ئۇيقۇچانلىق ساغلاملىققا زىيانلىق
ئۇيقۇچانلىق ساغلاملىققا زىيانلىقتۇرمۇش رېتىمى تېز، خىزمەت جىددىي بولغان ھازىرقى دەۋردە، يېتەرلىك ئۇيقۇ پائالىيىتىمىزدە كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇيقۇ ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، بەدەن ساپاسى ھەم زېھنىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، نۇرغۇن ئاياللار كۆپ ئۇخلاشنى ساغلاملىققا پايدىلىق، دەپ قاراپ، ۋاقتى بولسىلا ئۇخلايدۇ. ئەمما نورمىسىز ئۇيقۇ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپلىك بولۇپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمىگەندە، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، ھورمۇننىڭ ھەرىكىتىدە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە، ھورمونلارنىڭ ھەرىكىتى كۈندۈزى تۇرغۇن، كېچىسى تۆۋەنلەيدىغان ھالەت كېلىپ چىقىدۇ، كېچىسى ئۇزاققىچە ئۇخلىيالماسلىق كۈندىزى كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ھارغىنلىق ھېس قىلىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا كېسەل بولىدۇ.
ئەتىگىنى ھۇجۇرىنىڭ ھاۋاسىدا زور مىقداردا باكتېرىيە، كاربون (IV) ئوكسىد ھەمدە چاڭ توزانلار بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مۇھىتتا ئۇزاق ئۇخلىغاندا، نەپەسلىنىش سېستىمىسى ئاسانلا زەھمىلىنىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ.
ماقۇل، مەن كۆپ ئۇخلىماي...:o مەن ئۇيقۇغا بەك ئامراق بۇلۇپتۇ كۇندۇزى ھەي بۇ ئۇيقىنى قانداق قىلىش كېرەك.....مېنىڭ ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس. ياپۇنلۇقلارنىغۇ خىزمەت ئالدىراشلىقىدا ئاران 3-4 سائەتلا ئۇخلايدۇ دەيدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىسام سەل خاتىرجەم بولۇپ قالىمەنكەن... ئۇيقىنىڭ گېپىنى قىلماڭلار :Q
ئۇخلايدىغانلارغا ئۈنلۈك دىكلاماتسىيە قىلىپ بەرسەم ئاڭلىمىدى :@:Q ئۇخلاپ كۆنۈپ قالدىم، قانداق قىلامەن ۋاي ۋاي ئوخلىساقمۇ بولمىسا ئوخلىمىساقمۇ بولمىسا :o esil يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:29 static/image/common/back.gif
ۋاي ۋاي ئوخلىساقمۇ بولمىسا ئوخلىمىساقمۇ بولمىسا
كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئويغاق يېتىڭ جانىم ;P نۇرمال ئۇخلاش ئادەمنىڭ ،ئارتۇق ئۇخلاش ھايۋاننىڭ ئىشى دەپ ئېيىتقان بوۋام موماملار.
بەت:
[1]