ۋاپادار يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:23:13

ئەرلەرگە پايدىلىق توققۇز تۈرلۈك يېمەكلىك

1 . پەمىدۇر؛   پەمىدۇردىكى چۈچۈمەل تەم ئاشقازان كېسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، پەمىدۇر ، تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن  بولۇپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە .
2 . سېرىق پۇرچاق؛  دائىم سېرىق پۇرچاق  يەيدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، سېرىق پۇرچاق ئەرلەردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
3 . كاۋا ئۇرۇقى؛  تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، مەزى بېزى يوغىناپ كەتكەن ئەرلەر كاۋا ئۇرۇقىنى كۆپ يەپ بەرسە ، سۈيدۈك قېتىم سانىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4 . سەۋزە؛  سەۋزە ھەزىم قىلىنغاندىن كىيىن تەركىبىدىكى كاتورىن ۋىتامىن   غا ئۆزگىرىپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھۈجەيرىلەردە يامانلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى تېزگىنلەپ ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
5 . دېڭىز مەھسۇلاتلىرى؛  دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
6 . سامساق؛   سامساقنىڭ كۈچلۈك باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋېتامىن   نىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ .
7  سۇ؛  ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ 75 % سۇ بولۇپ ، سۇ مىقدارى باك ئاز بولسا ئاسان چارچاش ھەمدە ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
8 . يېشىل چاي؛    يېشىل چاي تەركىبىدە ۋېتامىن   مول بولۇپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
9 . قىزىل ھاراق؛   قىزىل ھاراق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار مول بولۇپ ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

مەنبە- تەرمىلەر ژورنىلى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:02:21

شۇڭا مەن ئىچسىمۇ قىزىل ھاراق ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرىمەن. بىرىنچىدىن يۈرەككە پايدىلىقكەن، ئىككىنچىدىن كەيپىياتنى تەڭشەيدىكەن. ئۈچىنچىدىن رومانتىكلاشقىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ.:P

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:27:43

:lol4جىدىن ئاچچىق ئەمەسكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsan@axik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:28  

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:28:44

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:02 static/image/common/back.gif
شۇڭا مەن ئىچسىمۇ قىزىل ھاراق ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تۇ ...

قەھۋە جانىم، ما ئىنكاسىڭىزنى خاتا ئوقۇۋالغان بولماي يەنە؟:o
ئىچسىمۇ قىزىل ھاراق ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن دەيسىزا؟ ھاراق دېگەننىڭ ئۆزى زەھەر تۇرسا ئىچىمەن دېسە قىزىلىنى ئىچىڭ دەپ تەۋسىيە قىلىدىغان گەپما؟ يەنىلا قەتئىي ئىچمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىڭ.

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:03:34

بۇلار ھەممىسى مەن ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەركەن.....
ئاۋۇ..............توققۇززۇنچىسىدە
ياراتقۇچى ئۇلۇغ تەڭرىم ئادەمنىڭ ئە قلىنى  ئازدۇرىدىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلدى شۇڭا ئامال با ئىچمەيلى.
بەت: [1]
: ئەرلەرگە پايدىلىق توققۇز تۈرلۈك يېمەكلىك