روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:11:07

ھەمشىرەم ! R

http://www.rohqin.com/wp-content/uploads/2012/01/Hemshirem.jpg
مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەر نەدە؟  رىئاللىق نەدە؟  قىزلىرىمىز ئىززىتى بىلەن ئانا بۇلىدىغان تۇرمۇشقا ئېرشەلمەي يۈرىگى سەك پارە.يىگىتلەر كۆڭلىدىكى ۋاپادار قىزنى تاپالماي ئاۋارە.ئىككىلا تەرەپ بىر نىشانغا ئىنتىلىدىيۇ  يەنە ئارلىقتىكى ھاڭدىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيدۇ.  بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى قىز، ئۇغۇل،  ئاتا-ئانا،  جەمئىيەت ھەرتەرەپتىن ئىزدىشىمىز كىرەكتۇ!؟بۇيەردە بۇنداق چوڭ تىمىلارغا رېتسىپ يازماقچى ئەمەس .بەلكىم تۆۋەندىكى يازما قىزلىق ئۆتىڭىدىن  ئانىلىق داۋىنىغا قەدەم بېسىشتا تەمتىرەپ قالغان ھەمشىرلەرگە  تۈرلۈك-تۈمەن تاللاشلارئارا  ئېلھام  بېغىشلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەستۇرمۇش توختاۋەرسىز پۇتلىشىدىغان تاللاشلارغا تولغان، تاللاش ئوبىكتى ئەقىل بىلەن ھېسيات ئوتتۇرسدىكى كۆرەشكە باغلانغان،  بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەربىر تاللىشىمىزغا باغلىق.سىزگە ئىشنىمەن! سىز ياخشىسىنى تاللىيالايسىز ئەمما تۈۋەندىكى قۇرلارنىڭ  ئەڭ ياخشىسىنى تاللىشىڭىزغا  ياردىمى بۇلىشى مۇمكىن . . .




https://public.sn2.livefilestore.com/y1ps7hKPAWkK79ygYyq8d-0jNOZwTB4VaFiUWEyKeC774MpQcDJ5YSGTCJeiJ_iQ0mxa_bAaK8cSuJjW4H6uRSHyg/Saqlash.jpg?psid=1ھەمشىرەم !  نېمىنى  ساقلاۋاتىسىز ؟  يەنە ئازغىنە ۋاقىتتىن كىيىن بۇ ياشلىقىڭىز سىز بىلەن خوشلىشىدۇ،  كۈنلەر ئۆتىۋىرىدۇ ،  ياشلىقىڭىزمۇ تۈگەيدۇ . . .  سىز مەڭگۈ ئۆتمۈشىڭىزگە قايتىپ بارالمايسىز،  شۇڭا ئەسلىمىلىرىڭىزگە ئېسىلىۋالماڭ.  يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك ھامان ئۇچۇپ كېتىدۇ . . .  ئۇنى قويۇپ بەرگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى قويۇپ بەرگىنىڭىزدۇر !




https://public.sn2.livefilestore.com/y1pzZGvg5lfP_x5te4FPSGqbjM0K_La-lSsz9a_BLpudWhGoc9nXzh8O4_CugOF49SC2IrSawqhgy-bH0aLs4xSZg/Tallash.jpg?psid=1ھەمشىرەم!  نېمىشقا تاللاۋىرىسىز؟  تاللاۋىرىپ كۆزلىرىڭىز ئېلىشىپ كەتكەندۇ؟  قايسى ياخشى قايسى يامان ؟ بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق سىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى.  ئەڭ ئاخىرىدىكىسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇشى ناتايىن.  ئەڭ ياخشىسىنىڭ سىزگە يېقىشىمۇ ناتايىن .  كۆز ئالدىڭىزدىكىنى قەدىرلەشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.  ناھايىتى يىراقتىكى گۈزەل كەلگۈسىدىن كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەۋزەلدۇر(بىزدە ئەتىكى تۇخۇدىن، بۈگۈنكى تۇخۇم ئەۋزەل. دەيدىغان تەمسىل بار) .  چۈنكى بۇ دۇنيا ئەزەلدىنلا تەڭسىزلىككە تولغان،  كۆپىنچە ئەھۋالدا  دەل سىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن،  سىز چوڭ بىلگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قەدىرسىزلىنىپ قالىسىز . . .




