قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:36:46

(قەھۋە)روھچىندىن ئىلھام ئالدىم...

مۇنبىرىمىزدە كەمىنىنىڭ ”بۈگۈن ئاخشام“  تېمىسىغا يولداش روھچىن بىر ئىنكاس يېزىپتىكەن، بىرىنچى قېتىم بىر ئوقۇپلا چىقىپ كەتتىم، بۈگۈن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. ئىنكاستا يازغانلىرى بەكمۇ ئورۇنلۇق، ھەقىقەتەن توغرا، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇزۇندىن بېرى يېزىشىنى ئويلاپ كېلىۋاتقان، ئەمما يېزىپ بولالمىغان بىر كۆڭۈل سۆزۈم بار ئىدى، شۇنى تۆكۈشنى خىيال قىلىپ قالدىم. كاللامغا نۇرغۇن نەرسىلەر كەچتى.......
   مەن مۇشۇ ئۆمرۈمگە كېلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپتىمەن، نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن. ھاياتىمدا خۇشاللىقمۇ بار، خاپىلىقمۇ بار. ئېرىشكىنىممۇ بولدى، يوقاتقىنىممۇ بولدى، ئەمما يوقاتقىنىمدىن ئېرىشكىنىم كۆپرەك. ھەر ھالدا خۇداغا يۈزمىڭ شۈكرىلەر ئېيتىمەن! ھەمدە ئاتا- ئانامغا!
   ئالدىراپ بىرەرسىگە قول قويۇپ ياكى قايىل بولمايدىغان مىجەزىم بار، ئەمما بۇ مەرۋەرى_پەرىدەگە شۇنچىلىك قايىل بولىمەن ھەم قول قويىمەن. دەسلەپتە ھەجەپ جاپاغا قالدىمۇ قانداق، دەپ ئويلىغان ئىدىم، كېيىن  پاراڭلىشىش ھەم كۈزىتىش جەريانىدا ھەقىقى چۈشەندىم. تۇرمۇشتىكى تۇتقان يولىغا قول قويدۇم. ئەسلىدە ئادەم دېگەن ئېرىشىشنىلا ئويلاپ، قۇربان بېرىشتىن قاچسا توغرا بولمايدىكەن. شەخشەن مەن شۇنداق ئۆتكەن بىر زامان، بۇ بەلكىم مېنىڭ ھەددىدىن زىيادە غايىۋىلىققا ئىنتىلىشىمدىن، رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتكىنىمدىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. مانا پەرىدە خانىم ئۆز تۇرمۇشىدا شۇنچىلىك جاپا- مۇشەققەتلەر ئالدىدا باش ئەگمەي، قەددىنى رۇسلاپ، يىقىلغان جايىدىن دەس تۇرۇپ ھازىرقىدەك ناھايىتى مۇقىم، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى، بەرپا قىلدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا قىسمەت_ئەمەتجان ئەپەندىنىڭ تەڭ ماسلىشىپ بېرىشى ھەم قوللىشى، ئوخشاشلا قۇربان بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسى ۋە كەچۈرمىشلىرى ماڭا چەكسىز ئىلھام ھەم مەدەت بولدى دېسەممۇ بولىدۇ. بالا تەربىيلەش ۋە ئۇلارغا باش بولۇش جەھەتتىمۇ ناھايىتى كۆپ قۇربانلىقلارنى بەرگەن. ھازىر بالىلىرى شۇنداق ياخشى شارائىتتا ئەتراپلىق تەربىيلىنىۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىدەك جىددى تۇرمۇش ۋە خىزمەت قىلىش شارائىتىدا، ھازىرقى بىر بالىنى ئارانلا بېقىپ، يەنە تېخى شۇنداق جاپا-مۇشەققەتتە تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇشتەك جىددى ۋەزىيەتتە بۇلارنىڭ 3 بالىنى بېقىپ، جايى- جايىدا ئېلىپ ماڭالىشى ئۇلارغا ئاسانغا توختىمىدى. ھەمدە بىر ياش ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ھەر قېتىم تۇرمۇشۇمدا بىرەر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىسام ياكى ئوغلۇمنى تەربىيلەش جەھەتتە بېشىم قېتىپ قالسا پەرىدەنىڭ زىيارەت سۆزىنى ئەسكە ئالىمەن، بەكمۇ قەيسەر ئايال، ئۇنىڭدىن كۆرە ”چېكىدىن ئاشقان سەۋىرچان“ دېسەم توغرا بولىدىغاندەك قىلىدۇ. چەكسىز سەۋىرچانلىقى مەندەك ئىتتىك مىجەز، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئايالنى قايىل  قىلدى، تەدرىجى ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي، ئېرىشىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش، بەدەل تۆلەش كېرەك، دەپ ئۆزۈمگە مەدەت قىلدىم. ئەلۋەتتە تۇرمۇشۇمدا ئاپامدىن ئىبارەت ئەڭ يېقىن دوستۇم ھەم سىردىشىمنىڭ بولۇشىنى ھازىرقى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن!  
   سۆزلىسەم يەنىلا مەرۋەرىگە ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولىمەن، ئەڭ دەسلەپتە كاللامغا كەلگەن ئوي، ”بۇ ھەدىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيسى ئىنتايىن ياخشى، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەنلىكى“.  
   ئۆزۈمچە بۇلارنى سۆزلىگۈم كەپ قالدى، بىۋاستە ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا سۆزلىگىلى بولمايدىكەن. شۇنداق بىر نۆرىتى كەلگەندە دېيىلىدىكەن، روھچىننىڭ ئىلھامىغا ئىلھام قوشقۇم كەلدى.
  بۇلارغا چىن دىلىمدىن بەخىت تىلەيمەن!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:15:16

