ماقال- تەمسىل توپلايلىچۇ
بۈگۈن چوڭ قىزىم بۆرە توغرىسىدىكى ماقال- تەمسىل توپلاش تاپشۇرقىنى توپ- توغرا ئىككى سائەت ئىشلىدى، مەنمۇ تەڭ ياردەملىشىپ توردىن ئاران ئۈچ ماقال- تەمسىل تېپىپ بېرەلىدىم، تۇرۇپلا دوستلار بىلىدىغان ماقال- تەمسىللىرىنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا مۇنبەردىكى بىر تولۇقلىما بولغۇدەك دەپ ئويلاپ، بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ماقال- تەمسىل ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەرنى ئايىماي يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ( بولسا چۈشەندۈرلىشى بىلەن بولسا تېخىمۇ ياخشى)بىر كۈنلەردە سىزنىڭمۇ پەرزەنتىڭىزگە كېرەك بولۇپ قالغاندا مۇشۇ ئەرزىمەس تېمىنىڭ سىزگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تەگسىكەن دەپ ئويلايمەن. قېنى ئەمسە مەن ئېسىمگە كەلگەن بىر نەچچە ماقال- تەمسىلنى يوللاپ باقاي، قېنى سىزمۇ قاراپ تۇرمىغايسىز:Pقوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق، قاغىنىڭ دەرەخ بېشىدا.
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر.
بۆرە بار يەردە قان بار، پارا بار يەردە سان بار.
چۆچىنى كۈزلۈكتە ساناڭ، ئوغلاقنى تۈزلۈكتە ساناڭ.
يەرنى بېقىپ باغ ئەت، مالنى بېقىپ ياغ ئەت.
شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆشكىدە مال ئەتمە.
ئوتۇن يىغدىڭ كۈل يىغدىڭ، ئوت - چۆپ يىغدىڭ پۇل يىغدىڭ.
مال باقساڭ، يەمنىڭ غېمىدە بول، ئۆي سالساڭ دەمنىڭ غېمىدە بول.
ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ بولار. بېلىق تولغىنىپ يىلان بولماس،موماي ياسىنىپ جۇۋان.
ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ.
ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرسەڭ،يۈزۇڭگە چۇشەر.
ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق ،
ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى يوق.
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:09
تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
پاختەكتە بار كۆڭۈل، تورۇلغىدا يوقمۇ
ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ.
سەن سالا، مەن سالا، ئاتقا ئوتنى كىم سالا.
غازنىڭ گۆشىنى يىسەڭ، ئۆردەكنىڭ پېيىدە بول.
قۇرۇق دۇئايىسالامغا توكۇر بارىكاللا
قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش
كۆيگەن جۇۋانغا ئات تىزىكى ئاي كۆرىنەر
ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا ( ھەسەل ھەرىسىنىڭ خۇيى باشقا)
ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئىتەلمسەڭ ئۈزۈپ ئەت.
ئىت مۈشۈكنى بويرىسا، مۈشۈك قويرىقىنى بويرۇپتۇ.
ئىتنىڭ ئىگىسى بولسا، بۆرىنىڭمۇ خۇداسى بار
( ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن)
ئۆردەك بىلەن غاز ئوينايدۇ، چىۋىن بىلەن تاز (ئوينايدۇ)
يادىمغا كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك ئىكەن ~! ئىگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپ كىتىپتۇ. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە!
تۇخۇ داڭگال چۈشەپتۇ،ئۆچكە جاڭگال. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال،ئاغرىمىسا ئۆزگىگە! بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر. قۇلۇڭدىن كەلسە،ئەلدىن ئايىما.
ماختانغاننىڭ ئۆيىگە بارما،
كېرىلگەننىڭ تويىغا.
راھەت بىرلەپ كېلەر، رەھمەت ئونلاپ كېلەر .
چالا موللا ۋالاقلايدۇ، ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ. تەننىڭ ساقلىقى ئۆمۈر بايلىقى، خاتىرجەملىك كۆڭۈل بايلىقى.
كۆيگەندىن، كۆنگەن يامان.
ئاق كۆڭۈللۈك توغۇرسىدا بىر نەچچە ماقال- تەمسىل يېزۋېتىڭلارچۇ، ئەزىزلەر!!!:L
بەت:
[1]
2