peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:35:28

قەلبى پۈچەك، نامەرت ئەر-يىگىتلەر

  بىر قىسىم قەلبى پۈچەك نامەرد ئۇيغۇر ئەر-يىگىتلىرى
      
    ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، ئەرلەر ئەلنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئەلنىڭ غېمىنى يىمىگەن ئەر ئەمەس. ئەرلەر ئۇرۇشتا ۋەتەننى قوغداپ، خەلقنى ياۋدىن قۇتقۇزىدۇ، ھەقىقى ئەركەك باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ، يىتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ، يۇرتنى ئامان قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن باش تارتمايدۇ. دىگەن لەۋزىدە تۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالمايدۇ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ، شۇڭا ، يولۋاس ئىزىدىن  قايتماس، يىگىت سۆزىدىن قايتماس دىگەندەك ماقال تەمسىللەر ئەرلەرنىڭ جاسارىتى، مەرتلىكى، نوچىلىقى ئۈچۈن تارىخى يازمىلارغا يېزىلغان ئىدى.
   ئادەتتە،  جىسمانى، پىسخىكا جەھەتتىن ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان، گېن جەھەتتىن  X Y  خروموسۇم بولغان ئادەم، ئەر دىيىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئەرلەردە ئەرلىك كۆپىيىش ئەزالىرى، ئەرلەرگە خاس مىجەز، جاسارەت بۇلۇپ، ئەرلەردە ئەركەكلىك بولىدۇ. بۇلار ئەر دىگەن ئوقۇمنىڭ ئاددى چۈشەندىرلىشى( بەيدۇ تورىدىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى.)
    ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەزەلدىن، چىن تۆمۈر باتۇردەك باتۇر، ھاتەمدەك مەرت، سېخى ئىدى، پەرھاتتەك ئۆز يارىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن تاغنى تالقان قىلىپ، يۇرتقا سۇ باشلايتى.  شۇنداقلا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، لەۋزىدە تۇرۇپ ، ھارامغا قول ئۇزاتماي، سەمىمىلىك بابىدا ئۆزىنىڭ دىگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلاتتى.  ھازىر بىر قىسىم قەلبى پۈچەك، دىلىدا ئىمان سۈسلىشىپ كەتكەن،ۋجدانىنى ئىتمۇ يىمەيدىغان بىر تۈركۈم ئالدامچى، نامەرت،زەيپانى ئەر-يىگىتلەر يېتىشىپ چىقىپ، ۋەدىسىىگە ئەمەل قىلمايدىغان، ئالغاننى ۋاقتىدا قايتۇرۇش تۈگۈل، تېخى قايتۇرمايدىغان ، باشقىلارنىڭ ھەققىگە قول سۇنىدىغان، ھەتتا، يىتىم-يېسىر، تۇل-خۇتۇنلارنىڭ ھەققىگە كۆز سالىدىغان، قارا قۇلىنى سوزىدىغان زەيپانى، قەلبى پۈچەك ئەر چىگىتلەر مەيدانغا كەلدى.  