[ئىتوت] ئايدا بىر قېتىم
بۇ تەسىرلىك ھىكايە بىزگە ئائىلە ۋە نىكاھ توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.
http://v.youku.com/v_show/id_XMzIwMTY4Nzcy.html توغرا، بالىلاردا گۇناھ يوق، ھەممىسى ئاتا-ئانلارنىڭ خاتالىقى.
لېكىن، شۇ لېكىن مىنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىشقا قىستايدۇ.
ھەقىقەتەن ئاتا-ئانا بالىلار ئۈچۈن، كەلگۈسى گۈزەل كۈنلەر ئۈچۈن نىكاھنى مۇقەددەس بىلىش كىرەك، توي قىلغاندىكىن ئاجراشمالىق كىرەك. لېكىن توينى تويدىن بۇرۇن سىناق قىلىپ بېقىشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر پەرزەنىتلىك بولغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانا قاملىشالمىسا يەنە شۇ بالا ئۈچۈن تىخىمۇ ئىللىق ماكان ئىزدەش ھوقۇقى يوقمۇ؟ بۇ جاھاندا نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ، قايتا توي قىلغانلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالىدىغانلار قالمىدىمۇ؟
مىنىڭ ئاجراشقانلارنى ئاقلاش نىيىتىم يوق، ئاجىرىششنى تەۋسىيە قىلىش نىيىتىممۇ يوق. لېكىن جەميەت، شۇ جەميەتنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلار ئاجرىشىش ئاتلىق ئۇقۇمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.
مەن تۇنۇيدىغانلار ئىچىدە ئاجىرىشىپ قايتا توي قىلغانلار خىلى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىگە قول قويماي تۇرالمايمەن. ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئائىلىسىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقلرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، كىيىنكى ئىللىق ئائىلىگە جەم بولغان بالىلارنىڭ تەبەسسۇملىرى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
شۇ بالىلارنىڭ كۈلكىسى يالغانمىدۇ؟ ئۆگەي دىگەن شۇنداق ئەسكىمىدۇ زادى؟ گەپنىڭ راستىنى ئېيىتسام، مەن ئەدەبى ئەسەرلەردە، كىنو-فىلىملەردە كۆرگەندىن باشقا، رىياللىقتا ئۆگەينىڭ ئۇنچە ئەسكى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىم. بىز كۆنۈپ كەتكەن قاراشلىرىمىز ھەققىدە كاللىنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىپ باقساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
قېرىنداشلار، جاھاندا ياخشىلار يەنىلە كۆپ، گەپ بىزنىڭ شۇنى سىزەلىشىمىزدە، ياخىشىلارنىڭمۇ ياخشى كۇن كۆرۈش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىتىراپ قىلىشىمىزدا... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Insan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:09
بۇ ئىتوت راستىنلا بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ!:victory: Insan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:08 static/image/common/back.gif
توغرا، بالىلاردا گۇناھ يوق، ھەممىسى ئاتا-ئانلارنىڭ خا ...
ئورۇنلۇق پىكىر. خۇددى سىز كىشلەرنى ئاجرىشىشنى تەۋسىيە قىلمىغاندەك، كەمىنىمۇ ھەم ئىككىنچى نىكاھقا قارشى ئەمەسمەن.
مەنمۇ نىكاھ توغرىسىدا ئويلىيالغىنىمچە كولدۇرلاپ باقاي.
بىر نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ كەينىدە يەنە بىز سەزمىگەن (ئاللاھ ئىگەم ئۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئوشۇقراق كىشلەرنىڭ ئازابى بولىدىكەن. ئەر، ئايال، پەرزەنتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە جەمەتى ۋە باشقا ئۇلارغا بەخىت تىلىگۈچىلەر.
نىكاھ مەسلىسىگە كەلسەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، نىكاھ، ئائىلە ۋە ھېسيات مەسلىسىنى ئانالىز قىلىشى كېرەك. شەھەرلىشىشكە ئۈلگۈرمىگەن سەھرايىمدا ئاتا-بوۋامدىن ئۇدۇم قالغان نىكاھ قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان كىشلىرىمىز بار. قوپال، رومانتىكىسىز ۋە ئېرەنسىز تەسىر بېرىدىغان بۇ " ئەرلەر ئەزىز" ئىدىيىسىدە ياشاۋاتقان ئەرلەر ۋە ئاياللار جاپالىق، قوپال ئاھانەتلىك تۇرمۇشتا ياشىسىمۇ، ئەمما تەڭ قېرىپ تەڭ كېتىپ بارىدۇ. ئۇلارمۇ ھەم ئۆزلىرى بۇخىل تۇرمۇشقا رازى بولۇپ ياشايدۇ. چۈنكى ئەشۇ جاپاكەش خاتۇنلارنىڭ كاللىسىغىمۇ بۈۋىلىرىدىن " خاتۇن كىشى تولا ئەقىللىق بولسا ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ" دەپ سىڭدۈرۋەتكەن.
ئەلۋەتتە بۇ تېمىدىكى مەسىلە ھەرگىز بۇ ئەمەس. نىكاھ ۋە ھېسيات مەسلىسىگە كەلگەندەك مېنىڭ يەنە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تۈگىمەس تالاش تارتىشلارغا پىلىك يېقىپ بەرگۈم يوق. بۇنداق تالاش تارتىشلاردىن تولىمۇ بىزار بولدۇق ھەم زېرىكتۇق.
ئەمدىكى گەپ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمنىڭ بەندىسىگە قايسى قىسمەتلەرنى پۈككىنىدە. بەزىدە تەقدىرنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. ئۆزگەرتەلمىگەن ئىكەنمىز شۇنىڭغا ماسلىشىشىمىز كېرەك. ماسلىشىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئۆزىمىزنىڭكىگە ماسلاشتۇرۇپ ياشاش. يەنە بىرى، ئۇنىڭغا ماسلىشىش. ئەگەر بۇلاردىن ئىككىلىسى بولمايدىكەن ئېنىقكى ئۇ ھېسياتقا ھامان بىر كۈنى دەز كېتىشى مۇقەررەر.
ھېسياتنى قەتئىي مەجبۇرلىغىلىمۇ بولمايدۇ. مەجبۇرىيلىك بىلەن بولغان ئىش، ھامان كىشىنىڭ مەنىۋىيلىكى ۋە جىسمانىيلىكىنى ھەددىدىن زىيادە خورىتىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا مىجەزى چۇس، تەپەككۈرى ئاجىز قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى كۆپ ئازاب تارتقۇزماسلىق كېرەك . بەلكىم ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇپ ئىككى تەرەپنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنىنى ياخشى ئانالىز قىلىشمۇ پايدىلىق ئۇسۇلدۇر. تەنھا ياشاش بىرگە ياشاشتىن كۆڭۈللۈك ۋە تېخىمۇ توغرا تاللاش بولسا، بەلكىم بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىدىكى ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىشىمۇ مۇمكىن.
بەت:
[1]