رىسالەت مەردان شېئىرلىرىدىن
ھەسەل چايزاماندىن زامانلارغا ئېقىۋاتىمىزقولىمىزدا باردۇر ھېچنىمەساقلىۋاتىمەن كەلمەس بىرسىنىمەن كۆزۈمنى تىكىپ ئىشىككەئۇ چاغداھەسەلدىن بىر تامچە تامسا چېيىمغايۈرەككە تاماتتى مىڭ تامچە ئازابھازىر مەن ھەسەلگە ئامراق بوپ قالدىمئۆتمۈشتىكى كۈنلەرنى ئويلاپھەسەل چايئۆتكەندى نەملەپ قۇرغاق ھاياتنىئەسلىمە قېپ قالدى مېنىڭدە پەقەتئويلايمەن يۆلىنىپ دېرىزە تامانقەيەردىن كەلگەندۇ مەندىكى خىيالقەيەردىن كەلگەندۇ يۈرەكتىكى تاشھەسەل چاي ئىچىۋاتىمەنتومۇر-تومۇرۇمغامۇھەببەتلىك بىر خىيال تاراپ
....
زۇكام
زۇكام-بىر خىل بۇرۇقتۇم تۇيغۇ
ئۆيدە تۇرۇپ خىزمەت ساقلاشقا ئوخشاپ كىتىدۇ
بېشىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ
دېرىزىگە قارىدىم ئۇزاق
خىيالىمدا مەن ئىگىز ئۇچقان قۇش
ئاققۇلارنىڭ ئاپئاق قانىتى
قۇمللۇقلارنىڭ ئىگىز ئۆركىشى
قۇياش يورۇتىدۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى
مەن ئۆزۈمنى ئويلايمەن تىنماي
مەن زادى كىم ؟
باشقىلار مېنى نىمىدەپ ئويلار
ئاي يورۇقىدا، شام يورۇقىدا
كۈزىتەمدۇ مېنى يا ئۇلار ؟
ياپراقلىرى چۈشكەن دەرەخنىڭ
سايىسىدا ئولتۇردۇم بىر پەس
ئىشىك ئالدىم كەڭ
كەڭرى گۇيا مېنىڭ كۆڭلۈمدەكزۇكام --بۇرنۇم پۈتۈپ قالدى،
ئاۋازىممۇ چىقماس جاراڭلىق
ئاققۇلار ئۇچۇپ ئۆتتى ئالدىمدىن
مەن بىر ئادەممەن، بىر تال ھاياتلىق.....
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە
مەن پىشقان، تاماقنى مەززىلىك ئىتەلەيدىغان ئايالغا ئايلاندىم
ساڭا لەغمەن ھەققىدە جىق ھېكايە دەپ بىرەلەيمەن
تاغلارنىڭ بۈيۈكلىكى ھەققىدىكى گەپلەرنى دەپ ئولتۇرۇپ
مۇلايىم، يۇمران مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلىشقا تىرىشىمەن
ئۆسكەن ساقاللىرىڭ ماڭا قەھىرلىك مۇھەببەتتەك بىلىنىدۇ
ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا
مەن ھېلىقى سۇئالنى سەندىن سوراپ سېنى كۈلدۈرۈپ سالىمەن
سوپۇن مازغىپى سۈرۈلگەن يۈزۈڭگە سۆيۈپ قويغۇم كېلىدۇ
تۇرۇبىدىكى سۇلاردەك سەن تامان جىمجىت ئاققۇم كېلىدۇ
ئۈن-تىنسىز مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن باغرىمنى يەرگە ياققۇم كېلىدۇ
قۇياش بىز تەرەپكە ئۆرلىدى، قارا ئۇنىڭ سايىسى كۆڭلۈڭنى خىرەلەشتۈرمىسۇن
ئاي شولىسىدىكى دەملەرگە يەنە بىر نۆۋەت قايتقۇم كېلىدۇ
ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىگە ھېكايىمىزنى ياپقۇم بار
ئىككىمىزنىڭ بۇ دۇنياسىدا
سېنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ
تۇغۇلغان كۈنۈڭ ھەققىدە چۆچەك توقۇۋاتىمەن، بىلسەڭ ئەزىزىم
سوۋغا قىلغان گۈلۈڭگە سۇ قۇيۇپ قويدۇم چىن مېھرىم بىلەن
ئايال، مەن بۇ دەمدە سەن ئۈچۈنلا بىر لەرزان ئايالغا ئايلاندىم
سەنلا بىلىسەن، مېنىڭ قايغۇلىرىمنى
بۇقۇلداپ يىغلاپ نىمىلەر ئۈچۈن ۋايىم يەيدىغانلىقىمنى
پەقەت سەنلا بىلىسەن
تۇغۇلغان كۈنۈڭدە
سەن يوق شامسىز كىچىدە سېنى ئەسلەپ بۇ شېئىرنى يازغانلىقىمنى .