ئاللا، ئاللا قەھۋە ~ بۇنداق ماختاشلارغا لايىق ئەمەستىم، رەھمەت سىزگە! مېنىڭ ئۆزۈم دىمەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن بىر يازغۇچى دوستۇم بولىدىغان ‹ ئىلى تىببىي مەكتىبى› دە تۆت يىل  بىللە ئوقۇپ، نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن بىللە ئۆتكۈزگەن، شۇ دوستۇمنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز گېپى ماڭا بەك تەسىر قىلغان.
‹ تۇرمۇش › دېگەن ئەسلى‹ تۈر+مۇش› دېگەن سوزنىڭ بىرىكمىسى، سەن مۇشتۇمىڭنى چىڭ تۈرەلىسەڭ ئاندىن تۇرمۇشتىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسەن.
شۇنداق ئىكەن، مۇشتۇم قانچە چىڭ تۈرۈلسە ئادەمنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن، گەرچە مەن بىرىنچى تۇرمۇشۇمدىمۇ مۇشتۇمۇمنى چىڭ تۈرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۆزۈم ئويلىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم، بۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر ئۆكۈنىمەن، شۇ سەۋەپتىن ئۈچ قىزىمنىڭ كەلگۈسىدە بىزدەك نەتىجىسىز تۇرمۇشلارنىڭ قۇربانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىز ئىككى ئانىسى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياراملىق بىر ئانا بولۇشى ئۈچۈن قىسمەت ئىككەيلەن تىرىشىمىز، تىرىشىۋاتىمىز، ئاللاھتىن شۇ ئەمگىكىمىزگە لايىق ئەجىرنى بېرىشىنى كېچە- كۈندۈز تىلەيمەن!
ئاخىرىدا ماڭا ياخشى تىلەك تىلىگەن، مەدەتلەرنى بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن! رەھمەت سىلەرگە! بەخت ئامەت ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:57:41

ھەي قەھۋە ھەدە بوش ماختاڭ ئۇچۇپ كېتىدۇ مەرۋەرى ھەدەم بىكار```:lol   مۇشتۇمۇڭىزنى داۋاملىق چىڭ تۇرۇڭ مەرەم ھەدە ھە``:P```

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:03:58

dilroh يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:57 static/image/common/back.gif
ھەي قەھۋە ھەدە بوش ماختاڭ ئۇچۇپ كېتىدۇ مەرۋەرى ھەدەم ب ...