بۇ خىل زەيپانى ، پۈچەكلەشكەن  نامەرتلەر شۇ دەرىجىگە باردىكى،  تىلىمىزدا قويمىچى دىگەن ئۇقۇم شۇ دەرىجىدە ئومۇملاشتى ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلدى، ھەتتا شۇ خىل قەلبى پۈچەك، ۋىجدانىنى ئىتمۇ يىمەيدىغانلارنىڭ شۇ نۇمۇسسىز قىلىقىدىن ، ئادەملەر ھەتتا يېقىن ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ھەتتا ئىشىك ئالدىغا كەلگەن تىلەمچىگىمۇ، مەسجىت ئالدىدىكى دوختۇرخانا ئىسپاتلىرىنى كۈتۈرۈپ، زار-زار يىغلاۋاتقانلاردىنمۇ گۇمانلىنىدىغان، ئۇلارغا راستمىدۇ دەپ گۇمانى نەزەردە قارايدىغان، ھەقىقى قىينچىلىقى بارلارمۇ شۇلارنىڭ دەستىدىن تېگىشلىك ياردەمگە ئېرىشەلمەي، ئادەملەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتتىن ئۈمۈتسىزلەندى، ۋە ئۈنسىز نىدالىرىنى ئامالسىز تىترىگەن لەۋلىرىدە پىچىرلاشقا مەجبۇر بولدى. ئەرلەرگە زادى نىمە بولدى دەپ ۋاقىرىغۇم كېلىدۇ،يىگىتلەرگە سۇئال قويغۇم كېلىدۇ، بىز مەرد ئىدۇققۇ، ئارىمىزدىن نۇرتاي ھاجىدەك يېتىم -يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغانلار چىققانغۇ، ھەسەنجاندەك ساخاۋەتچى ئاتىلىرىمىز با ئىدىغۇ، رەيھان ئاپپايدەك مېھرىبان ئانىلىرىمىز بار ئىدىغۇ، ساخاۋەتچى ئانىلىرىمىز بار ئىدىغۇ، ئەجىبا شۇلارنىڭ روھى، ئەجداتلارنىڭ مەردانە روھى، ھالال ياشاپ، لەۋزىگە ۋاپا قىلىدىغان روھى، ئۇلارنىڭ پۈچەك دىللىرىنى يۇرۇتالماسمۇ ، ئۇلارنىڭ دىللىرى شۇ دەرىجىدە قەسەۋاتلىشىپ كەتكەنمىدۇ ؟ روھى شۇ دەرىجىدە خۇنۇكلىشىپ كەتكەنمىدۇ؟ مىڭ يىللىق ئېتىقادىمىزنىڭ ئازراقمۇ بىخلىرى تېپىلماسمۇ ؟ ئەجەبا ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى ، بوۋىسى، مومىسى، ئەجداتلىرى ،يەتتە پۇشتىمۇ قويمىچىمىدۇ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، ھارام يەيدىغان، باشقىلارنىڭ يېتىم-يېسىر، تۇل-خۇتۇنلارنىڭمۇ ھەققىنى ئېلىۋالىدىغان قەلبى پۈچەك زەيپانىلەرمىدۇ ؟
     «...................  ئەتىلا قايتۇرۇپ بېرىمەن، بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىمەن، جىددى لازىم بولۇپ قالغان، دوستۇم ئاغرىپ قالغان، ئاپام ئاغرىپ قالغان، بالام ئاغرىپ  قالغان، دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئاغرىپ قالغان، ئەتىلا ئوپىراتسىيە قىلماقچى ئىدى. دادام ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىغان،  بىر سائەتتىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىمەن، بىر كۈن ساقلاپ تۇرغىن، ئەتىلا قايتۇرۇپ بىرىمەن، سەل تۇرۇپ  بانكا كارتاڭغا ئۇرۇۋېتىمەن. .........»   قايسىلىرى راست،قايسىلىرى  يالغان، قايسىلىرى ئامالسىزلىقتىن، قايسىلىرى كولدۇرلىتىپ دىيىلگەن گەپلەر.
      ئۇلارغا شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كېلىدۇ، ئۇنتۇپ قېلىشما نامەرت زەيپانى چوشقىلار : سەن ئالدىغانلار، ساڭا ئىشەنگەنلەر، ساڭا كۈيۈنىدىغانلار، ساڭا بەخت تىلەيدىغانلار. سىنىڭ دوستۇڭ، سىنىڭ قېرىندىشىىڭ، سىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىڭ، تاغا ھاممىلىرىڭ، ئاچا-سىڭىللىرىڭ .....
      