دادا سېنى سېغىندىم
دادا سېنى بەكلا سېغىندىم
كۆز ياز بولۇپ بالقىدى ئازاپ
مەيدەمدە بىر نەرسە كۆيدى لەپىلدەپ
تېلىفۇندا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ
دادا، دادا، جان دادا
ئىسىڭدە بارمۇ مەن تۇغۇلغان چاغ
خوش بولغانمۇ شۇ كۈنى بەكلا
قوللىرىڭدا ۋىلىقلاپ كۈلسەم
كىتەر دىگەنمۇ يىراق-يىراققا
سەن يەنىلا ئۈمىد ئىلكىدە
سەن يەنىلا مەندەك سەپىرا
سەن يەنىلا قىرىق ياشلىقتەك
ئېتىزلاردىن كەلمەيسەن يانا
دادا سېنى سېغىندىم بەكلا
كۆز يېشىمدا يازدىم مىسىرا
سېغىنىشتا ئۆكسۈيمەن ئۇزاق
سالامەت بول دەيمەن پەقەتلا. ئۆسكەن ساقاللىرىڭ ماڭا قەھىرلىك مۇھەببەتتەك بىلىنىدۇ
ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا
مەن ھېلىقى سۇئالنى سەندىن سوراپ سېنى كۈلدۈرۈپ سالىمەن
مەن بۇ مىسرالارنى شۇنداق ياقتۇردۇم، بەك تەبىئىي تۇيغۇ. دائىم ساقىلىنىڭ ئۆسۈپ كەتكىنى بىلەن قالىمەن، پەقەتلا ئۆسۈپ قېلىشىغا يول قويغۇم كەلمەيدۇ.
قارىغاندا ئايدار خانىم ساقال قويغاننى ياقتۇرىدىكەندە.:lol
ئۆيدە تەييار تاماق يىيىش
رىسالەت مەردان
قىزىم چاي دەملەيدىغان بولدى
ئۇ پەلەينى كىيىپ
قايناقسۇنى چەينەككە قۇيغاندا
ئىسسىق چاي ھورى
نەمدىدى مېنىڭ قۇرغاق قەلبىمنى
<<ئانا، چاي دەملەپ بىرەي ئۆزۈم،
ماقالىڭىزنى يازسىڭىز بولمامدا؟>>
بىر تال ئەتىرگۈل پۇرەكلىمەكتە
ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىدا
قىزىم چوڭ بوپتۇ، قىزىم چوڭ بوپتۇ،
ئانام نىمىلەرنى ئويلىغان بولغىيتى
مەن تۇنجى شېئىرنى يازغاندا...
ئىسسىق تۇيغۇلارغا چۈمۈلگىنىمدە
بىر تەخسە لەغمەن كەلدى ئالدىمغا....
مەدەنىيەت
بىز ئۇچراشتۇق سوغۇق كوچىدا
بېشىڭدىكى زەرلىك ياغلىقىڭ
ئىسسىتىپ تۇراتتى بىزنى ئارىدا
پاكىز، سۈزۈك، نۇرلۇق بىر ۋۇجۇد
ئۆرلىمەكتە يوقىرىغا ئاستا
سۆزلەشتۇق ئۇزۇندىن ئۇزۇن
ھېكايىمىز تۈگىمەس
داۋاملىشار ھاياتتەك گويا
بىر پىيالە چاي ئىچتۇق
ئىچتۇق مېھىر بۇلىقىدىن سۇ
ئۇسسۇز ئىدۇق ئۇزۇندىن بۇيان
ئاياللار، گىرىم، پايپاق ۋە ئاياغ
مەۋجۈتلىقىمىزغا سالىدۇ ئۇۋا.
يول سورايدۇ ناتۇنۇش بىرى
قولتۇقلىشىپ ماڭساق كوچىدا
ئەتىر، سوپۇن، يۈزماي، سۇرۇخلار،
پاقىرايدۇ ئارىدا تۇرۇپ
شەنەل-بەشىنچىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم
مىھىر-مۇھەببەتتەك پۇرىدى
ئىككىمىز خوشال كۈلۈشتۇق
سەن بىر تال چوغلۇق گۈلىسەن
ئىللىققىنە ئېچىلغان
مەن بىر قامچا گۈل
ئىگىزلىككە ئۇزارغان
ئىككىمىزنىڭ ئارىسى
چەكسىزلىك ياكى بىر چىكىتتۇر
بىر ئىستاكان چايدۇر ئېھتىمال.
