hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:55:33

تىك ئولتۇرسىڭىز بىر ئاز خوشال بولىسىز

پىسخولوگ ۋىللىيام جومس مۇنداق دەيدۇ :« ئەگەر كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىسا ، ئۇنداقتا ، كەيپىياتىڭىزنى بىر ئاز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ناھايىتى ئۆنۈملۈك بىر ئۇسۇل خۇشاللىق بىلەن قەددىڭىزنى رۇسلاپ  تىك ئولتۇرۇش ،  ھەمدە ئۈزىڭىزنى يالغاندىن ناھايىتى خۇشال ھالەتتە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىش ۋە پاراڭ قىلىش .   »
ئەگەر ئىش - ھەرىكىتىڭىزدىن خۇشاللىق ئىپادىلىنىپ تۇرسا  ، ئۇنداقتا پىسخىكا جەھەتتە مىسكىن ھالەتتە تۇرىۋىرەلمەيسىز ، بۇ يەردىكى چىنلىقنى ھىس قىلغاندىلا سىزنىڭ ھاياتىڭىز خۇشاللىققا تولىدۇ . نەزەرىيە بويىچە ئېپ ئېيتقاندا بۇنى « كەيپىياتنىڭ ئىش - ھەرىكەتكە  بولغان قايتۇرما ئىنكاسى » دەيمىز ......

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:59:43

بۇلىدىغان ئۇسۇلكەن. سىناپ باقاي جۇمۇ ؟

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:47:46

ھىلالئاي ، مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ دۈم ياتقان يېرىمدىن تىك ئولتۇرىۋالدىم جۇمۇ :P

soyqut يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:48:55

روھى-ھالەتنى تەڭشەيدىغان يېڭى پىسخىكىلىق ئۇسۇللاردىن بولسا ،يەنە داۋاملىق  ھۇزۇرىمىزغا سۇنغايسىز.....

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:47:51

ئانار يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:47 static/image/common/back.gif
ھىلالئاي ، مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ دۈم ياتقان يېرىمدىن تىك ئ ...

ھەدە  داۋاملىق تىك ئولتۇرۇڭ ھە ھى ھى ``

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:48:37

مەنمۇ شۇ كەيپىيات ناچار چاغدا كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا تىككىدە ئولتۇرۇپ چ چ دىكى بىر نەچچە يىقىنلىرىمغا بىر مۇنچە گەپ قىلىپ بىرىپ يەڭگىل بولۇپ قالىمەن `

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:08:54

مەن دائىم تىك ئولتۇرىمەن، شۇڭىمۇ خۇشال يۈرۈيدىكەنمەندە.:lol

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:01:27

تىك ئولتۇرسا ئادەم ئۆزىنى روھلۇق ھېس قىلىدۇ. بەك ھېرىپ چارچاپ كەتكەندە تىك ئولتۇرىسمۇ بىر خىل راھەتكە چىقىپ قالىدىكەن كىشى.

saye يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:09:06

ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمدا، دەرس خۇشياقمىسا، ئۆزۈمگە ۋە ساۋاقداشلىرىمغا « مۇشۇ كىتاب دىگەننى ئوقۇسام ئوقۇغۇم كېلىپ تۇرالمايلا قالىمەن، توۋۋا كۈندە بىرەر سائەت كىتاب كۆرمىسەم زادى بىر يەرلىرىم كام، كىتاب كۆرمىسەم چىداپ تۇرالمايمەن»دەيتتىم .، شۇنداق قىلىپ كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتەتتىم.

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:24:28

dilroh يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:47 static/image/common/back.gif
ھەدە  داۋاملىق تىك ئولتۇرۇڭ ھە ھى ھى ``

:'(ۋاي شۇ بەك ئولتۇرىۋېتىپ دۈم چۈشتۈم بۈگۈن
بەت: [1] 2
: تىك ئولتۇرسىڭىز بىر ئاز خوشال بولىسىز