   مىسال بىر: ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن ئىدى، مەلۇم كەسپى ئۇرۇندا ئىشلەيتى، بىر تۇل ئايال ئامالسىزلىقتىن ئۆيىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى، ساتقاندىمۇ ، ئۆينى بەكلا ئەرزان سېتىۋەتتى،  ئۇ ئاۋال پۇلنىڭ  يېرىمىنى بەردى، كېيىن ئۆينىڭ رەسمىيەتلىرى پۈتكەندە بىرىمەن دىدى، شۇنداق قىلىپ، ئۆينىڭ پۈتۈن رەسمىيەتلىرى پۈتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆينىڭ پۇلىنى بىرىشنى كەينىگە تارتتى، ھەتتا، ئۇ ئۆينى باشقىلارغا يۇقۇرى باھادا سېتىپ، ئارىدىن شۇنچىلىك جىق پۇل ئالغان بولسىمۇ، لېكىن، يەنىلا ئاشۇ تۇل خۇتۇننىڭ قەپقالغان پۇلىنى بەرمىدى، تۇل ئايال نەچچە قېتىم ئۆيىگە ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ تۈلكىدەك ھىجىيىپ، يەنىلا پۇلنى بىرىشنى كەينىگە تاتتى، ھەتتا تۇل ئايال بىر قېتىم ئىزدەپ بارغاندا، ئەركىننىڭ قېينى ئاتىسى تۇرپاندىن چىققان ئىكەن، ئۇ كىشىمۇ بار،  ئاخىرى قېينى ئاتا چىدىماي، كۈيئوغلىنىڭ بۇ قەپ قالغان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى تۇل ئايالنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەردى، شۇنداقتىمۇ، قەپقالغان ئۆينىڭ بىر قىسىم پۇلى تېخىچە بۇ نامەرت، قەلبى پۈچەك، ۋىجدانىنى ئىتمۇ يىمەيدىغان بۇ ناكەس ئەر، تۇل خۇتۇنغا بەرگىنى يوق.
   مىسال ئىككىنچى :  ئۇنىڭ ئىسمى     چ    ئىدى،  خىزمەتدىشىغا بىر كۈنى جىددى تېلفۇن قىلدى،  دوستۇم كورلىدىن ئىدى، ئۇنىڭ قولى پېيىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ، ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەن، جىددى پۇل لازىم بۇلۇپ قاپتۇ، مۇمكىن بولسا، پۇل بىرىپ تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە خەۋەر قىلىپ، ئۇلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ بولغۇچە، بىر ھەپتىگىچە پۇلىڭىزنى قايتۇرىمەن، خىزمەتدىشى ئېنىق دىدى، مىنىڭ يېنىمدا نەق پۇل يوق، بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بار، شۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ بېرىپ تۇراي، ئەمما بۇ پۇلنىڭ ئۆسىمى چىقىدۇ، بانكىدىن. ۋاقتىدا قايتۇرمىسا بولمايدۇ، سىزنىڭ دوستىڭىزغا بولغان ساداقىتىڭىزدىن بۇ پۇلنى بىرىپ تۇراي، سىزمۇ ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ، ئۇ خۇدانى شىپى كەلتۈرۈپ، قەسەملەر قىلىپ، پۇلنى ئالدى، ئەمما، ئارىدىن بىر ئاي، ئىككى ئاي، بىر يىل، ھەتتا نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما، ئۇ پۇلنى قايتۇرمىدى، ھەتتا ئاخىرىدا، مەن سىزدىن قانچە پۇل ئالغان ئىدىم، دەپ خىزمەتدىشىنى توۋا دىگۈزدى،  خىزمەتدىشى بۇ 1500 يۈئەن پۇلنى ئايالىدىن بىسوراق بىرىپ تۇرغان ئىدى، چۈنكى، ئۇ    چ   غا ئىشەنگەن ئىدى، بىر ھەپتىگىچە قايتۇرۇپ بەرسە، ئورنىنى تۇللۇقلاپ قويسام بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما، ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دەپ، تىل قىسىلچىلىقتا قالدى، ئايالى بىلەن نەچچە قېتىم مۇشۇ ئىش توغرىلىق خىجىلچىلىقتا قالدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مائاشى مىڭ يۈئەنگىمۇ بارمايتى، ھەر ئايدا تۇللۇقلاپ، يەنە ئۆز جايىغا قىلىش ئۈچۈنمۇ، بىر كىملەردىن ئاۋال بىر كۈنلۈك پۇل ئېلىپ، پۇلنى بىر كۈن كارتىدا تۇرغۇزۇپ، ئەتىسى سېلىپ بىرەتتى، ئۇ باشقىلاردىن ئالغان پۇلنى ۋاقىتدا قايتۇراتتىكى، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن، ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن بەكمۇ قورقاتتى.