https://public.sn2.livefilestore.com/y1pJ83DnVfBln2o3zMkc09OCAtJJl_IPSabhtIXnI0DftA7hifNv3niNERGrHCdHCqWrYAdqnbhEqX-nKe0xDwAGw/nime%20ish%20qiliwatisiz.jpg?psid=1ھەمشىرەم!  نېمەئىش قىلىۋاتىسىز؟ سىز مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ساددا،  گۆدەك قىز ئەمەس! چۈشىنىكسىز،  مۈجمەل مۇھەببەت قاينىمىغا ئۆزىڭزنى ئاتماقچىمۇسىز؟  مۇھەببەت بىلەن ئويناشماقچىمۇسىز؟ ئوينىشالامسىز؟ سۆيۈش ۋە ياخشى كۆرۈش ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم،  بۇ ئىككى ئىشنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەڭ.  ھەممە ئادەم گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ،  بىراق بىر كۆرۈپ قامىتىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىڭىزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىماڭ.




https://public.sn2.livefilestore.com/y1ps7hKPAWkK79jteoB1IooDtaJiZ7GbbSvwUJJMYcsd2uMYr_418wZiepqPrxF-shyVBpYUqLvCTSQ9gyRcVqCzQ/Oylawatisiz.jpg?psid=1ھەمشىرەم!  نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟  كىچىك قىزلارغا ئوخشاش كىچە-كۈندۈز ئاق ئاتلىق شاھزدىگە ئېرىشىشنىلا ئويلاۋەرمەڭ،  ئاق ئاتلىقنىڭ ھەممىسى شاھزادە بولۇشى ناتايىن. ئىنسان بولغان ئىكەن كەمچىلىكلەرنىڭ بۇلىشى نۇرمال ئەھۋال. ئۇنىڭ ھاياتىدا بەزى خاتالىقلارنى سادىرقىلىشى ئۇنىڭ يارامسىزلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.  ئۇنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى ياقتۇرغان ئىكەنسىز بەزى كەمچىلىكلىرىنىمۇ قۇبۇل قىلىڭ!  مەسىلىلەرنى چۇڭقۇر ئويلاشنى،  ئارقا-ئالدىنى ئويلىشىپ قەدەم بېسىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.  مۇھەببەتتىن سىرت يەنە سىزنى ئۆزىڭىزگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇزالايدىغان نەرسىنى  ئىزدەپ تېپىڭ .  دۇنيادا مۇھەببەتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار.




https://public.sn2.livefilestore.com/y1plVVinanmahDwW9wyxs2fDYJY-YGDqDHsFOtmT5HxBMOc_sMn0PeUN2X0bEmpVQhnphwfnkkUsNhNxJXXrSKRig/Nime%20dewatisiz.jpg?psid=1ھەمشىرەم! نىمە دەۋاتىسىز؟  ۋاقىتنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كەلگىنى ياشنىڭ چوڭىيىشىلا ئەمەس بەلكى ئەقىل ئىدراكنىڭ قوشۇلىشىدۇر .  سىزنى مۇكەممەل كۆرسىتىدىغىنى گۈزەل چىرايىڭىزمۇ ئەمەس،  قاملاشقان زىلۋا بويىڭىزمۇ ئەمەس بەلكى سىزدىكى ئەدەپ-ئەخلاق،  شەرمى-ھايا،  شۇنداقلا كەم بولسا بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەتتۇر .  ئەقىللىق قىز باشقىلارنى قانداق رەت قىلىشنى،  نېمىنى دىيىش نېمىنى دىمەسلىكنى،  قانداق كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ.  دائىم ئۆز يىشىڭىزغا ماس كەلمىگەن سۇئاللارنى سورىماڭ،  باشقىلارغا دۆتتەك تەسىر بېرىپ قويىسىز،  ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشماڭ .  ھېسسىيات بىلەن ئەمەس ئەقلىڭىز بىلەن ئىش قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .




