روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:29:35

قىسمەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! يەتتە قىزلىرىم ئەھلى !ھېيتمۇ تۈگۈدى، ھېيتنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئالدىراشچىلىقمۇ تۈگۈدى. ئۇھ دەپ ئولتۇرغۇدەك ئارام تاپقاندا بۇ مەۋھۇم ماكاننى سېغىندۇق .
مەن بولمىغان بىلەن مۇنبەر قايناۋىرىپتۇ ئەمەسمۇ . . . «مەن بولمىساممۇ ئالەم چۆگىلەۋىرىدۇ» دىگەن گەپ شۇ بولسا كېرەك .
بىكارغىلا گەپ سېتىپ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن . . . بىر توردېشىم يوللاپ بەرگەن ئېبرەتلىك ھىكايىنى ئالغاچ كەلدىم.
ئەمما ھىكايىنىڭ ئاپتۇرى ۋە مەنبەسىنى ئىنىقلىيالمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەنبە سۈرۈشتۈرمەي ئۇقۇپ قۇيىشىلا
http://www.rohqin.com/wp-content/uploads/2011/11/qismet.jpg


بىركۈنى بىر ئىستاكان خوجايىنغا دەپتۇ: غېرىپمەن، سۇغا مۇھتاجمەن، ئازراق سۇ بەرسىڭىز قانداق ؟
خوجايىن دەپتۇ: ماقۇل، سۇغا ئېرىشسەڭ بەلكىم غېرىپلىق ھېس قىلماسسەن …
ئىستاكان دەپتۇ: چۇقۇم شۇنداق.
شۇنىڭ بىلەن خۇجايىن ئىستاكانغا قايناق سۇ قۇيۇپتۇ. قىززىق قايناق سۇدا ئىستاكان خۇددى ئېرىپ كەتكەندەكلا ھېسياتتا بۇپتۇ.«بەلكىم بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.
ئاستا-ئاستا سۇ يىلمان بۇپتۇ، ئىستاكان ناھايىتى راھەتلىنىپتۇ« مانا بۇ ھەقىقى تۇرمۇش بولسا كېرەك »دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.
ئاخىردا سۇ سۇۋۇپتۇ، نىمىشقىدۇر ئىستاكان قورقۇشقا باشلاپتۇ، « بۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان يۇقىتىش بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.
ئەڭ ئاخىرىدا سۇ مۇزلاپ كىتىپتۇ، ئىستاكان قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ ئويلاپتۇ« بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ؟»
ئىستاكان قاتتىق ۋارقىراپتۇ:« خوجايىن، سۇنى تۆكىۋەتسىڭىز، ماڭا ئەمدى كىرىكى يوق سۇنىڭ » ئەپسوس خوجايىن يوقكەن.
«ئەبلەخ، سۇ نىمە دىگەن سۇغۇق، بەكلا بىئارام قىلىۋەتتى» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان. ئاخىرى سۇغۇققا چىدىمىغان ئىستاكان قاتتىق بىر تەرۋىنىپتۇ، سۇ چاچراپ تۆكۈلۈپتۇ، ئىستاكان قاتتىق شادلىنىپتۇ.
ئەمما، ئىستاكانمۇ يەرگە يېقىلىپ چۇل-چۇل بۇلۇپ كىتىپتۇ . شۇندىلا ئىستاكان شۇنى بايقاپتۇكى ئۇنىڭ جىسمىنىڭ ھەممىلا يىرىدە سۇنىڭ ئىزناسى بارئىكەن . . .
ئەڭ ئاخىرىدا ئىستاكان ئۆزىنىڭ سۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ناھايىتى كىچىككەنلىكىنى، ئىككىنچىلەپ ھەرگىزمۇ سۇغا ئېرشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپتۇ . . .

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 05:50:09

قانداقلا ۋاقىتتا قەدىرلەشنى بىلىش كىرەك.
بەلكىم شۇنداقتۇ...
:L

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:39:33

مەن بۇ ھىكايىنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغان ،بەك ياخشى يېزىلغان ھىكايە بۇ .ئادەمنىڭ بۇگۇننىنى قەدىرلەش ،ئەتىكى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى .

gulhan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:41:03

ئىھتىمال مەنمۇ بىر ئىستاكاندۇرمەن،
بەزىدە قۇرۇقمەن بەزى سۈيۈم لىق.
قىسمىتىم قانداقكىن،بىلمەيمەن ئەمما،
ئاخىرى مىڭ پارە بۇلۇشۇم ئىنىق.

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:30:14

يىقىندا مۇنبەردە سۇ ،بىلىق دىيالوگلىرى جىقىيىپ كەتكەن ،ئەمدى يەنە سۇ بىلەن ئىستاكان چىقىپتۇ ;P،بەلىكىم ھازىر كىشلەر مۇشۇ تۇردىكى تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلارغا ئىھتىياج ئوخشايدۇ ،چۈنكى بۇرۇنلاردا بىۋاستە تەربىيە قىلنغان مەزمۇنلار كۆپ ئۇچىرايتى ،ئەمدى بولسا شەكلى ئۆزگىرەپتۇ ...:lo:P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:16:37

مەنسىى بەكمۇ، بەكمۇ چوڭقۇركەن، ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ......

tamqa يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:48:54

ئۆز-ئۆزىدىن قورقۇپ يۈرۈش ياخشى ئېش ئەمەس

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:21:04

tamqa يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:48 static/image/common/back.gif
ئۆز-ئۆزىدىن قورقۇپ يۈرۈش ياخشى ئېش ئەمەس

چۈشەنمىدىم. ئىنكاسىڭىزنىڭ يازمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارما ؟
بەت: [1]
: قىسمەت