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە
قاراڭغۇلۇق كىچىنىڭ جاراھىتى (1)
مەن قاراڭغۇلۇقنىڭ كۆزى
بىر قولدۇر، ئۇ بىر قول
قاراڭغۇلۇقتىن ماڭا سوزۇلغان.
يېرىم كېچىدە
تاشتەك قاتتىق خىيال ئىچىدىن
تارتىپ چىقتىم ئۆزۈمنى جىمجىت
قاراڭغۇ تۈن قىستالماقتا
دېرىزەمنى چىكەر تۈن كۈيى
مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ
بېشىمنى قىيسايتىپ
قاراپ قويدۇم قارا كىچىگە
مۈشۈك بار يا يوقلۇقىنى بىلمەك بولۇپ
بىر تال سۈزۈك ئەسلىمە
ئېقىپ كىرەر مىڭەمگە
ئۇيقۇ پەرىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ
كۆمۈشرەڭ تۇيغۇ
كۆمۈشرەڭ مىسىرالار
تىزىلىدۇ قارا كىچىدە
جاراھەتنىڭ ئاغىزىدىن ئاققان
بىر تامچە كۆز يېشىدەك ۋە ياكى
بىر ئادەمنىڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىدەك...
ئاھ قارا تۈن
مېھرىم بىلەن سېنى سىلىدىم
سىلىدىم ھەتتا جاراھىتىڭنى
(1) بۇ خەيزىنىڭ مىسىراسى
ياغلىق دۇكىنى
مەن كىملىكىنى تونۇپ بولغىلى بولمايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا
ياغلىق دۇكىنى ئالدىدا
ياغلىق تاللاۋاتقان بىر توپ شايارلىق ئايال
چۇۋۇلدىشار ياغلىقلار ئارا
-قىزىل، يېشىل، سۈترەڭ ياغلىقلار
سېتىلىۋاتقان، سېتىپ ئېلىۋاتقان تۆت چاسا رەختكە
كۈڭۈل چوڭقۇرىدا بىر مۇھەببەت بار
ياغلىق ساتىدۇ كىتابخۇمار ساتقۇچى
ياغلىقلار ئىچىدە
ئۇ بىر تال ئاق كۈنلۈك
كۆزلىرىدە ياغلىقنىڭ سۈرى
ياغلىق ئالغان ، چەگكەن ئاياللار
ياغلىق دۇكىنىدىن
قارلىغاچقا ئۇخشاپ
ئۇچۇپ چىقار پايانسىز كۆككە
ۋە قايتىپ چۈشۈپ زىمىن يۈزىگە
ياغلىقىنى مەھكەم تېڭىپ
قايتار بازاردىن
قايتار ئۆيىگە
بىر يورۇق يۇلتۇزدەك
بىر ئاينىڭ پارچىسىدەك
قۇياش نۇرىدەك
ياغلىق ئىچىدە نۇر چېچىپ راسا....
مەن ھازىر ئۆزۈمنى شائىر دەپ ئويلىماس بولدۇم
تەبىئەت يازغان مىسىرالارغا باققان چېغىمدا
ئۆزۈمدىكى بارلىق ئەسلىمە تىكەنلىرىنى يۇلۇپ ئېلىۋەتتىم
كەلگۈسى قانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ
مەن ياپىرىم...جەمشىد دەپ تۇرمۇش تاۋكاسىدا يەڭ تۈرگەن بولساممۇ
بىرەر مىسىرا شېئىرىمدا ئۆزۈمنى قالدۇرمىدىم.
مەن شائىر ئەمەس
مەن شائىر ئەمەس
شېئىر مىسىرالىرى قولۇمدىن چىقىپ كەتسىلا
ئاققۇ قانىتىغا پۈتۈلسىمۇ
يۇندا كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ
سەھەردىكى كۆكتات ساتقۇچىنىڭ سىۋىتىدە ئۇخلاپ قالسىمۇ
ئۇ مېنىڭ ئەمەس باشقىلارنىڭ بولىدۇ.
مەن ئۆزۈمنى شائىر ھېسابلىمايمەن
باھادىرنامىنى ئوقۇيمەن
بىر تال قەنىت سالغان قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرۇپ
قۇياش نۇرىنى تاماشا قىلىمەن
ئاندىن ئىسقىرىتقىنىمچە ئۆيگە كىرىپ
ئۆزۈم ئۈچۈن بىر مىسىرا يازىمەن...