   مىسال ئۈچىنچى :  ئۇنىڭ كۆڭلى ئاق ئىدى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى، شۇ ئارقىلىق ساۋاب تېپىشنى ھەم باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرىشنى ئۈمۈت قىلاتتى، ئىدارىدىن ئۆي ئالىدىغان چاغدا، ئۇ بەكمۇ قىيىنچىلىقتا قالدى، قەرز ئېلىشتا بەكمۇ قىينالدى، ھەتتا تورلارغىمۇ ئېلان چىقاردى، توۋا، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى بەكمۇ بەكمۇ بەكمۇ ساددىلىقتۇ، بەكمۇ ئاددى ئويلىغانلىقتۇر، ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ سەمىمى قەلبىنىڭ باشقىلارنىڭ بىرەرسىنىڭ چۈشىنىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئاقىۋەت، توردىن، ئۇ ئويلىمىغان ئىنكاسلارنى كۆردى، ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددىلىق  قىلغانلىقىدىن، ئىشلارنى تولىمۇ ئاددى ئويلىغانلىقىدىن بىر تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە، بىر تۇرۇپ، بىرمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىگە تەئەججۈپلەندى، ئەمما، ئۇلاردا نىمە گۇناھ ؟ دۇنيادا باشقىلار ئاكا ئىنىنى، بالا ئاتىنى ئالداۋاتقان، دوست دوستىنى، شېرىكى ھەمراھىنى ئالداۋاتقان، قويمىچىلىق قىلىۋاتقان ئادەم بىرسىگە پۇل بىرىپ تۇرۇشتىن سەسكىنىپ كەتكەن مۇشۇنداق مەزگىلدە ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا بانا سەۋەب بولسۇنمۇ؟ ئاھ، ئادەملەر، ئەركەكلەر، يىگىتلەر، سىلەر زادى نىمە بولدۇڭلار ؟
     مىسال تۆتىنچى :  مەلۇم تور بەتكە ئەزا ئىدىم، ئاليى ئەزامۇ بولدۇم، شۇ جەرياندا، مۇنبەرداشلار بىلەن شۇ دەرىجىدە يېقىن بوپ كەتتۇقكى، مۇنبەردىن ئايرىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدۇق، مۇنبەر بىزنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى، بىزنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، شۇنداقلا بىز قىلىۋاتقان ساخاۋەت ئىشلىرى بار ئىدى، ھەر يىلى نۇرۇزنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65- مەكتەپكە بېرىپ،  ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ پۇلىنى تۆلەپ بىرەتتۇق، ئارىمىزدىكى دىلبەر ھەدەم، بۇ ئىشلارنىڭ سەردارى ئىدى، بىز يېقىندىن ھەمدەمدە بولاتتۇق، دىلبەر ھەدەمنىڭ ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، ھىساپتا ئۇلار بىزگە ئانا يوللۇق كىشىلەر، ھەر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا، ساخاۋەت ئۈچۈن، كارتىنى مىدىرلىتىپ تۇراتتى، بىزمۇ مىدىرلىتاتتۇق، ئۇندىن باشقا « بىر يۈئەن پىلانى» نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئەيساجان ،توردىكى تەخەللۇسى ۋاپادارىم 912،  بۇ ئىشلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيتى، بىزمۇ بىر يۈئەن پىلانىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيتۇق. شۇنداق قىلىپ، ئازدۇر كۆپتۇر پۇللار يىغىلغاندا، شۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغىچىلارغا  ياردەم قىلاتتۇق، توردا ئېلان قىلغان، ئاق قان كىسىلى ۋە ياكى تۇمۇر راكى ....دىگەندەك ياردەمگە مۇھتاج بىمارلارغا ياردەم قىلاتتۇق، ساخاۋەت ئىشلىرى بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى، ئەلۋەتتە، بىزدە ئېشىپ تېشىپ تۇرغان ئىختىساد يوق ئىدى، ئەمما، ھەممىمىز شۇ بىزدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىقلارنى ئويلايتۇق، ياردەم بەرمەكچى بولغان شۇ بالىلارغا ساخاۋەتچى ئاتىلارمۇ ياردەم قىلغان ئىدى، شۇ كىشىنىڭ بىرسى پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگىمۇ سەپەر قىلدى. (ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن ).
