ھايا ۋە ئىپپەت
ھايا ۋە ئىپپەت تەربىيلىك ئاياللارغا ئادەتتۇر. ئەرلەرگە سۆيۈملۈك كۆرنۈشنىڭ ئاساسىدۇر. ئەدەپسىز ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ھاياسىز يۈرۇش_تۇرۇشلىرىغا ئار_نۇمۇسلۇق بىر ئەر كىشىنەپرەت قىلىدۇ . ئايالى ھەرقانچە تېپىلمايدىغان پەرىزات بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ نۇمۇسسىز بولسا، ئەرنىڭ شۇ سائەتتىن باشلاپ ئخلاسى قايتىپ، مۇھەببىتى سوۋۇپ، نەپرەتلىنىشكە باشلايدۇ. چۇنكى، نۇمۇسسىزلىق بىلەن ھاياسىزلىق خەلىق ئالدىدا ھېچقاچان ئەپۇ قىلىنمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئاللاھ قىمۇ دۈشمەن ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، تەربىيلىكئاياللار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۇن، بۇ خىل ھاياسىزلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. ھايالىق نۇمۇسچان كىشى نەقەدەر كەمبەغەل بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەتلىنىدۇ. لىكىن، ھاياسىز _نۇمۇسسىز كىشىلەر قانچىلىك باي، قانچىلىك مەرتىۋىلىك بولغان بىلەنمۇ ئېتىبارى يوقتۇر.شەرم_ھايا ئسلام دەرىخىنىڭ بىر شېخى بولۇپ، شاخلىرى دۇنيادا بولسىمۇ، يىلتىزىجەننەتتىدۇر. بۇ شاخلارغا يېپىشقان زات ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تومۇرلىرىغىمۇ تۇتىشىدۇ. تەربىيلىك ئاياللارنىڭ يۈزلىرىدە ئەكىس ئەتكەن قىزىللىق ھايانىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە چاقماقتەك تەسىر قىلىپ، مۇھەببەت ئۇرىقىنى چاچىدۇ. غەيۋەت_شىكايەت، چېقىمچىلىق، ئۆسەك تېرىش ۋە يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق مىجەزلەرھاياسىزلىقتۇر. تەربيلىك ئاياللار بۇ خىل يامان ئىللەتتىن خالىيدۇر.
ئەگەر پەزىلەتلىك ئاياللار بۇ خىل ئىللەتكە ئۆز تەبىئىتىدىن ئورۇن بىرىدىكەن، گۇناھى ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ. ئاتا_ئانىسىغا، ئېرىگە، يېقىنلىرىغا، يالغان ئېيتقانئايال ئەڭ ئۇچىغا چىققان بۇزۇق ھەم تەربىيسىز ئايال ھىساپلىنىدۇ. پەزىلەتلىككىشىلەر يالغانچىنى ئايال قىلىپ تۇتۇش تۈگۈل، ھەتتا خىزمەتچى قىلىپمۇ ئىشلەتمەس.
سوۋغات نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.
ئەخلاق ئادەم زىننىتى. بۇ كىتاپنى ئىككى قىزىمغا ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم، بەك ياخشى يېزىلغان كىتاپ بۇ، ئايال كىشى بولغۇچى، قىز پەرزەنتى بارلار بىر ئوقۇغۇدەكلا زادى. مەنمۇ ئىلىپ ئوقۇپ باقايچۇ ،ئۈگەنگۈدەك پەندى نەسىھەتلەرنى ئۈگەنگەچ تۇريلى ،بۇ ھەم ئۆزىمىز ئۈچۈن ھەم پەرزەنتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق كەن .:) ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر.
ھايا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ زىننىتى. بىر كۈنى «چېگرا رايون» مېھمانخانىسىدىكى بازاردا، 20 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن شۇ دېمەتلىك بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ زىيادە ھاياسىزلىقىدىن سەسكەنگىدەك، نامۇس قىلغىدەك ئىشنى كۆرۈپ، ئوتتۇرا ياشلىق (مەن بىلەن دېمەتلىك بولسا كېرەك) بىر ئۆزبېك كىشى ئالدىدا خىجىللىقتىن ئۆلەيلا دېدىم. ئۆزبېك كىشى ئايىقىنى مايلىتىۋاتاتتى، ھېلىقى ھاياسىز قىز قوللىرى بىلەن يىگىتنىڭ بوينىغا گىرە سالغان، يىگىتنىڭ قوللىرى قىزنىڭ بېلىدە، قىز يىگىتكە ئىنتىلىپ تىللىرىنى سوزۇپ ھازىرلا يالمايدىغاندەك سىياقتا، يىگىت تومشۇقلىرىنى ئۇچلاپ سۆيۈدىغاندەكلا ئەلپازدا، تېخخمۇ ئادەمنىڭ غەزىبىنى قوزغايدىغىنى بۇ ئىككى ياشنىڭ ھايالىق يەرلىرى بىر-بىرىگە چاپلاشقان بولۇپ مەھكەم سۈركىلىشىۋاتاتتى... مەن بۇلارنى كۆرۈپ غەزەبلەنگەن بولساممۇ ئەمما بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالماي تۇراتتىم، چۈنكى سوقۇشۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى! ئايىقىنى مايلىتىۋاتقان ئۆزبېك ئاخىر بۇ بەدقىلىقلارنىڭ ھاياسىزلىقىغا چىداپ تۇرالماي چالا مايلانغان ئايىقى بىلەن يۈگرەپ كېلىپ :
___ ھاي بەغەرەزلەر، كۈپ-كۈندۈزدەيەم قىلىياتگەن ئىشلەرىڭنى ... گەپىرىدىگەنلەر يوقمى سېنلەرگە؟ ___ دەپ دېۋەيلەپ كەلدى، بۇ بەدقىلىق ياشلار ئۆزبېكچىنى بىلمىدىمۇ يا «سەن نېمىتىڭ» دەپ ئويلاشتىمۇ، بىر-بىرلىرىدىن ئاجرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئاخىر مەن بېرىپ:
___ نېمانداق يەر تاپالمىغاندەك تۈمەنلەپ ئادەملەر ئارىسىدا زىڭلىشىپ قالىسىلەر؟ جايىڭلارغا كېتىڭلار،___ دېدىم. ئارقىدىن خۇددى ماڭا ئوخشاش گەپ قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقان ئۇيغۇردىن نەچچىسى ئولاشتى ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەشتى. شۇندىلا بۇ بەدقىلىقلار ئەتراپىغا قارىشىپ قويۇپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىشتى، ئوزايىدىن ھېچ خىجىللىق كۆرۈنمەيتتى... ھايا ۋە ئىپپەت تەربىيلىك ئاياللارغا ئادەتتۇر. ئەرلەرگە سۆيۈملۈك كۆرنۈشنىڭ ئاساسىدۇر. ئەدەپسىز ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ھاياسىز يۈرۇش_تۇرۇشلىرىغا ئار_نۇمۇسلۇق بىر ئەر كىشىنەپرەت قىلىدۇ
بەت:
[1]