ماقۇل ئۇكام!
مۇشتۇمۇمنى چوقۇم چىڭ تۈرىمەن:handshake

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:39:20

مەرۋەرى ھەدەمگە كۆپ جاپا تارتىپسىز دىسەم«ھەدىڭىزنىڭ چاچلىرى قاپ-قارا ئىدى تۇمۇشنى مۇشۇنچىلىك قىلىپ بولغىچە چىكەمدە ئاق چاچلار پەيدا بولدى. لېكىن، مەن رازى ھەم خۇشال» دىگەنتى شۇ گىپى ئورناپلا قاپتۇ. تۇرمۇش توغۇرسىدا گەپ بولسىلا شۇگەپ  ئىسىمگە كىچىدۇ.
تۇرمۇشقا بولغان يەڭگىلتەكلىك ئەر-ئايالغىلا ئەمەس پەرزەنت،  جەمىيەتكىمۇ چوڭ زىيان سالىدىكەن. ئەمما تۇرمۇشنى ھەقىقى مەنىسىدىن چۈشۈنۈپ، مۇشنىڭ بېسىمىغا چىداپ تۇرالايدىغان ، ۋە ئۇنى كۆنترول قىلالايدىغان قىز- ئاياللار ئاز ئۇچىرايدىكەن.
بىزدە قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيسىنىڭ نەقەدەر ئىتىبارسىز قېلىۋاتلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئەلۋەتتە بۇلارنى قىسمەتكامدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دەرەخ ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ يىلتىزىغا سۇ بارمىسا كۆكلىمىگەندەك .
بۇ بىر جۈپلەرگە ۋە بەخىتلىك ئائىلىگە كۆزتەگمىگەي ئىلاھىم

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:45:35

http://img.nr99.com/attachment/forum/201112/28/140741y7y4y2ziid177yt9.jpg

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:44:39

تۇرمۇش ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىنى چۈشىنىشى، بىر- بىرىگە ئىشىنىشى بەدىلىگە ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىدۇ.
مەيلى تۇنجى قېتىملىق تۇرمۇش بولسۇن، مەيلى ئىككىنچى قېتىملىق تۇرمۇش بولسۇن ئەر- ئايالدا قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق بولمايدىكەن، قانچىلىق مال- دۇنياسى، ھوقۇقى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ تۇرمۇش بەئەينى دوزاققا ئوخشايدۇ، ئائىلە ئەزالىرى بۇنداق تۇرمۇشتىن بەخت ھېس قىلالمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:45  

PINHAN يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:24:24

قەھۋە، ئىككىيلەن تۇرمۇش توغۇرلۇق سۆزلىشىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ ھە! مۇشۇ خىزمەت دەپ ئالدىراشلا بولۇپ كەتتۇق! سىز ئۆزىڭىزنىڭ غايىۋىلىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئاخىر ھېس قىلىپىسىز ھە! بەك ياخشى بوپتۇ،كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلىمەن!
پىنھاندىن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قىزلارغا ئوتلۇق سالام، قەھۋە بىرقانچە قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ تۈگىمەس ئالدىراش خىزمەت سەۋەبى بىلەن كىرىپ بولالمىغان ئىدىم، ئەمدى ئۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرىمەن، ئىنشائاللاھ! ئەمدى دائىم كىرىپ، ھەرقايسى ھەمىشىرىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، مەنىۋىيىتىمنى بېيىتىشقا تىرىشىمەن!

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:50:12

بۇ ئىككى ئاكا - ھەدىلەرنىڭ زىيارەت خاتىرسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنداق قايىل بولدۇم ، ئۇلارغا چىن كۆڭلۇمدىن قول قويدۇم . ھازىرمۇ شۇ زىيارەت خاتىرسىنى پات - پات ئاڭلاپ تۇرمەن . بۇ ئىككەيلەنگە چەكسىز بەخىت تىلەيمەن .

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:42:43

پەرزەنت ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، تىرمىشىۋاتقان بارلىق ئانىلارغا، ھەمشىرىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئېھسانى بولسۇن.
مەرۋەرى،سىزگە خۇشاللىق تىلەيمەن. سىزگە بەخت- سائادەت تىلەيمەن. شۇنداقلا،مۇنبەردىكى بارلىق چوڭ كىچىك ھەدە-سىڭىللارغا بەخت-سائادەت تىلەيمەن.
بەت: [1]
: (قەھۋە)روھچىندىن ئىلھام ئالدىم...