ۋاپادار يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:10:23

ئاياللار ھاياتىدا چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك 15 ئىش



1. بىر نەچچە يېقىن دوست تۇتۇش كېرەك.
    2. ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرگە ياتلىق بولۇشى كېرەك.
    3. رومانتىك بولۇپ بېقىش كېرەك.
     4. بىرەر قېتىم ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشنى قىلىپ بېقىش كېرەك.
    5. بىرەر قېتىم مۇھەببەت قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك.
    6. ئاز دېگەندە بىرەر قېتىم ئۇزۇن چاچ قويۇپ بېقىش كېرەك.
    7. داڭلىق كىشىدىن بىرەرسىنى زىيارەت قىلىپ بېقىش كېرەك.
    8. بىرەر قېتىم قان بېرىش كېرەك.
   9. ھېچبولمىغاندا بىرەر چالغۇ ئەسۋابى چېلىشنى ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك.
    10. ئاممىۋى سورۇندا نۇتۇق سۆزلەپ بېقىش كېرەك.
    11. ھەركۈنى 15 مىنۇت كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
    12. سودىلىق ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ بېقىشى كېرەك.
   13. كۆڭلىدىكى جايغا بېرىپ بېقىش كېرەك.
    14. بالىسىنىڭ ئۆسۈپ _ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.
    15. ھاياتىدىكى پۇشمانلىرىنى يېزىپ بېقىش كېرەك

gulbargi24 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:00:35

بۇ ئىشلاردىن بىر قانچىسىنى قىلىپ باقماپتىمەن.ھاياتىدىكى پۇشمانلىرىنى يېزىپ بېقىش ، بالىسىنىڭ ئۆسۈپ _ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ قويۇش ، بىرەر قېتىم قان بېرىش،داڭلىق كىشىدىن بىرەرسىنى زىيارەت قىلىپ بېقىش دىگەندەك.رومانتىك بولۇشنىمۇ ئونتۇپ قالاي دىگەندەك قىلىمەن.ھەي....تۇرمۇش ئادەمنى بەكلا ئەمىلىيەتچان قىلىۋىتىدىكەن.

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:12:19

بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قىلىپ باقماپتىمەن، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا قىلىپ بېقىشىم مۇمكىن.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:02:31

ھازىرغىچە قان بېرىپ باقمىدىم. (ئەزەلدىنلا قان كەم مەندە)
بىرەر داڭدار شەخىسىنى زىيارەت قىلىپ باقمىدىم.(ئەمما ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپتىمەن)
12 ياش ۋاقتىمدا ئاپام ئىسىكىرىپكا چېلىشنى ئۆگىنىشمنى تەلەپ قىلسا قىززىقماپتىكەنمەن، ھازىر بەكمۇ پۇشايمان قىلىمەن:L
خۇدايىم بۇيرىسا كۆڭلۈمدىكى جايغا بىر بېرىپ باقسام بولاتتى.
  ئاساسەن بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېقىپتىمەنمۇ دەيمەن;P، شاھزادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى تۇغۇلغان چېغىدىن باشلاپلا «بەخت رىسالىسى›› ناملىق كىتابقا يېزىپ كېلىۋاتىمەن. ھاياتىمدىكى پۇشايمانلىرىمنىمۇ ئىچىم سىقىلىپ قالغان چاغلاردا خاتىرەم بىلەن مۇڭداشقاچ يېزىپ قويىمەن.
   ئەمما بۇ چەكلىك ھاياتىمىزدا تېخى قىلىپ باقمىغان ھەم قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىشلىرىمىز كۆپتۇر......

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:54:19

  8. بىرەر قېتىم قان بېرىش كېرەك.
    مەنمۇ زادىلا قان بېرىپ باقمىغان، سەۋەبى قېنىم ئۆزۈمدىن باشقىلارغا ياقمايمىش;P

9. ھېچبولمىغاندا بىرەر چالغۇ ئەسۋابى چېلىشنى ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك.
دۇتتار چېلىشقا شۇنداق قىزىقتىم، ئەمما زادىلا ئۆگىنەلمىدىم، دوستلىرىم چالالمايمەن دېسەم زىنھار ئىشەنمەيدۇ:Q

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:10:17

مەنمۇ نەچچىسىنى قىلىپ باقماپتىمەن.....سەۋەبى تولىمۇ ئېھتىياتچان بولغۇنۇمدا بولىشى كېرەك.

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 04:15:29

ھى ھى ھى
مەن دۇتتاردا ‹‹ئاھ دوستلار خەيىر خوش›› نى چالالايمەن. قان بىرىشتىن باشقىنى قىلىپ بېقىپتىمەن. ;P
بەت: [1]
: ئاياللار ھاياتىدا چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك 15 ئىش