https://public.sn2.livefilestore.com/y1pHU-VeESqy81YJC7T7nEj-WYG8bwZB4unfcL8Ih-XNYZSYKcoJ-kY7MrowBAIBDeHjN7yXKf3-i5cbmgKe3rOJg/Sewir%20qilish.jpg?psid=1ھەمشىرەم ! نىمىگە سەۋىر قىلىۋاتىسىز؟ يىغلىغۇڭىز بولسا ئاۋازىڭىزنى قويۇپ بېرىپ قانغۇچە يىغلىۋىلىڭ.  يىغلاش-ئاجىزلىقنىڭ ئەمەس،  بەلكى بەك قەيسەرلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.  كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالسا بىر بۇلۇڭدا ياكى يوتقىنىڭىزغا چىڭ چۈمكىنىۋىلىپ قاتتىق يىغلىۋىلىڭ.  سىز باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىغا مۇھتاج ئەمەسسىز.  يىغلاپ بولغاندىن كىيىن باشقىلارغا ئوخشاش خۇشال ياشاڭ.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى كۆز يېشىڭىزنى سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان،  سىزنى ئەڭ قەدىرلەيدىغان كىشىگە،  ئەڭ تاتلىق كۈلكىڭىزنى سىزنى ئەڭ ئازاپلىغان كىشىگە سوۋغا قىلىڭ .




https://public.sn2.livefilestore.com/y1pgy2GWfPn39HJeDy-wF-ZEC8oOv4quX2iAuyCMH7KIQF1OH4SSSouwynXvU_dFoLWa4PvMfw1y0sxYW94-hbuQA/nime%20lazim.jpg?psid=1ھەمشىرەم!  سىزگە نىمە لازىم؟  ئامراق نەرسىڭىزگە ئۆزىڭىز تىرىشىپ ئېرىشىڭ.  ھازىرقى دۇنيادا ئاياللارنىڭ مۇلايىم بولىشىدىن ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشنى بىلىشى موھىم.  دائىم باشقىلارا يۆلىنىۋالماڭ!  سىز موھتاجلىققا قالغاندا باشقىلارنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ سىزنى قۇتقۇزىشىنىمۇ قەتئىي ئۈمىت قىلماڭ .  بەرىبىر ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ھېچكىمى ئەمەس.  ئۆزىڭىزنى سۆيسىڭىز ئۆزىڭىزگە تايىنىشنى ئۈگۈنۈڭ.




https://public.sn2.livefilestore.com/y1p3EydGlIn8AbHTM30rvApq4dCPPYzvr1-m6wWRFwqI-PvhM0dDVfDKl52Tko2wefqZmLqXcblJoGKkb6qkUprcw/Yushurnush.jpg?psid=1ھەمشىرەم ! نىمىگە يۇشۇرنىسىز؟  قېچىپ نەگە بارىسىز؟  ئۆزىنى قاچۇرۇش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى .  ئەمەلىيەتكە يۈزلەنمەكتىن باشقا ئامالىڭىز يوق.  مەيلى قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر سىز جاھىللىق بىلەن شۇنىڭا ئىشىنىڭكى «بۇ پەقەت سۈبھى پەيتىنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر خالاس. »ئەگەر ئىشلار سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىكىدەك ئۇنچە ياخشى بولمىسا،  بۇ ئىشلار تېخى ئاخىرلاشمىدى دەپ بىلىڭ.  مەسىلىنى ھەل قىلىشنى، ھەقىقەتكە يۈزلىنىشنى ئۈگىنىڭ.




https://public.sn2.livefilestore.com/y1p0jSSY8_QFHjAuMcaroilfaD20FEJlkou1qIiu8Eq6OCLS08tokvkhYOih7ocAtppIjoKxwi8-UY9GRK2oDofUA/Zirikish.jpg?psid=1ھەمشىرەم!  نېمىدىن زېرىكىسىز؟  تۇرمۇش يولى ئەزەلدىن تۈپ-تۈز بولۇپ باقمىغان.   ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىزلا ئۇنداق ئاسان بەل قويۇۋەتمەڭ.   ھەممە ئىشلار جايىدا ھەل بولۇپ ماڭىدۇ.   شۇڭا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئازاپلىماڭ!  قىينىماڭ!  كەيپىياتىڭزنى تەڭشەشنى ئۈگىنىۋىلىڭ!  ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس ،  شۇڭا ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ،   بۈگۈندىن باشلاپ بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەغرۇر ياشاڭ،   سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم سىزدەك سۆيەلمەيدۇ .




https://public.sn2.livefilestore.com/y1pzZGvg5lfP_zMvpH7gKbG6otkWPSHKy6ZLn-i44dXmrrqYUVsZdOgg4rykPrAFGaVFSP0yKLbOSZDz15eUlWLeg/Uzungizge%20ishining.jpg?psid=1ھەمشىرەم! ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ!  ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە مەن ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشتىم دەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ!  دۇنيادا سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ھىچكىم قالمىسىمۇ يەنىلا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ!  سەمىمىي بولۇڭ!  ئۈمىدسىزلىنىشكە بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۈمىدنى ئۈزۈشكە بولمايدۇ.  ھەر ۋاقىت شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىز ھەممىدىن ياراملىقى !روھچىن قەلب خاتىرسىhttp://www.rohqin.com/?p=751تىمنى مۇنبىرىمىزدىكى بىر توردېشىمغا سوۋغا قىلىمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:48  