     مىسال بەشىنچى : بۇ دوستۇم، بەكمۇ ئاق كۈڭۈل، تىرىشچان يىگىت، ئۆزى مەلۇم ئۇنۋېرستتا ئىشلەيدۇ، توردا مەلۇم بىر كىچىك قىزنىڭ قان راكىغا گىرىفتار بولغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق، دوستۇم شۇ كۈنىلا تېلفۇن قىلىپ، كەچتە بىرگە يوقلاپ كېلىشنى ئېيتتى، مەن خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم، مەنمۇ ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈردۈم، دوستۇم پەقەت سىرتقا چىققاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مىڭ سوم ياردم قىلغانلىقىنى بايان ئەيلىدى، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم، ئەمەلىيەتتە ، ئۇ ئۇنچىۋالا باي ئەمەس ئىدى، يېڭىلا ئۆي سېتىۋالغان، ئايالى ئىشلىمەيتى، بىر قىزى بار ئىدى، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىكلا مائاشى بار ئىدى.
     مىسال  ..........................
        ئارىمىزدا بۇنداق مىساللار بەك جىق.
       مەن ياخشى مىسالنىمۇ ئالدىم، يامان مىسالنىمۇ ئالدىم،   نەزىرە مۇھەممەد سالىھ « شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ » دىگەن كىتاۋىدا، « قەۋرىدىكى بۈيۈك ئانىلارنىڭ روھى ئارقىلىق، يەردە تىرىك يۈرىۋاتقان ئانىلارنى ئويغىتاي»دىدىم دەپ يېزىپتىكەن، مەن، گەرچە ئەرلەردىكى بۇ خىل قويمىچىلىق، ئالدامچىلىق، باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالىدىغان زەيپانى قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلەنسەممۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ، ئارىمىزدىكى ئىسىل ئەر-يىگىتلەردىن ئۈلگە ئېلىشىنى، ئۆز قىلمىشىدىن قاتتىق نۇمۇس قىلىشىنى، بۇ جاھاننىڭ ئۇزۇن جاھان ئىكەنلىكىنى، ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق قايتىدىغانلىقىنى، كىشىنىڭ ھەققىنىڭ كىشىدە قالمايدىغانلىقىنى بىر كۈنلەردە تۇنۇپ يېتىشىنى ،ھىچ بولمىغاندا سەكراتتا چۈشكەن ۋاقىتتا تۇنۇپ يېتىشىنى، ئۇ چاغدىمۇ تۇنۇپ بولالمىغاندا، ئوت ئازاۋى كۆيدۈرگەندە چۇقۇم تۇنۇپ يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
        كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.
       كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
      كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش بەكمۇ نۇمۇسلۇق، ۋىجدان سورىقىغا تارتىلىدىغان ئىش،  ساماۋى كىتاپلاردا شۇنداق قەيت قىلىنغان،  تەڭرى باشقا گۇناھلاردىن  خالىسا ئۆتىدۇ، خالىسا كەچۈرۈم قىلىدۇ، خالىسا، ئۆتمەيدۇ، ئەمما، كىشىنىڭ ھەققىنى يىگەنلەرنىڭ گۇناھىدىن تاكى شۇ كىچى ئۆتمىگۈچە تەڭرى ئۆتمەيدۇ.  شۇ كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن قەرز  ئىگىسىگە بۆلۈپ بىرىلىدۇ.
      پۈتۈن كائىناتتىكى جىسىملار تەڭپۇڭ ھالەتتە يارىتىلغان، قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى، ئاي بىلەن يەر شارى ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى، قۇياش بىلەن ئۇنىڭ 9 سەييارىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق ۋە تەڭپۇڭلۇق، سامانيولى سىستېمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، دېڭىز بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىدىكى تارتىش تەڭپۇڭلىقى، پۈتۈن كائىناتتىكى بارلىق جىسىملار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغان ھامان پۈتۈن  جىسىملار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق مۇۋازىمىتى بۇزۇلۇپ،  تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان ھامان پۈتۈن جاھان يەر-زېمىن ۋەيران بولىدۇ، يەر-زېمېن ۋەيران بولغانىكەن، ئىنسانلارمۇ ھايات قالمايدۇ، ياخشىلىق رەزىللىكتىن  ئۈستۈن ھالاتتە يارىتىلغان. ھەر كىم قىلغان ئەتمىشلىرىنىڭ ھىساۋىنى چۇقۇم بىرىدۇ، ئاجىزلار ھامان ئاجىز بۇلۇپ، يىغلاپ كېتىدىغان، زومىگەرلەر، مۇشتۇمزورلار ،  خيانەتچىلەر، مەڭگۈ ئۈستۈن بولىدىغان مۇتلەقلىق يوق، ئۇلارمۇ قىلغانلىرىغا يارىشا جازاغا ئۇچرايدۇ، ئاجىزلارمۇ ھامان بىر كۈنى غالىپ كېلىدۇ. ھەممە ئىش باراۋەت، تەڭپۇڭلقىنى ھامان مەڭگۈ ساقلايدۇ.

