ئۆزى يارىتىدىغان نەرسە، ھەرگىزمۇ باشقىلار بېرىدىغان نەرسە ئەمەس.
تەكلىپ: بالىڭىزغا ئۆمۈر بويى ئىشلىتەلەيدىغان بىر تۈرلۈك قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىڭ، مەيلى ئۇ كارغا كەلسۇن ياكى كارغا كەلمىسۇن.
2.ئاددىيغىنا بىر تەبەسسۇم باشقىلارنى شۇ بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈش پۇرستىگە ئىگە قىلىدۇ.
تەكلىپ: بالىڭىزنىڭ خۇشال چاغلىرىدىكى كۈلكىسىنى ماختاپ تۇرۇڭ.
3.ئەدەب-ئەخلاق مەڭگۈ ئازلىق قىلمايدۇ.
تەكلىپ: "مەرھەمەت" "رەھمەت" "كەچۈرۈڭ" دېگەندەك سۆزلەر بالىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلىرىگە ئايلانسۇن.
4.نوقۇل ھالدا باشقىلارنىڭ سۆزنى ئاڭلاشمۇ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىز قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاڭ.
5.ھۆرمەت قىلىش نوقۇل كۈچلۈكلەرنىلا ھۆرمەتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماي، بەلكى ئاجىزلارغىمۇ خەير-خاھلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
تەكلىپ: بالىڭىزغا سەرگەردان ئىتلارغا نەرسە بەرگۈزۈڭ.
6.ئىلكىڭىزدىكى نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭ ۋە ئۇلاردىن بەھرىلىنىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدە يوق نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.
تەكلىپ: بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە كىتابلارنى تاشلاڭ، كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ قول ھۈنىرى ئىشى قىلىڭ.
7.ھەر قانداق كىشى بارلىق ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ، مۇنبەردە تۇرغان كىشى ھەمىشە ئەڭ ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىز ھېكايە ئېيتىۋاتقان چاغدا:"ھە، شۇنداقمۇ، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!" دەپ بېرىڭ.
8.ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان نەرسىنى قوغلىشىڭ.
تەكلىپ: بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
9.قارىماققا ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ھامان تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال نەرسىدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىز بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇڭ.
10.كىشىلىك ھاياتتا نىشانغا يېتىش مۇھىم ئەمەس، بەلكى ھايات سەپىرى جەريانىدىكى بەھرىلىنىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىزغا تاغقا يامىشىش بىلەن فونىكۇليورغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقىشنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
كېلىش مەنبەسى: تەرمىلەر ژۇرنىلى.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق. رەھمەت! قەلىمىڭىز ھارمىغاي! 3.ئەدەب-ئەخلاق مەڭگۈ ئازلىق قىلمايدۇ.
تەكلىپ: "مەرھەمەت" "رەھمەت" "كەچۈرۈڭ" دېگەندەك سۆزلەر بالىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلىرىگە ئايلانسۇن.
ئەخلاقسىز بالىلار تولىمۇ خەتەرلىكتۇر .
ئۇلۇغ اللاھدىن قوشماقلىرىمنىڭ ئەخلاقى پەزىلەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن . خۇدايىم بۇيرىسا مېنىڭ شاھزادەم خېلىلا ئەدەپلىك چوڭ بولۇۋاتىدۇ. " رەھمەت" بىلەن"خاپا بولماڭ" نى بەك بىلىدۇ. ھەممە پەزرەنتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيلى!
بەت:
[1]