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:17:20

بەزى تىمىللىرمنى ياقا-يۇرتلاردا سەرگەردان ئۇچۇرتىپ قالدىم. ياقتۇرغانلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشىنى يامان بەك ئۈمۈت قىلاتتىم.

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:46:56


ياخشى تېمىكەن ......  ياخشى سۆز ، ياخشى تىلەكلەر .....

كىمگە سوۋغا قىلغانسىز - ھە ..............

ئاندىن بىر نەرسە ئەسكەرتەي ، تېما ئىسمى «ھەشىرەم »بوپ قاپتۇ ......بۇ نىمە گەپكىن دەپ كىرمەستىن تاس قاپتىمەن لۇغەت ئاختۇرغىلى.............

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:35:29

تۈنۈگۈن بىر دوست ئىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغان، تويىغا بارالمىغان ئىدۇق، شۇنىڭغا يوقلاپ، مۇبارەكلەپ قويغىلى.
سىڭىلچىقىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى تېخىچە توي قىلماپتۇ. قىسقىسى توي قىلالمايۋېتىپتۇ، بەزىلىرىنىڭ يېشى 30 لارغا يېقىنلىشىپ قاپتۇ.  ئايالىمنىڭ بىر ساۋاقدىشى تېخى ئۆتكەن يىلى توي قىلدى، ئايالىم بولسا، 2 بالىغا ئانا، قىزىمىز بىرىنچى سىنىپقا كىردى. ئىشقىلىپ، ئۇ قىزدىمۇ بار، جىق بالىلارنى تۇنۇشتۇرسا، بەك ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. رەت قىلغان ئىدى.  بەختى ئېچىلسۇن ھەر بىر قىز-چوكانلارنىڭ.

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:19:33

روھچىن يېقىننىڭ ياقى يامان ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىغان بوپ كەتتىيا؟!

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:16:03

نېمە دىيىشنىغۇ بىلەلمەيلا قالدىم. 26 ياشنىڭ 56 ياشتەكلا ئەقلى باردە.
   نىمانچە ئېسىل يازىدىغان بوپ كېتىۋاتقانسىز ئەمدى، ئىلھاملىرىڭىز ئۇرغۇپ......
دۇنيادا مۇھەببەتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار.
بۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا قىبلىنامە قىلىپ كەلگىلى نۇرغۇن يىللار بوپ كەتتى............

ناھايىتى ياخشى نورمال كەيپىيات بىلەن ھەممىگە ئەتراپلىق قاراپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى سۆيۈشنى ئۇنۇتمىغان ھالدا ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت!!!


سىز سوۋغا قىلغان ئۇ كىشى مۇنبەرگە پات-پات كىرمىسە يا؟؟؟

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:20:55

سىز مەڭگۈ ئۆتمۈشىڭىزگە قايتىپ بارالمايسىز،  شۇڭا ئەسلىمىلىرىڭىزگە ئېسىلىۋالماڭ.  يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك ھامان ئۇچۇپ كېتىدۇ . . .  ئۇنى قويۇپ بەرگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى قويۇپ بەرگىنىڭىزدۇر !:victory:






ياۋاگۈل يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:57:25

تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.26ياشقا كىرىپمۇ مۇھەببەت دىڭىزىدا نىمەقىلىشنى بىلەلمەي،يىقىندىكى ساھىلنى كۆرەلمەي تىڭىرقاپ يۈرگەن مەندەك ياۋا گۈللەرگە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى.:'(

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:58:53

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:16 static/image/common/back.gif
نېمە دىيىشنىغۇ بىلەلمەيلا قالدىم. 26 ياشنىڭ 56 ياشتەكلا  ...

يېشىمنى كىم دەپ بەردى سىزگە؟ خوشنامنىڭ قىزىدەكلا گەپ قىلىسىزغو



قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:01:00

بىلمەمتىمكى، پىسخكىچى دەپ قوياڭ ماندا...;P
بەت: [1] 2
: ھەمشىرەم ! R