مەنبە: ئۆزەم. مىلادى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10 دىن 25 مىنۇتتا يېزىلدى.
      
   
   


روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 08:42:25

تارىختىن بىرى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ياخشى بىلەن يامان ئوخشاش مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنلەردە جەمىيەتكە قارىسا ئىشىنىشكە تىگىشلىك ئادەملەردىن ئىشەنچىگە يارىمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپمىكىن دەپ قالىدىكەن.
ئىشەنچىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يامانلاردىن بولماسلىقى مۇمكىن، قانچىسىنىڭ قەلبى قارا، قانچىسى ئامالسىز قېلىۋاتقان بۇنىڭغا بىرنىمە دىگلى بولمايدۇ .

guldana يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:05:57

مۇشۇنداق ئىشەنچىسىز ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن جان تۇمۇشۇققا كېلىپ قېلەپ بىراۋنىڭ ئالدىغا ياردەم سوراپ بارسىڭىز بار تۇرۇپمۇ سىزگە ياردەم قىلىشتىن قورقىدىغان ئىشلار بەكمۇ جىق، سەۋەبى يۇقۇرقىدەك يالغانچىلىقلار ئۇلارنى شۇنداق ئېھتىياتچان قىلۋەتكەن.
مېنىڭ بىر دوستۇم ئۆزى يالغۇز، خىزمەت ئورنى يوق پەقەت تۆۋەن كاپالەت پۇلى شۇنداقلا قىزلىرىنىڭ دادىسىنىڭ ئازغىنە ياردەم پۇلى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، ئۇ شۇنداق ئىقتىساد قىلىپ يۈرۈپ ئازراق پۇل يىغقان، سەۋەبى ئۇ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغانلىقتىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ بېرىپ قالماي دەپ شۇنداق قىلغان ئىكەن، ئەپسۇس ئارىمىزدىكى بىر يېقىن ئۆتىدىغان دوستىمىز ماشىنا ئالىدىغان بوپ قالدىم، ئۈچ ئاي ئىچىدە پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئالغان، لېكىن مانا ھازىر بىر يېرىم يىل بولاي دىگەن، دوستۇم ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتى، باشقىلاردىن قەرىز ئالدى، ئەمما ھېلىقى پۇلنى ئالغان دوستىمىز بولسا پۇلنى قايتۇرۇش بۇياقتا تۇرسۇن دوختۇرخانىغا بىرەر قېتىم يوقلاپ بېرىپمۇ قويمىدى، مانا مۇشۇنداق ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلارنىڭ جىقلىقىدىن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ بارا- بارا سۇسلىشىشقا ھەتتا يوقلىشى گىردابىغا بېرىپ قالدى..... بۇنداق مىساللارئەتتىراپىمىزدا نۇرغۇن لېكىن نىمە ئامال دەيسىز:(

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:25:41

مۇسۇلمان ئەھدىدە تۇرمىسا قالغان ئارتۇق گەپ -سۆز .....:(ھىم
تېنچ تۇرمۇشنىڭ تېمىسىنى ئۇزاق بوپتىكەن كۆرمىگىلى

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:38:29

ۋاي ۋاي ۋاي مۇشۇ قەرىز سورايدىغانلار ئالىدىغاندا مىھمان قىلىپ  ،ئالدىڭىزدا قىلمىغىنى قالمايدۇ ، بىرىدىغان چاغدا  مانا ئەنە ، ئەتە ئۈگۈن دەپ گەپلىرنى ئاڭلىسىڭىز ئۆيىدە بىر تامچە سوغوق سومۇ قالمىغاندەك گەپ قىلىدۇ ، جىدى لازىم بولغاندا قارسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئەمدى پۇل سورسا ئاستا بانكىنى كۆرسىتىپ قويمىسام . يۈزى قىلىن ئادەملەردىن بەك بىزار بولدۇم لىكىن .......:Q:Q

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:45:30

تاجىكىستاندا ، ئەڭ ئەڭ ئەڭ ناچار ئادەمنى ھىندوس دەپ تىللايدىكەن، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ ئەڭ ئەڭ سەت، ناچار تىللايدىغان سۆز بولسا ئىدى، بۇلارغا شۇ سۆزنى ئىشلەتكەن بولاتتىم.
بەت: [1]
: قەلبى پۈچەك، نامەرت ئەر-يىگىتلەر