پەقەت بىر مىسىرا. قۇمدىكى يامغۇر
رىسالەت مەردان
تامچىلايدۇ ئىسسىق يامغۇر تامچىسى
ئارقىدىن كېلىدۇ بوران ئەلچىسى... قۇمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ
شېئىر مىسىرالىرىدەك يېيىلىمەن ئۆزۈمگە.
قۇم قىززىق، مەنمۇ ئىسسىق
يامغۇر ياغاي دەيدۇ ياغالمايدۇ
مەن شېئىر يازاي دەپ
يازىمەن ئۆزۈمدەك ئۇزۇن بىر مىسىرا
يۇلغۇنلار شىرىقلايدۇ
تۇغراقلارنىڭ تەبەسسۇمىدە
قۇياش نۇرى يالتىرايدۇ.مەن ئاسمانغا قارايمەن ئۈنسىز
قۇملار چەكسىز، بەك چەكسىز
بىر تال قۇم بولغۇم كەلدى
يىيىلىپ ئۆزۈمگە، بولۇپ بىر دېڭىزقۇم ئارا يامغۇرنى كۈتمەك شۇنچە تەس
قۇم ئارا سېنى ساقلىماق ئاسان
مەن بىر قۇم، سەن بىر تامچە
يۇغۇرۇلۇپ كېتىمىز يېيىلسا ئاسمان. ياغماقتا رەھمەت يامغۇرى
ئىسسىق، قاغجىرىغان قۇمغا
مەن قولۇمنى چىقاردىم
ئۇزاتتىم جىمغىنە ساڭا...
قارىغاي بىلەن قۇم ئارىسىدا يۈرىكىمدىن مېھرىمگىچەقارىغاي بىلەن قۇم ئارىسىداسالقىن شامالقارىغايلارنىڭ مىدىرلىماس يوپۇرمىقىسۇغۇق كۈچلۈك قۇياش نۇرىپارغا ئايلىنىۋاتقان كۈلىۋاتقان غەملەر مەن ئۆزۈمنى ئەللەيلەنگەندەك ھېس قىلدىممۇزىكىنىڭ يۇمشاق تىنىقىتاغ ھوجىرىسىدىن ئېقىۋاتقان ياپيىشىل سالام مەن ئۇخلىماقچى ئىدىمئۇخلىيالمىدىم ئەمما جىمغىنەئويغىتىدۇ مېنى بىر ئاۋازيۈرىكىمنىڭ تەكتىدىن چىققان. قارىغاي بىلەن قۇم ئارىسىدامىڭ يىللىق مۇساپەبىر تىنىقتا چىققان بىر مىسىراسوزۇلۇپ ياتارئەركەك شىردەك زەردىسى بىلەن....
مەن شائىر ئەمەس
مەن شائىر ئەمەس
شېئىر مىسىرالىرى قولۇمدىن چىقىپ كەتسىلا
ئاققۇ قانىتىغا پۈتۈلسىمۇ
يۇندا كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ
سەھەردىكى كۆكتات ساتقۇچىنىڭ سىۋىتىدە ئۇخلاپ قالسىمۇ
ئۇ مېنىڭ ئەمەس باشقىلارنىڭ بولىدۇ.
مەن ئۆزۈمنى شائىر ھېسابلىمايمەن
باھادىرنامىنى ئوقۇيمەن
بىر تال قەنىت سالغان قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرۇپ
قۇياش نۇرىنى تاماشا قىلىمەن
ئاندىن ئىسقىرىتقىنىمچە ئۆيگە كىرىپ
ئۆزۈم ئۈچۈن بىر مىسىرا يازىمەن...
پەقەت بىر مىسىرا.
بەك ئوماق بۇ دوستىمىز ....بەك ئۇزاق بەك ئۇزاق بوپتۇ مۇڭداشمىغىلى ئانارخېنىم : ئاللا خالىسا يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈشۈپ قالارمىز... Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:31 static/image/common/back.gif
ئانارخېنىم : ئاللا خالىسا يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆ ...
بۇ گەپ راستمۇ ئادىشىم، قىزغىن ياق جان- جەھلىم بىلەن قارىشى ئالىمەن، ئالىمىز:P ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن، رومانىڭىز بازارغا تېزرەك سېلىنسا بولاتتى، بەكلا تەققەزا بولۇپ كەتتىم:) بارىدىغان ئىش بولسا خەۋر قىلىۋىتىپراق ماڭىمەن. ھەممىڭلارنىڭ ئالدىمغا تولۇق چىقىشى ئۈچۈن... بۇمۇ بولغىنى ...شۇ باھانىدە تورداشلار بىر بايراملىق يىغىلىش قىلىۋېتەمتۇق يە ؟:lol
بەت:
[1]
2